سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتى قازاقىستانغا قوشۇن كىرگۈزدى
2022.01.06
قازاقىستاندىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىشى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېلىپ قالغان رۇسىيە باشچىلىقىدىكى 6 دۆلەتنىڭ «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتى قازاقىستان ۋەزىيىتىگە ئارىلاشتى. «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتى قوراللىق قىسىملىرى 6-يانۋار تاڭ سەھەردىن باشلاپ «تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى» نامىدا قازاقىستانغا كىرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى» ئالمۇتا شەھىرىدىكى مۇھىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلارنى ئىگىلىگەن.
6-يانۋار كۈنىدىكى خەۋەرلەردە، توقۇنۇش ۋە مىلتىق ئاۋازلىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا مەركىزى بولغان ئالمۇتا شەھىرىنى قاپلىغانلىقى، قازاقىستان ساقچىلىرىنىڭ رۇسىيە باشچىلىقىدىكى ھەربىي ئىتتىپاق قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تۈرتكىسىدە قازاقىستان مۇستەقىل بولغان 30 يىلدىن بۇيانقى مەزكۇر ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتىدە پارتلىغان ئەڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى بېسىقتۇرۇشقا كىرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ئامانلىق كۈچلىرى 6-يانۋار كۈنى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان.
بىراق قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى دەلىللەش مۇمكىن بولمىدى. ساقچى تەرەپ ئونلىغان نامايىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، بىراق نامايىشچىلارنىڭمۇ 13 ساقچىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، 350 دىن ئارتۇق ساقچىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچى تەرەپ باياناتچىسى سالتانەت ئازىربېكنىڭ ئېيتىشىچە، «رادىكال كۈچلەر» ئالمۇتا شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىغا ۋە ساقچى ئىدارىسىگە بېسىم كىرمەكچى بولغان بولۇپ، «ئونلىغان ھۇجۇمچى يوقىتىلغان ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان».
2-يانۋار كۈنى قازاقىستاننىڭ غەربىي-جەنۇبىدىكى جانائۇزېندىن باشلانغان نارازىلىق ھەرىكىتى پۈتۈن قازاقىستانغا كېڭىيىپ، نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىشى بىلەن پرېزىدېنت توقايېف 5-يانۋار «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتىنى ياردەمگە چاقىرغان. «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتى توقايېفنىڭ تەكلىپىنى دەرھال قوبۇل قىلىپ، قوشۇن يوللىغان. بۇ مەزكۇر ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ تارىخىدا تۇنجى ئەزا دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىشىدۇر.
نۆۋەتتە، قازاقىستانغا رۇسىيەنىڭ قوشۇن چىقارغانلىقى، ئەرمېنىيەنىڭ 70 تەك ئەسكەر يوللىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما جەمئىي قانچىلىك ئەسكەر چىقارغانلىقى مەلۇم ئەمەس. قىرغىزىستان پارلامېنتى قازاقىستانغا قوشۇن چىقىرىش قارارىنى 7-يانۋار ئاۋازغا قويىدىكەن. قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ رەئىسى تالانبېك مامىتوف 6-يانۋار رادىىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قىرغىزىستاننىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىدىكى مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تالانبېك مامىتوف مۇنداق دېدى: «يۇقىرى كېڭەش يەنى بىزنىڭ مەجلىس بۇ مەسىلىنى كۆرۈپ چىقىدۇ. رۇخسەت قوشۇن كىرگۈزۈش توغرىسىدا. بىزدە بۇ قارار ئەتە (7-يانۋار) قاراپ چىقىلىدۇ. شۇنداق بىز بۇنى ئەتە قاراپ چىقىمىز. بىزدە بۇ بىر ئادەمنىڭ قارارى بىلەن ئەمەس، يۇقىرى كېڭەشتىكى بارلىقىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قارارى بىلەن بولىدۇ. بىز ئۇنداق كىرمەيمىز. بىز كېلىشىمگە قول قويغان، ئۇنىڭدا ئىمزايىمىز بار. شۇ تۈپەيلى بىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىمىز. بىراق بىز بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا ئىچكى سىياسىي مەسىلىلەرگە ئارلىاشقىمىز يوق. بىز پەقەت خەۋپسىزلىك ۋەزىپسىنى ئاتقۇرىمىز».
تالانبېك مامىتوف ئىككى كۈن ئاۋۋال مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن قىرغىزىستان پارلامېنتى يەنى ئالىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئەگەر پارلامېنت قوشۇن چىقىرىشنى تەستىقلىسا، بۇ قىرغىزىستاننىڭ تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ بىخەتەرلىكى كۈنلۈكى ئاستىدا باشقا دۆلەتكە قوشۇن چىقىرىشى بولىدۇ. تالانبېك مامىتوف «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ قازاقىستانغا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارنى قوغداش ئۈچۈن كىرىدىغانلىقى، ئىچكى سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تالانبېك مامىتوف: «بۇ قورال ئىشلىتىپ باستۇرۇشنى مەقسەت قىلمايدۇ. يەنى بىزنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ئورتاق گەۋدىسى قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئىچكى مەسىلىلەرنى ھەربىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى كۆزلىمەيدۇ. بۇنىڭ قىلماقچى بولغىنى ئىچكى سىياسىي مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلارغا قارىتىلغان ئەمەس. بەلكى قانۇن بويىچە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلارنى يەنى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئەسلىھەلىرىنى، دوختۇرخانا، گاز پونكىتلىرىنى، ئسىتراتېگىيەلىك ئورۇنلارنى قوغداشتۇر. ئىچكى سىياسەتكە ئارىلىشىپ، ئۇنىڭغا قول تىقىش بۇ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس»، دېدى.
رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنادىكى كېڭەيمىچىلىكى تۈپەيلى غەرب بىلەن بولغان ئىختىلاپى ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن، شۇنداقلا خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىگە قارىتا قازاقىستاننىڭ بىتەرەپ تۇرۇشىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقان بىر قازاقىستانغا قوشۇن كىرگۈزدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيەنىڭ قوشۇن كىرگۈزۈشى قازاقىستاندىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
گېرمانىيەلىك سىياسىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى، گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر» تەشكىلاتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ھانو شەدلېر 6-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم قوشنىلىرىدىن خىتايدەك دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي قوشنىسى بولغان رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى ئەسلىدىنلا مۇرەككەپ بولغان ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. مېنىڭ بىلىشىمچە نامايىشچىلار جاۋابكارلىقنى، تېخىمۇ باراۋەرلىكنى، پارىخورلۇقنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەلۋەتتە بىز نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ زوراۋانلىققا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز. بىراق زوراۋانلىق قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەدىن قوشۇن كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىشىغا باھانە بولدى. لېكىن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى قازاقىستان نامايىشىچىلىرىنى قوغدامدۇ ياكى قوراللىق، قانۇنسىز باستۇرامدۇ، بۇنىڭغا بىر ھازىر نېمە دېيەلمەيمەن».
ھانو شەدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيەنىڭ قازاقىستانغا قوشۇن چىقىرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ قوشنا دۆلەتلىرىدە «رەڭلىك ئىنقىلاب» يۈز بېرىپ، دېموكراتىيەگە كۆچۈشىنى خالىمايدىكەن. ئۇ، خىتاينىڭمۇ قازاقىستاننىڭ نەزەربايېف دەۋرىدىكى مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھانو شەدلېر: «شۇڭلاشقا، ئۇلار قوشنا دۆلەتلەردە ئۆزلىرى خالايدىغان بىر خىل تىنچلىقنى دىكتاتور رەھبەرلەر ئارقىلىق ساقلاپ، ئۇلارنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدى. مېنىڭچە مانا بۇ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستانغا قوشۇن چىقىرىشنى قارار قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. خىتاي مەسىلىسىگە كەلسەك، خىتاي ھۆكۈمىتى سابىق قازاقىستان پرېزىدېنت نەزەربايېف بىلەن يېقىن. ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. ئۇ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ داۋاملىق ھوقۇقتا قېلىشىنى ئمىت قىلىدۇ. ئۇ قازاقىستانغا دېموكراتىيە ۋە جاۋابكارلىقنىڭ كېلىشىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان قازاقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بىر ھۆكۈمەتنى خالىمايدۇ.»
لېكىن توقايېف 6-يانۋار ئەتىگەندە سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتقىدا رۇسىيە، ئەرمېنىيە، بېلارۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چەتئەلدە تەربىيەلەنگەن «تېررورچى» گۇرۇھلىرىنىڭ بىنا، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە قورال-ياراغلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى، ئالمۇتا ئايرودرومىدا بەش ئايروپىلاننى تارتىۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
توقايېف يەنە «دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقى»، «ئالمۇتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ۋەيران قىلىنغانلىقى، بۇزغۇنچىلىققا» ئۇچرىغانلىقى، ئالمۇتا ئاھالىسىنىڭ «تېررورچىلار، باندىتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى» نى تەكىتلەپ: «شۇڭا دۆلىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىپ دۆلىتىمىزنى قوغداش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان قازاقىستاننىڭ ئىچكى مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق ئاقساراي باياناتچىسى جېن ساكى رۇسىيەنىڭ قازاقىستاندىكى نارازىلىقنىڭ ئارقىسىدا «ئامېرىكا بار» دېگەن سۆزىگە رەددىيە بېرىپ، بۇنى «رۇسىيەنىڭ ساراڭلارچە پىكىرى» دەپ ئەيىبلىگەن.
جېن ساكى: «بىز قازاقىستاندىكى نامايىشقا دائىر خەۋەرلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز. بىز ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارنى، نامايىشچىلارنىڭ ئۆزىنى تىنچ ئىپادىلىشى، دائىرىلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى توغرىسىدىكى مۇراجىئەتلەرنى قوللايمىز» دېگەن.