15-فېۋرال كۈنى قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل باشلىق ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تۈركىيەنىڭ ئالمۇتىدىكى كونسۇلخانىسىدا زىيارەتتە بولدى. ئۇلار باش كونسۇل ئەلى رىزا ئاكىنچى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار نامىدىن تەزىيە بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، 6-فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىدا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، مىڭلىغان كىشىلەر قازا بولغان ۋە يارىدار بولغان، كۆپلىگەن بېنالار ۋەيران بولغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ كۆپلىگەن ئەللىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانمۇ تۈركىيەگە ماددىي ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان. قازاقىستان مەتباتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتىن زەرداب چەككەنلەرگە 1 مىليون دوللار ئاجراتقان بولسا، خەلق ئاممىسى ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدىلا يەنە 3 مىليون دوللار ئەتراپىدا مەبلەغ يىققان. مەملىكەتنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ توربېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستان تۈركىيەگە يەنە قوشۇمچە 55 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمى ئەۋەتمەكچى ئىكەن.

بىز تۈركىيەنىڭ ئالمۇتادىكى باش كونسۇلخانىسىدا بولغان ۋەكىللەرنىڭ بىرى، مەزكۇر مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى خانىم-قىزلار كېڭىشنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن، ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلگەن تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى بىزنىڭمۇ يۈرەكلىرىمىزنى ئېزىۋەتتى. بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلىشىمىز بىلەنلا باشقا مەملىكەتلەرگە ئوخشاش ھەم ئېلىمىزدىكى باشقىمۇ مىللەتلەر قاتارىدا بىز قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارمۇ چەتتە قاراپ تۇرالمىدۇق. دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل رەھبەرلىكىدە بىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىمىز تېز ئارىدا شتاب قۇرۇپ، خەلققە مۇراجىئەت قىلدى. يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار، ياشلار، بارلىقىمىز بىر بولۇپ، ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىدۇق. نەتىجىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 16 مىليون تەڭگە، يەنى 35 مىڭ دوللاردىن كۆپ پۇل يىغىلدى. بىز باش كونسۇلغا بۇ پۇلنى نەگە ئەۋەتىشىمىزنى سورىغاندا، ئۇ تۈركىيەگە مەخسۇس ياردەم پۇللىرىنى ئەۋەتىدىغان بىر ھېساب نومۇرىغا ئەۋەتىشىمىزنى سورىدى. ئۇ يەر تەۋرەشتە ئۆي-بىساتلىرىدىن ئايرىلىپ زەرداب چەككەنلەرنىڭ كۆپىنچە ئىسسىق ئورۇن-يوتقان، كىيىم-كېچەك، توك چىقىرىش ئەسۋاپلىرى، چېدىرلارغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز شۇ كۈنى مەبلەغنى باش كونسۇل ئېيتقان ھېساب-چوتقا ئەۋەتتۇق.»
مەركەز تەركىبىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمەھەممەت كېبىروۋ ئەپەندى تۈرك خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە، دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز باش كونسۇل بىلەن ئۇچراشقىنىمىزدا، شۇ كونسۇلخانىنىڭ ماتەم كىتابىغا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار نامىدىن تەزىيە يېزىپ قالدۇردۇق. مەركەز رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۈرك خەلقى بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكى؛ تىلىمىز، دىلىمىز، دىنىمىز بىر تۈركىي خەلىقلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ قازاقىستان ۋە تۈركىيە دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. باش كونسۇل ئەلى رىزا ئاكىنچى مۇشۇ يىغىلغان مەبلەغقە ھاجەتلىك نەرسىلەرنىڭ سېتىۋېلىنىپ، زەرداب چەككەنلەرگە تارقىتىدىغانلىغىنى بىلدۈردى، پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارغا رەھمىتىنى ئېيتتى. بىزمۇ تۈركىيە خەلقىگە خاتىرجەملىك، تىنچلىق تىلەيمىز!»

ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن تەبئىي ئاپەت مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ باشقىمۇ تەشكىلاتلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك بىرلەشمىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىمۇ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقلەرگە ياردەم توپلاش پائالىيەتى ئېلىپ بارغان. ئۇلارمۇ ئىئانە توپلاش ھەرىكەتلىرى ئاياغلاشقاندا يىغىلغان مەبلەغنى تېگىشلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرىدىكەن.