مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇ دىنغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار بايراملىرى مەيدانغا كەلگەنىدى. روزا ھېيتى شۇلار جۈملىسىدىندۇر. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار 2-ماي كۈنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلاردىكى مەسچىتلەرگە بېرىپ، ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى. بۇ كۈنى نامازدىن چىقىپ، ئادەتتىكىدەك قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىپ، ئاندىن ئاتا-ئانىسىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىدى. ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان «مۇزەممىن» مەسچىتىدە ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزى ئوقۇدى. روزا ھېيت نامىزى يەرلىك ۋاقىت سائەت 7 دە باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار، شۇنىڭدەك قازاق، تۈرك ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرى قاتناشتى. نامازدىن كېيىن ناغرا، كاناي ۋە سۇنايلار چېلىنىپ، كۆپچىلىك ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، بايرام باشلىنىپ كەتتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ باش يىگىت بېشى ئازاد ئىبراھىموف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مانا روزا ھېيتى ئۈستىدە تۇرىمىز. روزا ھېيتى نامىزىنى ئۆتەپ، يۇرت-جامائەت بىلەن كۆرۈشتۇق. ئىككى يىل داۋامىدا ۋابا ۋاقتىدا مەسچىتلىرىمىز يېپىلىپ، جۈمە نامازلىرى تاقالغانىدى. روزا-رامزان داۋامىدا ناھىيەنىڭ يېتىشەلمىگەن ئائىلىلەرگە قولىمىزدىن كەلگىنىچە ياردەملەرنى قىلدۇق. بۇ يۇرتىمىزنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىقىدۇر. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يۇرتىمىزنىڭ نامىدىن پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ھېيت بايرىمى بىلەن مۇبارەكلەيمەن».
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوستلۇق مەھەللىسى «مۇزەممىن» مەسچىتىنىڭ ئۇستازى بەخىتجان ھەمرايېف ئەپەندى بۇ يىل رامزان ئېيىدا مەھەللە ۋە ناھىيە بويىچە كۆپلىگەن خەيرى-ساخاۋەتلىك ئىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يىلقى بولغان روزىدا بىزنىڭ مۇسۇلمانلىرىمىز، ئاساسىي جەھەتتىن ياشلىرىمىزنىڭ قانچىلىك تۈزۈلۈپ كەتكەنلىكىنى سېزىپ قالدۇق. بۇرۇنقى ۋاقىتتا ياشلىرىمىز كېلىپ، بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشىپ، تېلېفونغا قاراپ ئولتۇراتتى. بۇ قېتىملىق روزىدا ياشلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ناماز ئوقۇپ، نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىپ، شۇنداق بىر ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئادا قىلدى. شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئىككى يىل ۋابانىڭ دەردىنى كۆرگەندىن كېيىن باشقا ياقتا قىينىلىۋاتقانلارنى كۆرۈپ، بىز نېمىشقا شۇلار توغرىلىق ئويلىمىدۇق دەپ، ئاساسىي جەھەتتىن ۋەتىنىمىزدە قىينىلىۋاتقان، ئەرەب مەملىكەتلىرىدە ئاچارچىلىقنىڭ، ئۇرۇشنى دەردىنى تارتىۋاتقان يېتىم-يېسىرلارغا ئاتاپ دۇئا قىلدى. يەنى شۇلارنىڭ دەردىنى چۈشەندى».
بەخىتجان ھەمرايېف بۇ قېتىمقى ھېيت نامىزىنىڭمۇ بۆلەكچە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى بۈگۈن سەھەردە باشقىمۇ قازاقىستانلىق مۇسۇلمانلار قاتارىدا ئۆزى ياشاۋاتقان سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ مەسچىتىگە بېرىپ، خاتىرجەم ھېيت نامىزىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە قەبرىستانلىققا بېرىپ، ۋابادىن ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلغانلىقىنى، يۇرتداشلىرىنىڭ ئۆيگە ھېيتلاپ كېلىپ، بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، ياش ۋاقىتلىرىنى ئەسلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭمۇ شۇ قاتاردا قۇربان ھېيتىمىز بار. يەنە بىر ئەڭ كاتتا بايرىمىمىز بولىدىغان. ئۇ مۇستەقىللىق. بىزنىڭمۇ بىر چاغلاردا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىز بولغان. مەن ئۇ ۋاقتىدا ئۇيغۇرىستاندا ياشايتتىم. شۇ ۋاقىتلار يادىمغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ۋاقتىدا بالىلىق ۋاقىتلىرىم. شۇ ۋاقتىدا روزا رامزاندا ھىسام قۇربان ناغرا چېلىشنىڭ پىرى ئىدى. بېرەر مىڭ ئادەم نامازدىن قايتىپ چىققاندا چالاتتى. بولۇپمۇ ساما ئۇسسۇلىغا چالغاندا قېرى-ياشلار ئورنىدا تىنچ تۇرالمايتتى. كېيىن بۇنىڭ ھەممىسى تەتۈر ھەرىكەت بىلىندىمۇ، ۋەتەندە روزا تۇتىدىغان ئىشمۇ يوق بولدى، ناماز ئوقۇيدىغان ئىشلارمۇ چەكلەندى. شۇ ۋاقتىدا دۈشمىنىمىز بولغان خىتاينىڭ پەيلىنى بىلەتتۇق. شۇنىڭغا چىدىماي، بىز ۋەتەننى تاشلاپ چىققانىدۇق. خۇددى ئۇيغۇرىستاندا غۇلجا شەھىرىدە چېلىنىدىغان ناغرىلار قازاقىستاندا دوستلۇق مەھەللىسىدە ناغرا چالغىنىنى ئاڭلاپ، بالىلىق ۋاقلىرىم يادىغا كېلىپ تۇرىدۇ».
ئىگىلىشىمىزچە، روزا ھېيتى، قۇربان ھېيتى بايراملىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىلىرى ئۇيغۇرلار تۇرىدىغان باشقىمۇ يېزا ۋە شەھەرلەردە ساقلانغان بولۇپ، بۇ، كۆپچىلىككە، بولۇپمۇ ياشلارغا ئالاھىدە بىر كەيپىيات، مىللىي روھ بېغىشلىماقتا. شۇنىڭدەك مۇنداق ئەنئەنىلەر ئۆزىنىڭ تەسىرىنى باشقىمۇ مىللەتلەرگە يەتكۈزمەكتە.