28-ئىيۇن كۈنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن قالسا ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ جايلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكىتىدۇر. بۈگۈن قازاقىستاندىكى بارلىق مەسچىتلەردە قۇربان ھېيتى نامىزى ئوقۇلدى، ئۇيغۇرلار قازاقىستاندىكى باشقا كۆپلىگەن مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.
ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەنئەنە بويىچە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا ۋە مەھەللىلەرنىڭ كۆپچىلىكىدە ناغرا-سۇنايلار چېلىنىپ، شوخ ئۇسسۇللار ئوينالدى. مەخسۇس ماشىنىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ناغرا-سۇنايلارنىڭ ئاۋازلىرى كوچا-كوچىلاردا ياڭرىدى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا جايلاشقاندۇر. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچى قازاق ناھىيەسى غەيرەت يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بەختىشات مەمەتباقىيېف ئەپەندى سۆزلەشتۇق. ئۇ ئۆز يۇرتىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ مەسچىتكە يىغىلىپ بىرگە ھېيت نامىزىنى ئوقۇغانلىقىنى، ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىناق ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، مەن پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنى قۇربان ھېيت بايرىمى بىلەن چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن! بىزمۇ بۈگۈن سەھەردە مەسچىتكە بېرىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇدۇق. ئاندىن قەبرىستانلىققا چىقىپ، ھاياتتىن ئۆتكەن ئاتا-ئانىلىرىمىز، يېقىنلىرىمىز، دوست-بۇرادەرلىرىمىز بېشىدا قۇرئان ئوقۇدۇق. ئارقىدىن ھېيت پەتىسى قىلدۇق. قۇربانلىقلارنى كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە، ئاتا ياكى ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئائىلىلەرگە، مەجرۇھ كىشىلەرگە تارقاتتۇق. قۇربانلىق قىلىنىپ جامائەت يىغىلغان ئۆيلەردە، مەھەللىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، ئېلىمىز قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئومۇمەن خەلقىمىزنىڭ بېشىغا چۈشۈۋاتقان قايغۇ-ھەسرەت بىلەن بىر قاتاردا خۇشاللىقلىرىمىز ھەققىدىمۇ پاراڭلار قىلىشتۇق.»
ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بىزنى مۇشۇ كۈندە ئانا ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەقدىرى بەك ئويلاندۇرىدۇ ۋە تەشۋىشلەندۈرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تۈرك-مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە سىياسىتى بىزنى قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك تەقدىرىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بارلىق قېرىنداشلىرىمنى ۋە قانداشلىرىمنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى باشقىمۇ ئازاد-ئەركىنلىكتە ياشاۋاتقان خەلقلەرگە ئوخشاشلا ھىمايە قىلىشقا چاقىرىمەن. خەلقىمىزگە ئازادلىق، ئەركىنلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.»
بەختىشات مەمەتباقىيېف يەنە بۇ يىل ئۆز يېزىسىدا ئىككى چوڭ يېڭىلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭلار ۋە ياشلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېزىدىكى مەسچىت كېڭەيتىلىپ، يېڭى ئۇسلۇبتا ياسالغان ھەمدە قۇربان ھېيتى نامىزى ئوقۇلغان. شۇنىڭدەك يۇقىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن يېزا ياشلىرىدىن شاھزات مۇرات ئوغلى مەسچىتنىڭ يېڭى ئىمامى بولۇپ سايلانغان.
قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى قولداش شەمشىدىنوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھازىر ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ياشلارغا بولغان غەمخورلۇقى كۈچىيىۋاتىدۇ. يەنى ئۆز ئېلىنى، خەلقىنى قەدىرلەش، دۆلەت تىلى قازاق تىلىنى ھۆرمەتلەشتىن تاشقىرى باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى قەدىرلەش، ئەلۋەتتە، ئېلىمىز بىرلىكىنىڭ، خەلقىمىز دوستلۇقىنىڭ كېلەچەك كاپالىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ بارلىق مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، تىلىمىزنى، مائارىپىمىزنى، تارىخىمىز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. شۇ جۈملىدىن قۇربان بايرىمىغا ئوخشاش ئەنئەنىلىرىمىزنى ۋە باشقا مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن بارلىق ياشلىرىمىزنى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۆز خەلقى، ئېلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرىمەن. قۇربان ھېيتىڭلار مۇبارەك بولسۇن! »
جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كېبىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىكى يېزا ۋە مەھەللىلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار روزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىنى بىرلىكتە، قىزغىن ئۆتكۈزىدۇ. ئىلگىرى، يەنى سوۋېت دەۋرىدە ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ھېيتتا ئاھالە توپ-توپ بولۇپ ئۈچ كۈن بىر-بىرىنى يوقلاپ، ھېيتلىشىدۇ. مىللىي مۇزىكا، ناخشا ۋە ئۇسسۇللىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، شۇنداقلا مىللىي تائاملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ياشلارنىڭ مۇشۇنداق دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرىمىزغا بولغان پوزىتسىيەسى قەتئىي ئۆزگەردى. ئۇلارنىڭ دىنغا ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگە بولغان كۆز قارىشىمۇ ياخشى تەرەپكە ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ھازىرقى كۈندە بىزدىكى ئەركىنلىكلەرنى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئەركىنلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۇ ياقتا مىللىي، دىنىي كەمسىتىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىز ياخشى بىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىكى مۇمكىنچىلىكلەرنى پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز.»

يارمۇھەممەت كېبىروفنىڭ ئېيتىشىچە، زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار ياشايدىكەن. مەھەللىدە ئىككى مەسچىت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان مەسچىتىگە مىڭدىن ئوشۇق ئادەم يىغىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇ مەھەللىدە نارەسمىي مەلۇماتلار بويىچە، 10 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك «مۇرات ھەمرايېف» نامىدىكى مەكتەپنىڭمۇ ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئالمۇتا شەھىرى ئەۋېزوف ناھىيەلىك باش يىگىت بېشى ئازات ئىبراھىموف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتلاردا ئالمۇتانىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ياشايدىغان دوستلۇق، سۇلتانقورغان، زاريا ۋوستوكا، گورنىي گىگانت مەھەللىلىرىدە ئايەملەر ناھايىتى داغدۇغىلىق ۋە قىزىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆزۈم تۇرىدىغان دوستلۇق مەھەللىسىدە ھەر يىلى شۇنداق ئەھۋالنى بايقاشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك ۋە باشقا مىللەتلەر بولۇپ، ئىككى-ئۈچ مىڭغا يېقىن ئادەم قاتنىشىدۇ. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. ھېيت نامىزىدىن كېيىن ناغرىچىلار، سۇنايچىلار ماشىنىغا ئولتۇرۇۋېلىپ، كوچىمۇ-كوچا مېڭىپ، شوخ ئاھاڭلىرى بىلەن خەلقنى ھەيران قالدۇردى. مۇشۇنداق ئەھۋالنى ئۇيغۇرلار كۆپ ياشايدىغان ياركەنت شەھىرىدە، چونجا، چېلەك يېزىلىرىدىمۇ بايقاشقا بولىدۇ.»
ئازات ئىبراھىموفنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، دوستلۇق مەھەللىسىدە 20 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىكەن. ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ھەر بىر يېزا ۋە مەھەللىلەردە بىردىن، ھەتتا ئىككىدىن مەسچىتلەر مەۋجۇت ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان بايراملىرى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ بايراملارنى بەك كۈتىدىكەن ۋە ئەزىزلەيدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئۇيغۇرلار قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ۋىلايىتىدىن تاشقىرى يەنە مەملىكەتنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىمۇ ياشايدىكەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان تا ھازىرغىچە يېڭى مەسچىتلەر سېلىنىپ، بارلىق خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلىرىگە كەڭ ھوقۇقلار بېرىلىپ كەلمەكتە. بۇ يىلىمۇ قازاقىستان دىنىي باشقارمىسىنىڭ ئالاھىدە پەرمانى بىلەن پۈتكۈل ئەلدە ئۈچ كۈن قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش، شۇ جۈملىدىن ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىنى دەم ئېلىش كۈنى قىلىش بەلگىلەنگەن.