قازاقىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم

«خەلقئارالىق سىياسەت ئوقۇشلۇقى» ناملىق خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە مۇلاھىزىگە قارىغاندا، بۇ يىل مارتتا قازاقىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىيات تېخىمۇ كۈچەيگەن. 27-مارت، ئالمۇتا ۋە قازاقىستاننىڭ باشقا ئاساسلىق شەھەرلىرىدە خىتاينىڭ تەسىرى ۋە قازاقىستانغا كېڭىيىشىنى نىشان قىلغان نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن. ئالمۇتادىكى نامايىشقا بىر قانچە يۈز كىشى قاتناشقان، 20 نامايىشچى قولغا ئېلىنغان.

نامايىشقا قازاقىستاندا يېقىندا ماقۇللانغان يەر ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بىر يېڭى قانۇن سەۋەب بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان قانۇنى چەتئەل ئورۇنلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستاندىن يەر سېتىۋېلىشنى چەكلىسىمۇ، ئەمما چەتئەل ئورۇنلىرىنىڭ دېھقانچىلىق يېرىنى ئىجارە ئېلىشىغا يول قويىدىكەن.

ئىجارىگە بېرىلگەن ھەر قانداق يەرنى ئاخىرىدا سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ نامايىشچىلارنى ئەندىشىگە سالغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىكەن. بەزىلەر ھەتتا بۇنى خىتاينىڭ قازاقىستانغا «كېڭىيىش» پىلانىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىغان.

قازاقىستاندا 2016-يىلىدىن بۇيان يەر مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشە تۈپەيلى خىتايغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان. ئەينى ۋاقىتتا، قازاقىستان دېھقانچىلىق يەرلىرىنىڭ سېتىلىشىنى ۋاقتىنچە توڭلاتقان، بۇ دۆلەت ئىچىدە جىددىيلىك ۋە ئەندىشە پەيدا قىلغان.

2009-يىلى سابىق قازاق پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۈ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۇرچاق ۋە قىچا تېرىش ئۈچۈن قازاقىستاندىن بىر مىليون گېكتار يەر ئىجارىگە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن نەچچە ئونلىغان قازاقىستان پائالىيەتچىسى خىتاينىڭ ئالمۇتادىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا قازاقىستان زېمىنىنىڭ خىتايغا ئىجارىگە بېرىلىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.

بۇ يىل فېۋرال قازاقىستان پرېزىدېنتى بۇيرۇق چىقىرىپ، چەتئەل ئورگانلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستاندىكى دېھقانچىلىق يەرلىرىنى سېتىۋېلىشى ۋە ئىجارىگە بېرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.