قازاقىستان پۇقرالىرىدا خىتاي ئىشلەپچىقارغان كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىناسىغا قارىتا سەلبىي ئىنكاسلار كۆپەيمەكتىكەن
2021.05.04
مەلۇمكى، كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن يىلى مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ قازاقىستاندا پەۋقۇلئاددە ھالەت، ئاندىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلىنغاندى. شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن كارخانىلار، مەھكىمىلەر، سودا-سانائەت مەركەزلىرى ئۆز ئىشلىرىنى تۈگەل، يا بولمىسا قىسمەن توختاتقان ئىدى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئاھالىلەر ئارىسىدا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، قاتتىق بىخەتەرلىك چارىلىرىنى قوللانغان ئىدى. مۇنداق چارىلەر دۇنيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرىدە كۆرۈلگەنلىكى ئېنىق.
قازاقىستان ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ يىلىمۇ ۋابانىڭ يېڭىۋاشتىن كۈچىيىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېز ئۆسۈپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئاھالىلەرنى ۋاكسىنا بىلەن ئەملەش قارارىغا كەلگەنىكەن. ھازىر مەتبۇئاتلاردا ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ تېمىنىڭ جىددىي مۇنازىرە قوزغاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
«تەڭرى نيۇس» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «تسوي ۋاكسىنا سالدۇرغانلار قانداق چەكلىمىلەردىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى» ناملىق ماقالىدا دېيىلىشىچە، مەملىكەتتە ۋاكسىنىنىڭ ئىككى تەركىبى قىسمىنى سالدۇرغانلار ئۈچۈن بەزى چەكلىمىلەر ئېلىپ تاشلىنىدىكەن. قازاقىستان سالامەتلىكنى ساقلاش مىنىستىرى ئالېكسېي تسوينىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە، ئەلدە ۋابانىڭ تارىلىش سۈرىتى بىر قېلىپقا چۈشكەن بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتىدە يۇقۇملانغانلار سانى 2 پىرسەنتكە ئازايغانكەن.
ئۇنداقتا، ھازىر ۋاكسىنا مەسىلىسى قانداق ئەھۋالدا؟
بىيولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاكادېمىك، ۋىرۇس ئىلمى مۇتەخەسسىسى مەسىمجان ۋىلياموف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر دۇنيادا 11 ۋاكسىنا تەكشۈرۈلۈشنىڭ 3-باسقۇچىدا بولسا، 16 ۋاكسىنا 2-باسقۇچىدا، يەنە 18 ۋاكسىنا 1-باسقۇچىدىكەن. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىپ چىقارغان ۋاكسىنىسى ياخشى كۆرسەتكۈچلەرگە ئىگە بولۇۋاتماقتىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، يەنە رۇسىيەنىڭ «سپۇتنىك» ۋاكسىنىسىنىڭ ئەھمىيىتى 92 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن.
مەسىمجان ۋىلياموف مۇنداق دېدى: «بۇ ۋاكسىنىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرى بار. 18 ياشقىچە بالىلارغا، 60 ياشتىن چوڭ ئادەملەرگە، ئېغىر بوي ئاياللارغا ۋە بالىلارنى بېقىۋاتقان ئاياللارغا بولمايدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا، بۇ ۋاكسىنىنىڭ سەلبىي تەسىرىنىڭ بار ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا قوشۇمچە قازاقىستاندىمۇ ‹بىيولوگىيەلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى› ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبىرى كۈنسۇلۇ زاكىرىيانىڭ ئېيتىشى بويىچە ‹كاز كوۋىد› دېگەن ۋاكسىنا چىقىرىلدى. بۇنىڭ ئەھمىيىتى رۇسىيە ۋاكسىنىسىدىن تۆۋەن ئەمەس. بىراق ھازىر خەلق ئىچىدە شۇنى پايدىللىنىش مەسىلىسى ھەر تۈرلۈك دائىرىدە بولماقتا. بۇ ۋاكسىنىلارنى پايدىللىنىش قوللانمىسى بويىچە ئىشلەتكەن دۇرۇس دەپ ئويلايمەن. بىر ئاز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە 50 تىن ئوشۇق ۋاكسىنا چىقىرىلىۋاتىدۇ. شۇلارنى پايدىلىنىش ئارقىلىق كورونا ۋىرۇسىنى يېڭىش مەسىلىسى تۇغۇلىدۇ.»
مەسىمجان ۋىلياموف قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنە شۇ ۋاكسىنىلارنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما مەزكۇر ۋاكسىنىلارنىڭ 3-باسقۇچ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش لازىملىقىنى بىلدۈردى. بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىقلاش مەسىلىسىمۇ باركەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسىگىمۇ ئاھالىلەر بىردەك قارىمايدىكەن.
مەتبۇئاتلاردا قازاقىستانلىقلارغا ئاممىۋى تۈردە خىتاينىڭ «sinopharm» ۋاكسىنىسىنى سالىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرمۇ ئېلان قىلىنماقتا. شۇلارنىڭ بىرى «ئازادلىق» رادىيوسىدا بېرىلگەن «قازاقىستان ‹سامرۇق-قازاقىستان› خادىملىرى ئۈچۈن مىليون خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ دورىسىنى سېتىۋالدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ۋاكسىنىسى ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغانكەن. 31 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىنغان مۇنداق كۆلەمدىكى ۋاكسىنىنى 500 مىڭ ئادەمگە سالدۇرۇشقا بولىدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئېلىپ بارماقتا. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ خەلقلەرنى قوللاۋاتقان بىر پەيتتە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئوخشاش بەزى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قوللاۋاتماقتىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس رىسبېك سەرسېنباي ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن ھازىر يالغۇز خىتاينىڭ ئەمەس، رۇسلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭمۇ ۋاكسىنىلىرى پايدىلىنىش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. خەلقنىڭ ھەممىسى قانداقلا بولمىسۇن، ۋاكسىنىنى ئالغۇسى كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭكىنى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايدىغان ئادەملەر ئاز ئەمەس. بىراق ئۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەجبۇرلاپ سېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ۋاكسىنىسىنى مەيلى قەيەردە ئىشلەپ چىقمىسۇن، بىز ئۇنى خالىمايمىز. كۆڭلۈمىزدە خىتاينىڭ ۋاكسىنىسىغا قارىتا گۇمان بار. بۇ ۋاكسىنىلار سىناقتىن تولۇق ئۆتۈپ ئۈلگۈرەلمىدى. يەنى كاپالەت يوق. بەزى ۋاكسىنىلارنى ئەملەتكەن ئادەملەر ئۆلۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خەۋپلىك نەرسە.»
ئالمۇتادىكى «ناغىز ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بېكزات مەخسۇتقان ئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە، كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرمۇ ئېغىر ئازابتا قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى قازاقىستانلىقلارنى ئەنسىرىمەكتىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يەردىكى خەلقمۇ ۋاكسىنىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. مەن قانچە ئادەم بىلەن سۆزلەشسەممۇ، ئۇلار ۋاكسىنىغا ئىشەنمەيمىز دەۋاتىدۇ. بىزنىڭ يۇقىرىقى ھاكىمىيەتتىكىلەر بۇ ۋاكسىنىلارنى رۇسىيەنىڭكى دەپ ئېيتىۋاتىدۇ. لېكىن بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئىكەنلىكى ئېنىققۇ. خىتايدىن بىزگە كەلگەن خەۋەرلەر بويىچە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى خىتاي ئۆزىنىڭ ۋاكسىنىسىنى قوبۇل قىلمىغان. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سالدۇرىدىغان ۋاكسىنىسى بار. خەلققە سالدۇرىدىغان ۋاكسىنىنى ئۇلار سالدۇرمىغان. بۇ ۋاكسىنىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرگە سالدۇرماقچى. بۇمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر تۈرى. بۇ ۋاكسىنا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تۇخۇمىنى يوقىتىشنىڭ بىر ئامالى. خىتاي لاگېرلاردا قانچىمۇ ئادەمنى ئۆلتۈردى. ئەمدى ۋاكسىنا بىلەن ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن. بىراق ئۇلار بىر-ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ قالمايدۇ. بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن باشقا كېسەل بىلەن ئاغرىپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەۋلادىنى داۋام قىلالماي قېلىشى مۇمكىن. بىزدە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، مەجبۇرلاپ، ئالداپ سالدۇرۇۋاتىدۇ. خەلق بۇ ۋاكسىنىنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيۋاتىدۇ. يۇقىرىدىكىلەر بارا-بارا بۇنى كۈچ بىلەن يا بولمىسا يالغان ئاخبارات بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشتى. بۇ ئىنتايىن خەۋپلىك ھادىسە. بۇنىڭ بارلىقى ئادەم سانىنى ئازايتىشقا قارىتىلغان.»
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 330031، ئۆلگەنلەرنىڭ 3 762، ساقايغانلارنىڭ سانى 281 708 ئادەمنى تەشكىل قىلىدىكەن. ھازىر ئاغرىۋاتقانلار 44 601 نەپەر ئىكەن.