تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى قازاقىستاندا كرىل ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئاتاقلىق تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى كرىل ئۇيغۇر يېزىقىدا يورۇق كۆردى. بۇ مەزكۇر كىتابنىڭ ئەرەب ئېلىببەسە ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقتىن كىرىل، يەنى سلاۋيان ئۇيغۇر يېزىقىغا كۆچۈرۈلۈپ نەشر قىلىنغان تۇنجى نۇسخىسىدۇر. «ئىنتىزار» نەشرىياتىدىن يورۇق كۆرگەن بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا ئالمۇتادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان.

مەزكۇر تارىخىي ئەمگەك ئەينى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردا زور قىزىقىش ھاسىل قىلغان ئىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، يەنى ياشلار پەقەتلا كىرىل، يەنى سلاۋيان يېزىقىنى تونۇغانلىقتىن، كىتابلار ئاساسىي جەھەتتىن شۇ يېزىقتا نەشر قىلىناتتى. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدا كىرىش-چىقىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغان چاغلاردا مەدەنىيەت ئالاقىلىرىمۇ خېلى راۋاجلانغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرى ۋە ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى قازاقىستاندا قايتا نەشر قىلىش ئىشلىرى ئەۋج ئالدى.

شۇلارنىڭ بىرى تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدۇر. بۇ كىتابنى كرىل يېزىقىدا نەشر قىلىش ئىشىدا ئاساسلىقى ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى، ژۇرنالىست ئازنات تالىپوف ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ياش سەھىپلىگۈچى رۇمىلەم جەرىپوۋا قاتارلىق كىشىلەر كۈچ چىقارغان. بۇ ھەقتە شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مۇنداق دېدى: «ئۆزۈمىزنىڭ ئىمكانىيىتىدىن پايدىلىنىپ، بار كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنياغا تونۇتقان ئەڭ مەشھۇر كىتابلارنى خەلقىمىز بىلىپ قالسۇن دېگەن ئوي بىلەن تۇتۇش قىلغان ئىدۇق. لېكىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كاساپىتىدىن قەغەز قىممەتلەپ كېتىپ، باھا ھازىرغىچە داۋاملىق كۆتۈرۈلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىز نىيىتىمىزدىن قايتمىدۇق.»

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مۇشۇنداق ئېغىر بىر پەيتتە خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئەسەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنىڭ تەكچىسىدە تۇرۇشقا تېگىشلىك كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ كىتابنىڭ خەلق تەرىپىدىن ناھايىتى چوڭ خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىۋېلىنغانلىقىنى، كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ كىتابنىڭ شۇنچە قىممەتلىكىگە قارىماي، ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان ئوغلى قۇتلۇق ئالماس بۇ كىتابنىڭ كرىل ئۇيغۇر يېزىقىدا يورۇق كۆرۈشىگە كۆپ ياردەم بەرگەن ئىكىن. ئۇ يەنە بۇ كىتابنى قازاقىستاندا قايتا نەشر قىلىشقا ئۆز رازىلىقى ۋە ئىجازىتىنى بەرگەنىكەن.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مەرھۇم تارىىچى تۇرغۇن ئالماس بىلەن ئۆزى بىۋاسىتە كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھازىرقى تىرىك گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى. ئۇ كىتابنىڭ كىرىشمە قىسمىدا، ئۆزىنىڭ 1995-يىلى ئۈرۈمچىدىگە بارغاندا تۇرغۇن ئالماسنى يوقلاپ بارغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئوغلى قۇتلۇقنىڭ ئۆزىنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقىنى، تۇرغۇن ئالماس بىلەن بىر نەچچە قېتىم سۆھبەتتە بولغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.

تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە كەرىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ <ئۇيغۇرلار> ناملىق ئەمگىكى بىلەن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ياخشى تونۇش. ئۇنىڭ بۇ ئەمگىكى تۇنجى قېتىم سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى، تەرجىمان خەمىت ھەمرايېف تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، 1993-يىلى ئالمۇتادا رۇس تىلىدا يورۇق كۆرگەن. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى، ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور قىزىقىش ھاسىل قىلغان ئىدى. بۇ كىتابتىن بىز تارىخچىلارلا ئەمەس، بەلكى تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناسلار ۋە باشقا ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ كەڭ پايدىلىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ رۇسچە تەرجىمىسى باشقىمۇ تىللاردىكى ئالىملار ئۈچۈن باي مەنبە بولۇپ خىزمەت قىلدى. ئەمدى بۇ كىتابنىڭ كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىشى بىز ئۈچۈن چوڭ ۋەقە بولدى.»

زۇلفىيە كەرىموۋا يەنە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقنى بىلمىگەنلىكتىن، ئۇيغۇر ئېلىدا چىققان كىتابلارنىڭ كىرىل يېزىقىدا قايتا نەشىر قىلىنىشىنى ياخشى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ مۇئەللىملىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى بىلەن تونۇشۇشقا چوڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. زۇلفىيە كەرىموۋا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغان ۋە ئۇنى نەشر قىلىشقا ھامىيلىق قىلغان بارلىق جانكۆيەرلەرگە چەكسىز رەخمىتىنى ئېيتتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئىنتىزار» نەشرىياتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «ئىنتىزار» خانىم-قىزلار ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ كېلىۋاتماقتىكەن. نەشرىيات خادىملىرى بۇنىڭدىن تاشقىرى داڭلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» ۋە «ئىز» قاتارلىق رومانلىرىنى كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. نەشرىيات خادىملىرى ھازىرمۇ ئىمكانىيەت تۇغۇلسا، باشقا ياخشى كىتابلارنى نەشىر قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.