قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تەرەققىياتلىرى قۇتلۇقلاندى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.07.06
almuta-axbarat-yighini-02

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈنىگە بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

almuta-axbarat-yighini-01

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈنىگە بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

almuta-axbarat-yighini-03

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈنىگە بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

almuta-axbarat-yighini-04

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈنىگە بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

almuta-axbarat-yighini-05

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈنىگە بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

almuta-axbarat-yighini-06

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈنىگە بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

almuta-axbarat-yighini-07

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈنىگە بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

almuta-axbarat-yighini-08

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈنىگە بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

almuta-axbarat-yighini-09

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈنىگە بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

قازاقىستان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەتبۇئاتى دۇنياغا كەلگەن ۋە تەرەققىيات يولى ئاچقان مەركەزلەرنىڭ بىرى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇر تىلىدا نەچچىلىگەن گېزىتلەر ۋە ژۇرناللار پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

يېقىندا قازاقىستاندا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خادىملىرىنىڭ كەسپىي بايرىمىغا بېغىشلانغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خادىملىرىمۇ ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق ئۆيىدە جەم بولۇپ، تەنتەنىلىك يىغىنغا قاتناشتى.

قازاقىستاندا 2011-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى مەزكۇر كۈن بايرام سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. بۇ كۈننى تاللىۋېلىشنىڭ سەۋەبى 1991-يىلى 28-ئىيۇندا شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى «مەتبۇئات ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەققىدە» قانۇن قوبۇل قىلغانىدى.

ئالمۇتادىكى مەزكۇر تەنتەنىنى قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇردى. ئۇنى مەركەز قارمىقىدىكى «شەبنەم» ئىجادىي ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى، «مىراس» ئانىلار جەمئىيىتى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى بىرلىشىپ ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭغا 80 دىن ئوشۇق ئادەم، شۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن 55 ۋەكىل قاتناشتى «Dostuq press-media» ، يەنى «دوستلۇق مەتبۇئات-مېدىيا» دەپ ئاتالغان 2-نۆۋەتلىك جۇمھۇرىيەتلىك بۇ يىغىنغا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئابدۇخېلىل دولقۇنتاي ئالدى بىلەن يىغىنغا كەلگەن مېھمانلارنى تونۇشتۇردى ۋە بارلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خادىملىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مەزكۇر يىغىن مەقسىتىنىڭ قازاقىستاندىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خادىملىرىنىڭ ئىشلىرىدىن قىسقىچە ئاخبارات بېرىشتىن، ژۇرنالىستلار ۋە تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئىشىغا يۆنىلىش بېرىشتىن، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەك، باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان مېھمانلار تىزىمىدا قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقى مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى غالىم شويكىن، ئالمۇتا شەھىرى جەمئىيەت تەرەققىياتى باشقارمىسى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى مارلېن رائىس، قازاقىستان ژۇرنالىستلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋالېرىي ژاندائۇلېتوف، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قارمىقىدىكى مىللىي قۇرۇلتاي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف ۋە بىر قاتار باشقىمۇ مىللەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولدى.

دەسلەپ سۆزگە چىققان قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقى مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى غالىم شويكىن مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن بىزدە ژۇرنالىستلارنى خەلقنىڭ قۇلىقى، كۆزى ھەم تىلى دەيدۇ. بۇ راست. شۇڭلاشقا بارلىقىڭلارنى مۇشۇ بايرام بىلەن قۇتلۇقلايمەن ھەم ئىشلىرىڭلارغا چوڭ ئۇتۇق تىلەيمەن. مانا، تۆتىنچى يىلغا ئۇلاشتى، بىزنىڭ ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، بىرىنچى نۆۋەتتە، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ئەلنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشقا، جەمئىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا قوشۇۋاتقان تۆھپىسى بار دەپ بىلىمەن. ھەر بىر ژۇرنالىستنىڭ ئەمگىكى زور. شۇ ئەمگىكى گۈللىنىۋەرسۇن. »

يىغىندا سۆزگە چىققانلار قازاقىستاندىكى بارلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دۆلەت سىياسىتىنى خەلق ئارىسىدا تەرغىب قىلىشتا، مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنى ۋە رازىمەنلىكنى مۇستەھكەملەشتە، مىللىي قەدرىيەتلەرنى ساقلاشتا، ياشلارنى تەربىيەلەشتە ۋە باشقىمۇ ئىشلاردا ئاكتىپلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا يەنە قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى رۇستەم خەيرىيېف «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ژۇرنالىستلىق ساھەسىنىڭ زامانىۋى كۆرۈنۈشى» ، «شەبنەم» ئىجادىي ئۇيغۇر ئاياللىرى» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قەلبىنۇر ئارۇپ «قازاقىستان ئاخبارات مەيدانىدا ئۇيغۇر تىلىدا يورۇق كۆرىدىغان گېزىت-ژۇرناللار ۋە رادىيو، تېلېۋىزىيەنىڭ رولى» ماۋزۇلىرىدا دوكلات قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «شەبنەم» ئىجادىي ئۇيغۇر ئاياللىرى» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قەلبىنۇر ئارۇپ خانىم مۇنداق دېدى: «مەتبۇئات خادىملىرىغا بېغىشلانغان بۈگۈنكى يىغىنىمىز بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن ‹مەتبۇئات تۆھپىكارلىرى› دەپ ئاتىلىپ، ژۇرنالىستلىرىمىزغا ئاز بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلايلى دېگەن مەقسەتتە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. مانا بىر نەچچە يىللار ئۆتۈپ، بۇنى كەڭ دائىرىدە ‹dostuq press-media› دەپ نامىنى ئۆزگەرتتۇق. چۈنكى كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، باشقىمۇ مىللەت ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ژۇرنالىستلارنى تەكلىپ قىلىۋاتىمىز. چۈنكى ئۇلارغا بىزنىڭ مەتبۇئاتىمىزدىكى خادىملىرىمىزنى، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان گېزىت-ژۇرناللىرىمىزنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ھەم ئۇلار بىلەنمۇ تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئۆگەنسۇن دېگەن مەقسەتتە مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتىمىز. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ژۇرنالىستلارنى كەسپىي بايرىمى بىلەن چىن قەلبىمدىن مۇبارەكلەيمەن. ئۇلارنىڭ تەنلىرىگە ساغلاملىق، ئۇتۇق، توختىماي بىزنىڭ ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنى گۈللەندۈرۈۋەرسۇن دېگەن تىلەكلەرنى ئېيتىمەن. »

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ناھىيەلىك «ئىلى ۋادىسى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئابدۇماناپ ئابلىزوف ئەپەندى قازاقىستان ئاخبارات بوشلۇقىدا ئۆزىنىڭ ئاۋازى، تۇتقان يولى ھەم مەۋقەسى بار مەزكۇر نەشرنىڭ 1934-يىلدىن ئېتىبارەن يورۇق كۆرۈپ، ئۆز تارىخىدا بىر نەچچە دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە بۇ قوش تىللىق گېزىت بولۇپ، دۆلەت تىلى بىلەن بىرلىكتە گېزىتخانىلار بىلەن يۈز كۆرۈشمەكتە. ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بىرلىك، دوستلۇق، دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى ھەققىدە ماقالىلەرنى داۋاملىق بېرىش. ئىلگىرى ئۇيغۇر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان بولسا، مانا ئۈچ يىل بولدى مۇستەقىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. دېموكراتىيە كەڭ قانات يايغان پەيتتە، سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش يوق، بۇ بەلگىلىك، خالىغان ماۋزۇلارغا قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتىمىز. گېزىتىمىزنىڭ مۇخلىسلىرى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، يېزىۋاتقان ماقالىلىرىمىزنىڭ ھەم ئۇنىڭغا بولغان ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ قىزىقىشى تۈپەيلى بارلىققا كەلدى. ھەپتىسىگە بىر قېتىم ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈۋاتىدۇ. گېزىتىمىزدە يېزا ھاياتىدىن ئاخباراتلار، مۆتىۋەرلەر، مۇئەللىملەر، مەرىپەتچىلەر توغرىلىق قىزىقارلىق ماقالىلەر داۋاملىق يورۇق كۆرۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر ناھىيەسى، ياركەنت تەۋەسى، چېلەك رايونى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ تولا قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ»

ئابدۇماناپ ئابلىزوف مۇشۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا گېزىتنىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىنى كەڭ دائىرىدە ئۆتكۈزۈش تەييارلىقلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن ئاخىرىدا بىر قاتار ژۇرنالىستلار ئالمۇتا شەھىرى جەمئىيەتلىك تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ «ساخاۋەت» مېدالى، تەشەككۈرنامىلىرى ۋە پۇل مۇكاپاتلىرى، شۇنىڭدەك «شەبنەم» ئىجادىي ئۇيغۇر ئاياللىرى» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ «مەدەنىيەت تۆھپىكارى» مېدالى بىلەن تەقدىرلەندى. ئۇنىڭدا شۇنىڭدەك «مىراس» ئانىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن بايراملىق داستىخان يېيىلدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ قانچىلىك تارىخى بار؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلپىيە كەرىموۋا خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىكى مىللىي مەتبۇئاتىمىزنىڭ بىر ئەسىردىن ئوشۇق تارىخى بار. مۇنداق دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قاتار گېزىت ۋە ژۇرناللار نەشر قىلىنىشقا باشلىغانىدى. شۇلارنىڭ تۇنجىسى 1918-يىلنىڭ باشلىرىدا چىقىشقا باشلىغان ‹ساداى تارانچى› گېزىتى. ئۇنىڭ كېيىنكى ئىككى سانى يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن نەشر قىلىندى. لېكىن يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورناپ، كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدا مەزكۇر گېزىت ئۆز پائالىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل توختاتتى. مۇشۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق ئۆيىدە ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان چوڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۆتۈشى شۇنىڭ يارقىن بىر مىسالىدۇر. شۇ يىغىندا ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف ‹سادايى تارانچى› گېزىتى-قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تۇنجى قارلىغىچى» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلغانىدى. 1921-يىلى تاشكەنتتە ئالتەشەھەر ئىشچى-دېھقانلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى مۇناسىۋىتى بىلەن ‹كەمبەغەللەر ئاۋازى› گېزىتىنىڭ بىرىنچى سانى يورۇق كۆردى. ئىككىنچى سانىدىن تارتىپ ئۇ ئالمۇتادا، ئاندىن 1931-يىلدىن ھازىرقى پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ مەركىزى ياركەنت شەھىرىدە چىقىشقا باشلىدى. كېيىن ئۇ ‹كولخوزچىلار ئاۋازى› بولۇپ ئۆزگەرتىلدى. »

زۇلپىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، 1920-يىلدىن «قىزىل ئوقۇغۇچى» ، 1922-يىلدىن «ياش ئۇيغۇر» ژۇرناللىرى يورۇق كۆرۈشكە باشلىغانىكەن. 1935-يىلى ئالمۇتادا «قىزىل تۇغ» ناملىق گېزىت چىقىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقىدا كەڭ قانات يايغان سىياسىي تەقىبلەر ئاقىۋىتىدىن ئۇ توختاپ قالغان. 40-يىللىرى بولسا، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە چېلەك ناھىيەلىرىدە «ستالىنچى»، «ئەمگەك تۇغى» گېزىتلىرى چىقىشقا باشلىغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1957-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ قازاقىستاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتلەر ئارا «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتى نەشر قىلىنىشقا باشلاپ، ئۇ ئۇيغۇرلار ياشايدىغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا تارقىلىدىغان بولغان. قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن مەزكۇر گېزىت جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» سۈپىتىدە بۈگۈنكى كۈنگىچە نەشر قىلىنماقتا. ئۇنىڭدىن تاشقىرى بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندا جۇمھۇرىيەتلىك «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتى، ناھىيەلىك گېزىتلەر، شۇنداقلا «ئىنتىزار»، «ئېھسان»، «غۇنچە» ژۇرناللىرى نەشر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، يۇقىرىدا ئاتالغان نەشرلەرنىڭ بارلىقى دېگۈدەك مۇشتەرىلەر ۋە ھامىيلار ھېسابىغا يورۇققا چىقماقتا. مۇستەقىللىق يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپلىگەن گېزىت-ژۇرناللار مەلۇم ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن يېپىلىپ كەتكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.