قازاقىستانلىق ئادۋوكات پرېزىدېنت توقايېفنى تەرەپلەر بىلەن دەرھال مىللىي دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.01.05
قازاقىستانلىق ئادۋوكات پرېزىدېنت توقايېفنى تەرەپلەر بىلەن دەرھال مىللىي دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى پرېزىدېنت قاسىم جۇمارت توقايېف ۋەزىيەتنى تىنچىتىش ئۈچۈن سىن تاراتقۇلىرىنىڭ بىرىدە سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2022-يىلى 5-يانۋار، نۇر-سۇلتان، قازاقىستان.
AP

2-يانۋار كۈنى، قازاقىستاننىڭ غەربى-جەنۇبىدىكى نېفىت شەھىرى-جانائۇزېندىن باشلانغان نارازىلىق ھەرىكىتى پۈتۈن قازاقىستانغا كېڭىيىپ، بۈگۈن 5-يانۋار 4-كۈنىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەتتە ھېچقانداق پەسىيىشى بولمىدى. قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا، نۇرسۇلتان، ئورال، ئاقتاۋ، ئاتراۋ، تاراز، چىمكەنت قاتارلىق ھەر قايسى شەھەرلىرىدە نارازىلىق ھەرىكىتى بۈگۈنمۇ داۋاملاشقان.

پرېزىدېنت قاسىم جۇمارت توقايېف ۋەزىيەتنى تىنچىتىش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت ئىستېپا بەرگەن، ئالمۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقىسىم جايلاردا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، كېچىسى كوچىغا چىقىشنى، يىغىلىش ۋە شەھەرگە كىرىپ-چىقىشلارنى چەكلىگەن، سابىق قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېفنىڭ كونتروللۇقىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىغا ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇ يەنە نەزەربايېفنىڭ جىيەنى سامات ئابىشنى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقلىقىدىن ئېلىپ تاشلىغان، فەيسبۇك، ئىنستگرام، ۋاتساپ ۋە خىتاينىڭ ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاقىسىنى توختاتقان بولسىمۇ، بىراق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىمىغانلىقى، 5-يانۋار چارشەنبە كۈنى مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئالمۇتادىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىنى بېسىپ كىرگەنلىكى مەلۇم.

قازاقىستاندىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كوچا چارلاۋاتقان قازاقىستان ساقچىلىرى. 2022-يىلى 5-يانۋار، ئالمۇتا، قازاقىستان.
قازاقىستاندىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كوچا چارلاۋاتقان قازاقىستان ساقچىلىرى. 2022-يىلى 5-يانۋار، ئالمۇتا، قازاقىستان.

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئادۋوكات، قازاقىستان «خەلقئارا قانۇن تەشەببۇسى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئاينا سورمانبايېۋانىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئالمۇتا قالايمىقانچىلىقتا قالغان، نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ئىگىلىۋالغان. ئاينا سورمانبايېۋا ئالمۇتا ۋاقتى يانۋار كېچىسى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز تېخى ئۇخلىمىدۇق. قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى بىلىسىز. بىر قانچە كۈن بولدى بىز ئۇخلىمىغانغا. جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. شەھەر مەركىزىدە ئېتىش بولغان، لېكىن ھازىر توختاپ قالدى. نامايىشچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ۋە ئالمۇتا باشلىقىنىڭ تۇرۇشلۇق ئۆيىنى، شۇنداقلا ئايرۇدرومنى ئىگىلىۋالدى. كوچىلاردا قالايمىقانچىلىق داۋام قىلماقتا».

ئاينا سورمانبايېۋانىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئالمۇتادا توك توختاپ كەتكەن بولۇپ، ھۆكۈمەتسىزلىك يۈز بەرگەن. ئۇ: «تۈنۈگۈن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان. بىراق ھازىر ئالمۇتادا توك توختاپ كەتتى، ھۆكۈمەتمۇ يوق. قالايمىقانچىلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە. ھازىر توك يوق. ھۆكۈمەت بىنالىرىنى قوغدايدىغان ساقچىمۇ يوق، ئارمىيەمۇ يوق» دېدى.

بەزى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نارازىلىق ھەرىكىتىنى بېنزىن باھاسى كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن بۇ نارازىلىقنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بار ئىكەن.

ئامېرىكادىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقاتى پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور شون روبېرتس 5-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستاندا پرېزىدېنت ئالماشقان بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن سىياسىي ئىسلاھات ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، بۇنىڭ نۇرغۇن ئۈمىدسىزلىكلەرنى ياراتقانلىقى، بېنزىن باھاسى بۇ ئۈمىدسىزلىكلەرنىڭ پارتلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «كۆپ يىللاردىن بۇيان قازاقىستان ھۆكۈمىتى نۇقتىسىدىن ئىشلارنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى نۇرغۇن ئۈمىدسىزلىكلەرنى پەيدا قىلدى. قازاقىستاننىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى بىر قانچە يىل ئاۋۋال ھوقۇقىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقىلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى. يېڭى پرېزىدېنت توقايېفقا پرېزىدېنتلىق ئەركىن ۋە ئادىل بولمىغان بىر سايلام بىلەن بېرىلدى. خەلق بىر قانچە يىلدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىغا ئىشەندى. مېنىڭچە بېنزىن باھاسى ۋە كورونا يۇقۇمى مەزگىلىدىكى ئۈمىدسىزلىك خەلقنىڭ ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولدى».

قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دەسلەپكى 20 يىل ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىغاندا ئىقتىسادى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەت بولغان. پروفېسسور شون روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى كېيىنكى 10 يىلدا قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋە خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرەلمىگەن.

شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «شۇ بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىش مۇھىم، قازاقىستاننىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە نۇرغۇن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشى، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بولدى. بىراق مەۋجۇت ھالەتنى ساقلاش تەرەپدارى بولغان ھۆكۈمەت مۇشۇنداق ماڭساق خەلق مۇستەبىت ھاكىمىيەتتىن بىئارام بولمايدۇ، دېگەن چۈشەنچىگە كەلگەن. بىراق خەلق بولۇپمۇ كېيىنكى 10 يىلدا ئۆزگەردى. ئۇلار ھۆكۈمەتتىن تېخىمۇ كۆپ نەرسە تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىسادىي ئۆسۈشمۇ ئاستىلاپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى بۇرۇنقىدەك ماڭمىدى».

خىتاي قازاقىستاننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىدۇر. خىتاي ھازىرغا قەدەر قازاقىستاندىكى ئۆزگىرىشكە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەتنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. پروفېسسور شون روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەردە ھېچبىر تەرەپنى تۇتمىسىمۇ، بىراق قازاقىستان ۋەزىيىتىگە باشقىچىرەك قارايدىكەن. روبېرتس، چۈنكى خىتاينىڭ قازاقىستاندا كۆرۈنەرلىك مىقداردا سانائەت ۋە خام ئەشيا مەبلىغى بارلىقى، ھەرقانداق ئۆزگىرىش مەبلەغ سېلىش كېلىشىملىرىنىڭ شەرتلىرىنى قايتا مۇزاكىرە قىلىش تەلىپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، پرېزىدېنت توقايېفنىڭ كېيىنكى قەدەمدە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. ئۇ چارشەنبە كۈنى سۆزلىگەن بۇ ھەقتىكى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا نارازىلىق ھەرىكىتىنى قازاقىستان تارىخىنىڭ «زۇلمەتلىك دەۋرى» دېگەن. توقايېف، ئۆزىنىڭ «پرېزىدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش، قازاقىستاننىڭ پۈتۈنلۈكىدىن ئەندىشە قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى» نى ئېيتقان. لېكىن ئادۋوكات ئاينا سورمانبايېۋانىڭ ئېيتىشىچە، «باستۇرۇش نارازىلىقنى ھەل قىلىش يولى ئەمەس» ئىكەن. ئۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى «مىللىي دىئالوگ» ئىكەنلىكى، پرېزىدېنت توقايېفنىڭ تەرەپلەرنى دەرھال «مىللىي دىئالوگ» قا چاقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئاينا سورمانبايېۋا: «ئالدى بىلەن سىستېمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مىللىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىشى، پرېزىدېنت بۇنى ئەتىلا دەرھال ئېلان قىلىشى لازىم. ئەگەر ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەقسىتى بولسا، ئۇ بۇنى مىللىي دىئالوگدىن باشلىشى كېرەك. ئۇ بۇنىڭغا بارلىق تەرەپلەرنى، جۈملىدىن ھۆكۈمەت، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەرنى چاقىرىشى، خەلقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى لازىم. دۆلىتىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مىللىي دىئالوگقا ئېھتىياجىمىز بار. باستۇرۇش تاللاش يولى ئەمەس» دېدى.

ئاينا سورمانبايېۋانىڭ كۆرسىتىشىچە، نارازىلىق ھەرىكىتى بېنزىن باھاسى تۈپەيلىدىن پارتلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ سەۋەبى چىرىكلەشكەن سىستېما ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بېنزىن باھاسى بۇ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ پەقەت كىچىككىنە سەۋەبى. بۇ نارازىلىق چېرىكلەشكەن سىستېمىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇنى ئىشسىزلىق، كىرىمنىڭ تۆۋەنلىكى، مائاشنىڭ ئازلىقى، ماكانسىزلىق، بانكىلارغا قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىش، قازاقىستاننىڭ ئىنتايىن باي دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، ئىقتىسادنىڭ ناچار بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقاردى».

قازاقىستان يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى ئالمۇتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدىن تۇمانلار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇر-ئوتان پارتىيەسىنىڭ ئالمۇتا شۆبىسىنىڭ بىناسى ۋە سابىق پرېزىدېنتنىڭ تۇرۇشلۇق قونالغۇسىغىمۇ ئوت قويۇپ بېرىلگەن.

2-يانۋار كۈنى، غەربىي-جەنۇبىي قازاقىستاننىڭ مانغىستاۋ ۋىلايىتىدىكى نېفىت بازىسى-جانائۇزېن شەھىرىدە بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبلىك باشلىنىپ، پۈتۈن قازاقىستانغا كېڭەيگەن بۇ نارازىلىق ھەرىكىتى، قازاقىستان 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارقىلىپ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيانقى 30 يىل مابەينىدە يۈز بەرگەن ئەڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.