قازاقىستان خىتايغا نارازىلىق نوتىسىنى ئەۋەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-04-15
Share
qazaqistan-xitay-naraziliq.jpg قازاقىستاننىڭ خىتايغا نارازىلىق مەكتۇپى يوللىغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەردىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
reuters.com

يېقىندا خىتاي ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە سەۋەبىدىن قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىلىپ، بۇ ھەتتا قازاقىستاننىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان خىتايغا نارازىلىق نوتىسىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا ھەر خىل مەزمۇندىكى ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.

«قازاقىستان نۇر» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان ئادېلائىدا رومانوۋانىڭ «قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ماقالە سەۋەبىدىن خىتايغا نارازىلىق نوتىسى ئەۋەتتى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى «نېمە ئۈچۈن قازاقىستان خىتايغا قايتىپ كەلگۈسى كېلىدۇ؟» ئىكەن. مەزكۇر ماقالە ھەققىدە ئاخبارات قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسى جاڭ شياۋ بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئېيتىلغان. ئىككى تەرەپ مۇزاكىرىسى داۋامىدا قازاقىستان تەرەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ «مەڭگۈلۈك ئىككى تەرەپلىمىلىك شېرىكلىك» ئىستراتېگىيەسىنى بۇزغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ھەم بۇ ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى كېلىشىمنىڭ روھىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇنداق نارازىلىق نوتىسى قازاقىستاننىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغىمۇ ئەۋەتىلگەن.

«ئالتىنوردا» تور بېتىدە بېرىلگەن «خىتاي قاچان قازاقىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋالىدۇ؟ خىتاينىڭ تونۇلغان مەنبەسىدە مۇشۇنداق سوئال بېرىدۇ» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى «sohu.com» ناملىق ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ژۇرنالىستلىرى «خىتاي قاچان قازاقىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋالىدۇ؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ژۇرنالىستلىرى تارىخى مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ، ھازىر قازاقىستاندا خىتايدىن چىققان 400 مىڭ ئادەمنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى خىتاينىڭ چىڭ سۇلالىسىگە ياتقۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«جاس ئالاش» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۆز يېرىنى خىتايغا قوشقىسى كېلىدىغانلار كىملەر؟» دېگەن ماقالىدا ھازىرقى قازاقىستاننىڭ تېررىتورىيە جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەملىكەت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆتمۈش تارىخىدا يۈز بەرگەن سىياسىي-تارىخىي سەھىپىلەر مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇلغان ۋە بىر قاتار سىياسەتشۇناس ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرى بېرىلگەن. شۇلارنىڭ بىرى جەمئىيەت ئەربابى ئارمان شورايېف مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە، خىتاي تور بەتلىرىدىكى مۇنداق نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. سەۋەبى خىتاي ھېچ قانداق مەملىكەتنى ئۇرۇش بىلەن، كۈچ بىلەن بېسىۋالالمايدۇ، ئۇلار سودا-سېتىق بىلەن، ئىقتىسادىي تاجاۋۇز بىلەن بېسىۋېلىشى مۇمكىن. ھازىرمۇ بىز خىتايغا 11-12 مىليارد دوللار قەرزىمىز بار. ئىقتىسادىمىزغا سالغان خىتاينىڭ مەبلىغى 23 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ. بىز مۇشۇ قەرز ئېلىش مەسىلىسىدە خىتايدىن ساق بولۇشىمىز كېرەك. مۇمكىن بولغىنىچە، قەرزنى تېزرەك قايتۇرغىنىمىز دۇرۇس.»

ئۇ يەنە ئۆز سۆزىدە خىتايغا قەرزىنى قايتۇرالمىغان مەملىكەتلەرنىڭ ئۆز يېرىدىن، بايلىقلىرىدىن، قېزىلما كانلىرىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر قانداق لايىھەلەر ئۈچۈن خىتايدىن قەرز ئېلىشنى توختىتىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىز قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايغا ئەۋەتكەن نارازىلىق نوتىسى ھەققىدە مەملىكەتلىك ئىدارىلەر ۋەكىللىرى ھەم بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ قاراشلىرىغا ئىگە بولالمىدۇق. شۇنداقتىمۇ بەزى سىياسەتشۇناس ۋە پائالىيەتچىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

سىياسەتشۇناس يېرلان سايروف ئەپەندى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىنىڭ ھەر بىر قازاقىستانلىقنى غەزەپلەندۈرىدىغان بىر پاكىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ئۈچۈن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىق ئالىي قەدرىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئۆز ئېلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. خىتاي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان قازاق خەلقى توغرىلىق ئېيتقانلىرى ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدۇ. 30 يىل مابەينىدە قازاقىستان خەلقى ئۆزىنى مۇستەقىل ھېس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق ئاساسسىز بىلدۈرۈشلەر قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىدە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىنتايىن توغرا ئىش قىلدى. قازاقىستان بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ، مۇنداق ئىشلارنىڭ تەكرارلانماسلىقىغا يول قويمايدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

تونۇلغان قازاق پائالىيەتچىسى، سابىق «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى سېرىكجان بىلاش ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاننىڭ خىتايغا نارازىلىق نوتا ئەۋەتىشى چوڭ غەلىبە بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا قازاق مىللىتىنى، قازاقىستان دۆلىتىنى خورلىشى بۇ بىرىنچى بولۇۋاتقان ئەھۋال ئەمەسكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن ئون يىلدەك ئىلگىرى خىتاي تور بەتلىرىدە خىتاي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى خۇ خۇڭبونىڭ قازاقلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يېزىشلىرى قازاق مىللىتىگە قىلغان بەك چوڭ خورلۇق. شۇ چاغدا بىز مۇشۇنى كۆتۈردۇق. ئۈچ تور بېتىنى تاقىۋەتتى. خۇ خۇڭبو ئۆزى كەچۈرۈم خەت يازدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن ئىش توختاپ قالدى.»

سېرىكجان بىلاش شۇ چاغلاردا بۇنىڭ قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى ھەمدە قازاقلارنىڭ خىتايغا دېگەن ئۆچمەنلىكىنى ئويغىتىپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: ئىككىنچىسى، كورونا ۋىرۇسى باشلانغاندىن كېيىن يەنە شۇ تور بەتلىرى كورونا ۋىرۇسى قازاقىستاندا ياسالغان دېگەن ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىمۇ قازاقىستان تەرەپ بۇنىڭغا قارشى ھېچ قانداق گەپ قىلمىدى. ئۈچىنچىسى، «قازاقىستاننى قاچان خىتايغا قوشۇۋالىمىز» دېگەن ماقالە ئېلان قىلىندى. ئارقىدىن بۇ ماقالە «قازاقىستان خىتايغا قوشۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېگەن نام بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ. مۇشۇ ماقالىنى مەن تەرجىمە قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلدىم. ئارقىدىن قازاقىستاندىكى چوڭ دوكتور، تارىخچى تۇرسۇنخان زاكېن ئوغلى كۈچلۈك نارازىلىقىنى يېزىپ چىقتى ھەم قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشىنى سورىدى.»

سېرىكجان بىلاشنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە قۇئاندىق شاماخايېف، قۇلكېرىم ئېلېمېس، ئەلىمجان ئېشىم ئوغلى، توقتار ژاغاش قاتارلىق زىيالىيلار مەزكۇر مەسىلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن قازاقىستان جەمئىيىتى بۇ مەسىلىنى نەزەرگە ئالغان ھەم بۇ مەسىلە دۆلەت دەرىجىسىگە چىققان ئىكەن. ئۇ يەنە بۇنىڭ قازاق مىللىتىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قوغداشنىڭ، ئۆز يېرىگە بولغان ھۆرمىتىنىڭ ئۇلۇغ بىر غەلىبىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سېرىكجان بىلاش خىتاينىڭ خەلقئارادا ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاكتىپ ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ماقالىنىڭ باشتىن ئاياق قازاق خەلقىنىڭ، قازاقىستاننىڭ تارىخىنى، قازاقلارنىڭ دۆلەت-خانلىقلىرىنى رەت قىلىشقا قارىتىلغان ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىي غەرەزلىك بىلەن يېزىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەسلى قازاقىستان 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى، قازاقلارنى ئاممىۋى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا مۇشۇنداق نارازىلىق نوتا تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. خىتاينىڭ پۈتكۈل ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ ماقالىنىڭ چىقىشى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن چىققان ماقالە. ئەسلىدە قازاقىستان قاتتىق رەددىيە بېرىشى كېرەك ئىدى. قازاقىستاننىڭ مۇشۇ قەدىمى قازاق خەلقىنىڭ نومۇسىنى ھىمايە قىلدى. ئىككىنچىدىن، قازاقىستان خىتاينىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى چۈشەندى، دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ ‹، بىر بەلۋاغ بىر يول› ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئارقىسىدا مەركىزىي ئاسىيادىكى پۈتكۈل تۈركىي دۆلەتلەرنى يۇتۇۋېتىش نىيىتى بار ئىدى. مانا بۇ مۇنۇ ماقالىدا پاش بولدى.»

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە خىتاينىڭ باشقا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە دائىم ئۆز مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى، بۇ سىياسەتنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللىقاچان چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ھەققىدە غەرب دۇنياسىغا گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىت سايراگۈل ساۋۇتبايغا 2020-يىللىق «جەسۇر ئاياللار خەلقئارا مۇكاپاتى» تاپشۇرۇشى خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسى جاڭ شياۋنىڭ فېيسبۇك بېتىدىكى ۋاراقچىسىدا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ، بۇ نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. جاڭ شياۋ سايراگۈل ساۋۇتباينى ۋەتەننى، يەنى خىتاينى سېتىشتا ئەيىبلەپ، ئۇنى ئەڭ قەبىھ سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەنىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تارقىغان بۇ قېتىمقى ماقالىنىڭمۇ قازاقىستان جامائەتچىلىكى ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.