خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندىكى ۋەزىيەتكە چۈشەنچە بەرگەن

0:00 / 0:00

بىر ئايدىن ئوشۇق ۋاقىتتىن بۇيان مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىر قاتار مەملىكەتلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى كېسىلى سەۋەبىدىن پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنىپ، جىددىي چارىلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھوقۇق قوغدىغۇچىلار، كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئەللەردە كۆرۈلۈۋاتقان بۇ چارىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرمەكتە. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان كۆپلىگەن ماقالىلەر بۇنىڭ يارقىن ئىسپاتى بولماقتا.

يېقىندا دۇنيادىكى ئەنە شۇنداق سالاھىيەتلىك كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلدۈرۈش ئېلان قىلىپ، شەرقىي ياۋروپا ھەم مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنى كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن قوللىنىلىۋاتقان چارىلەر جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

«پەرغانە» خەلقئارا يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ھوقۇق قوغدىغۇچىلار تاشكەنت ھەم نۇر-سۇلتاننىڭ COVOD-19 غا دىققەتسىزلىكىنى تەكىتلىدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەر مەزكۇر ۋىرۇس خەۋپىنى كېمەيتىپ كۆرسەتكەن بولسا، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان دائىرىلىرى ئەكسىچە تەقىبلەش ھەم مەجبۇرلاش چارىلىرىنى كۆرمەكتىكەن.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا بويىچە تەتقىقاتچىسى خېزا ماكگىلل مۇنداق دېگەن: «رايوندا COVOD-19 كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا قاراپ، شۇنداق بىر ئوي پەيدا بولىدۇكى، كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر جەمئىيەت سالامەتلىكىنى قوغداشتىن كۆرە، باشقا كۆزقاراشتىكىلەرنى بېسىشقا مەنپەئەتدار.» ماقالىدا يەنە كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرۈلۈۋاتقان چارىلەرنى باھانە قىلىپ، ھەتتا كۆپ قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ كىرىپ چىقىدىغان ئىشىكلىرىنى تاقىۋېتىپ، ئۇنىڭ تۇرغۇنلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا كارانتىنغا ئولتۇرغۇزۇشقا ئوخشاش ئەھۋاللىرىنىڭمۇ ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. مۇنداق ئەھۋاللار قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ، قارىغاندا شەھەرلىرىدە ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، يەرلىك دائىرىلەر بۇنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن.

ئەمدى «مەركىزىي ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: مەركىزىي ئاسىيادا ۋىرۇس يۇقۇمى دەۋرىدە پۇقرالار ھوقۇقلىرى بۇزۇلماقتا» ناملىق ماقالىدا ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندا پەۋقۇلئاددە ھالەت چارىلىرىنىڭ ژۇرنالىستلارغا، تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەرگە قارشى قارىتىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ۋە مەركىزىي ئاسىيا بويىچە مۇدىرى خيۇ ئۇليامسون مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە ئېنىق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەمىنلەش زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدا قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلدىكى قانۇنلارنى سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش، ژۇرنالىستلارنى، ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەرنى تەقىبلەش مەقسىتىدە پايدىلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.

كىشىلىك ھوقۇق بويىچە قازاقىستان بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يېۋگېنىي جوۋتىس ئەپەندى قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بۇزۇلۇش مەسىلىسىنى بىر قانچە يۆنىلىشلەردە قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، شۇ نەرسە دەرھال كۆزگە چۈشىدۇكى، مۇنداق ئىشلار جىنايى ئىشلار ھۆججىتىنىڭ 274-ماددىسى دائىرىسىدە قارىلىدۇ. يەنى سوتقىچە بولغان ئىشلارنى تېرگەۋ قىلىش پەۋقۇلئاددە ھالەت ۋاقتىدا يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىش بىلەن باغلاشتۇرۇلماقتا. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەنە شۇنداق خەۋەرلەرنى تاراتقانلار تىزىمىغا سىياسىي پائالىيەتچىلەرمۇ كىرگۈزۈلمەكتە. بىزنى ئەلۋەتتە مانا مۇشۇ نەرسە قاتتىق تەشۋىشلەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ئادەتتە كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىرىنچى پرېزىدېنت ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسى، يا بولمىسا ھۆكۈمران پارتىيە بىلەن باغلانغان بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەتلەر پەۋقۇلئاددە ھالەت ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلدى دېگەن سەۋەب باھانە بولماقتا. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ھالەت چارىلىرىگە ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئىككىنچىدىن، پەۋقۇلئاددە ھالەت مۇناسىۋىتى بىلەن مېڭىش-تۇرۇشلارنى، بولۇپمۇ تېلېفون ئالاقىلىرىنى كونترول قىلىش چارىلىرىمۇ بىزنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، سوت ئىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى تەشۋىشلەندۈرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرى ئەقىلگە سىغمايدۇ. جىنايى ئىشلارنى تېرگاۋ قىلىش بولسۇن، ئادۋوكاتلار بىلەن ئىشلەش بولسۇن، ۋە باشقىلاردا كۆپ كەمچىلىكلەر بار.»

يېۋگېنىي جوۋتىس پەۋقۇلئاددە ھالەت سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا، سۆز ئەركىنلىكىدە بىر قانچە چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكات شىڭقۇئات بايجانوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇشۇ كارانتىن ۋاقتىنى پايدىلىنىپ، پائالىيەتچىلەر ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن جىنايىي ئىشلار قوزغاش، ئۇلارنى چاقىرتىش، تېرگاۋ يۈرگۈزۈش ئوخشاش ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئېيتماقچى بولغىنىم، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىشىنى مۇشۇ كارانتىن پەيتىدە يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۆز ۋاقتىدا خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە، بولۇپمۇ خىتاينىڭ قازاق ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى قاراتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئوچۇق سۆزلىگەن، شۇنداقلا قازاقىستان يېرىنى خىتايغا قوشۇۋېلىش پىكرىگە قارشى چىققان، كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىدە يەنە شۇ خىتاينى ئەيىبلىگەن سېرىكجان بىلاش ئىشى مانا شۇ كارانتىن ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغان. ھازىر ‹ناغىز ئاتا يۇرت› تەشكىلاتىنىڭ يىگىتلىرىنى مۇشۇ پەيتتە چاقىرتىۋاتىدۇ. جىنايى ئىش قوزغىلىۋاتقان مېدېۋ ناھىيەلىك سوتى كارانتىن ۋاقتىدا پۈتۈنلەي يېپىلىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ تېرگاۋنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ دۇرۇس ئەمەس.»

قازاقىستانلىق ھوقۇق قوغدىغۇچى ئاندرېي گرىشىن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «پەۋقۇلئاددە ھالەت تەرتىپى ۋە كورونا ۋىرۇسى ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ھازىر قانچىلىك پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاساسىي سەۋەبلەرسىز جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. دېمەك، كىشىلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتىدۇ. ھازىر جىنايى ئىشلار ھۆججىتىنىڭ 274-ماددىسى ئاكتىپ ھالدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. يەنى پەۋقۇلئاددە ھالەت شارائىتىدا يالغان ئاخباراتلارنى قەستەن تارقىتىش، ئۇلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ھالەت تەرتىپىگە زىيان كەلتۈرۈشى. بۇ يەردە دائىرىلەر ئۈچۈن پۇقرالارنى كونترول قىلىش مۇمكىنچىلىكى پەيدا بولغان.»

ئاندرېي گرىشىن يەنە پەۋقۇلئاددە ھالەت ۋە كارانتىن تەرتىپى پەيتىدە كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشسىز ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، بەلگىلىك قەرەلگە سولانغان پەيتلەرنىڭ پات-پات ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى بىلەن قازاقىستاندا 16-مارتتىن باشلاپ پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەھۋال جىددىيلىشىپ، دەسلەپتە نۇر-سۇلتان، ئالمۇتا شەھەرلىرىگە، ئاندىن بەزى شەھەر ۋە ئوبلاستلارغا كارانتىن تەرتىپى كىرگۈزۈلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جاي-جايلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈلۈپ، بۇ تەرتىپنى بۇزغانلار جاۋابقا تارتىلماقتا. ئەلدە پەۋقۇلئاددە ھالەت قەرەلى 13-مايغىچە ئۇزارتىلغان بولۇپ، 28-ئاپرېلغا قەدەر قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 3027گە، ساقايغانلار 774 گە، ئۆلگەنلەر 25 كە يەتكەن.