قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

قازاقىستاندا مۇشۇ يىلنىڭ 16-مارت كۈنى كورونا ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ تارقىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن پەۋقۇلئاددە ھالەتنىڭ، ئاندىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا كارانتىن تەرتىپىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى مەلۇم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇش، كوچىلاردا ماسكا تاقاش، تازىلىقنى ساقلاش، ئادەم كۆپ يەرگە توپلانماسلىق، چوڭ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەسلىك قاتارلىق بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈلدى. شۇنداقتىمۇ ئەلنىڭ كۆپلىگەن شەھەر ۋە يېزىلىرىدا كورونا ۋىرۇسىدىن زەرداب چېكىۋاتقانلارغا ماددىي ياردەم كۆرسىتىش، ئوزۇق-تۈلۈك، دورا-دەرمەك ۋە باشقىمۇ تۇرمۇشتا لازىم بولغان نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش ئوخشاش خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇندىن بۇيان مانا تۆت ئايدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇنداق ئىشلار ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا.

يېقىندا ئەنە شۇنداق خەير-ساخاۋەتلىك پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ۋە ئۇيغۇر ناھىيەلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلدى.

شۇلارنىڭ بىرى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ چېلەك يېزىسىدا ئاتىسى تۇيۇقسىز بالا-قازادىن ئورۇن تۇتۇپ، يېتىپ قالغان ئالتە بالىلىق ئائىلىگە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يۇرت-جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن چوڭ ماددىي ياردەم كۆرسىتىلگەنلىكى توغرىلىق خەۋەرلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق چېلەك رايونلۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى نۇرجامال ھاسانوۋاغا مۇراجىئەت قىلدۇق.

نۇرجامال ھاسانوۋا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىككى-ئۈچ كۈن مابەينىدە قازاقىستان دىيارىدا ياشاۋاتقان بارلىق كۆيۈمچان قېرىنداشلىرىمىز چېلەك تەۋەسىدە ياشاۋاتقان شېرىپجان ئىسىملىك كۆپ بالىلىق ئائىلىگە ئۆزلىرىنىڭ ياردىمىنى كۆرسىتىپ كەلدى. ‹تاما-تاما كۆل بولار› دەپ، بۇ خەلقىمىزنىڭ دانا سۆزىنىڭ ئىسپاتى. شۇ ئائىلىگە ھازىرقى زامانغا لايىق ئۆي ئېلىپ ئولتۇرىمىز.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى مودەنگۈل جۇمايېۋا مۇنداق دېدى: «ئاپەتكە ئۇچرىغان بىر بالىمىز بار ئىدى. بالا-چاقامنى باقىمەن دەپ، دەرەختىن يىقىلىپ چۈشۈپ، يىگىرمە كۈن مابەينىدە ئاغرىقخانىدا يېتىپ چىقتى. ئىجارىگە تۇرىدىغان ئۆيىدىن ئۇلارنى چىقىرىۋەتتى. بىر تونۇشلىرى ئۇلارغا كەپە تىكىپ بېرىپتۇ. ئەتىسى مەن باردىم. دۇنيا يۈزىدىكى يۇرتىمىز مۇنچىلىك ياردەم قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغاندۇق. بىر ئۆيگە پۇل يىغىلىپ، يەنە يېگۈدەك پۇللىرى چۈشتى. مانا چونجىدىن بالىلار 106 مىڭ ياردەم پۇلى بىلەن كىيىم-كېچەك ئېلىپ كەپتۇ. ئۇ يەردىمۇ ئادەملەر يامان كېسەلدىن قىرىلىپ كېتىۋاتىدۇ، دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەنە شۇ بالىنىڭ رازىلىقى بىلەن شۇ يەردە بىر بالىنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىڭلار دەپ، بىز ئۇ پۇللارنى ئالمىدۇق.»

مودەنگۈل جۇمايېۋا بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە بەزىلەرنىڭ مەزكۇر ئائىلىنى بىر قاتار مال-ۋاران بىلەنمۇ تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ياردەم قولىنى سوزغانلارنىڭ بارلىقىغا چوڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چونجا يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان خەير-ساخاۋەت ھەرىكىتىنى بىلىش ئۈچۈن شۇ يېزا تۇرغۇنى گۈلبەھرەم تېيىپوۋا بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىيۇن ئېيىدىن تارتىپ بىزنىڭ يېزىدىمۇ قايتىدىن كارانتىن ئېلان قىلىندى. يۇرتىمىزدا ۋىرۇسنىڭ كۈچلەنگەنلىكى توغرىلىق شۇم خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. ئاغرىقلار كۆپ بولغانلىقتىن ناھىيە ئاغرىقخانىسىدا كېرەكلىك ئاپپاراتلارنىڭ يېتىشمەيدىغانلىقىنى بىلگەن كاماز ماشىنىلىرىنى يۈرگۈزگۈچى مەردانە يىگىتلىرىمىزنىڭ بىر كېچىدە ئالمۇتا شەھىرىدىن قىممەت باھالىق ئۈچ ئاپپاراتنى يەتكەزۈپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. خەلقىمىزنىڭ ‹قاتتىق ناننى تەڭ بۆلۈشەيلى› دېگەن دانا سۆزىدەك چونج خەلقى بىردىنلا ئويغاندى. يەنە تۆرت ئاپپارات، ئورۇن-كۆرپە، كارىۋاتلىرى بىلەن تەمىنلەندى.»

گۈلبەھرەم تېيىپوۋانىڭ ئېيتىشىچە، چونجا يېزىسىنىڭ كافې-رېستورانلىرى ھەمشىرىلەرنى تاماق بىلەن تەمىنلەش، ياشلار بولسا شۇ تاماقلارنى جاي-جايلارغا يەتكۈزۈش ئىشلىرىدا چوڭ ئاكتىپلىق كۆرسەتكەن ئىكەن. يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭ بىرلىكى ئارقىسىدا چونجا ئاغرىقخانىسى بارلىقى بولۇپ 14 كىسلورود ئاپپاراتى ۋە شۇنداقلا كىرئالغۇ بىلەنمۇ تەمىنلەنگەن. بۇ جەھەتتە سالماقلىق ماددىي ياردەم كۆرسەتكەنلەر ئۆز ئىسىملىرىنى ئاتاشتىن باش تارتقانىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوللاش، ھەر خىل مىللەتلەردىن بولغان يىتىم-يېسىرلارغا، مەجرۇھ بالىلارغا، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە ماددىي ياردەم كۆرسىتىش ئىشلىرىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ كەلمەكتىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇيغۇر جامائىتى، تەشكىلاتلىرى تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن جايلارغىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ياردەم قولىنى سوزۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن.