يېقىندا قازاقىستاننىڭ رەسمىي ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 14-سېنتەبىردە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي رەھبىرىنىڭ بۇ سەپىرىگە بولغان نارازىلىقلار توغرىلىق ئۇچۇرلار تارقاشقا باشلىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە، جۈملىدىن بىرىنچى نۆۋەتتە قازاقىستاندا بولىدىغان رەسمىي زىيارىتىگە قارىتا نارازىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان ھازىرقى ئەھۋاللار سەۋەب بولغان. بولۇپمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا غۇلجا شەھىرىدە ئورۇن ئالغان ئاچلىق كرىزىسى دۇنيانىڭ باشقىمۇ دۆلەتلىرى قاتارىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى، قازاقلارنى ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئالمۇتا شەھىرىدىكى «ئاتايۇرت پىدائىلىرى» تەشكىلاتى، خىتاي رەئىسىنىڭ سەپىرى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە تېگىشلىك ئورۇنلارغا ئىلتىماس سۇنغان.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئاتايۇرت پىدائىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئېربول دەۋلېتبېك ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.
ئۇ مەزكۇر نامايىشنىڭ مەخسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز نامايىشقا چىقىش ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئىلتىماس بەردۇق. ھەر ئىككى قېتىم رۇخسەت بەرمەي قايتۇردى. 29-ئاۋغۇستتا ئىككىنچى قېتىم ئىلتىماس بەرگىنىمىزدە، يەنە قايتۇرۇلدى. بۇ يەردە بىز ئۈچ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىرىنچى، خىتاي رەئىسىنىڭ قازاقىستانغا نارەسمىي سەپەر بىلەن كېلىشىگە نارازى ئىكەنلىكىمىز. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈپ تۇرۇپ، يەنى ئۇ يەردىكى بىزنىڭ مىلليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا قېرىنداش-تۇغقانلىرىمىزنى قولدا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئەركىن-ئازاد قازاقىستانغا كېلىشىگە ھېچ قانداق ئاساسمۇ يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ سەپىرىگە نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرگىمىز كەلدى. ئىككىنچى، 2017-يىلدىن بۇيان خىتايدا ئومۇميۈزلۈك قولغا ئېلىش، تۈرمە-لاگېرلارغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق چوڭ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مۇشۇ سىياسىتىنى بىز قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئۈچىنچى، مانا 40 كۈن بولدى، شەرقىي تۈركىستاندا ئادەملەرنى ئۆز ئۆزلىرىگە قاماپ سولاۋاتىدۇ. ئۇلارنى يېمەك-ئىچمەكتىن، دورا-دەرمەكتىن قىسىپ، ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئالمۇتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا 600 كۈندىن بۇيان ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ، نامايىشقا چىقىۋاتقانلارنى چەتتىن قولغا ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بارلىقى خىتاينىڭ كۆڭلىدىن چىقىش ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇلار خىتاي رەئىسىنىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك قارشى ئېلىۋالغۇسى كېلىۋاتقان بولۇشى كېرەك. بۇ قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىدىندۇر.»
خىتاينىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىشقا چىققان راخىما سېنباي خانىم مۇداق دېدى: «2017-يىلى 16-ئۆكتەبىردە خىتايغا بېرىپ، سىياسىي لاگېردا يېتىپ، 2018-يىلى 23-ئۆكتەبىردە بوشاپ چىقتىم. بۇنىڭغا پەقەتلا قازاقىستانغا كېلىپ، ‹ۋاتسئاپ› تاراتقۇسىدىن پايدىلانغىنىم سەۋەب بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى ئاي مىرزا قاماقتا ئولتۇردۇم. دېكابىرنىڭ ئايىغىدا قازاقىستانغا كەلدىم. مېنىڭ 1992-يىلى تۇغۇلغان ئىنىم توختارجان سېنباي مۇشۇ يىلى 30-مايدا ھېچ بىر سەۋەبسىز قولغا ئېلىنىپ كەتتى. ھازىرغىچە قاماقتا. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ھەدىلىرىم بىلەن بىرگە ئالمۇتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا قېرىدىشىمنىڭ ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ، نامايىشقا چىقىۋاتىمەن. ھازىر شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستانغا كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەختكە بارىمىز دەۋاتىمىز. مەقسىتىمىز خىتاينىڭ باشقا خەلقلەرگە كۆرسىتىۋاتقا ئازابىرىغا نارازىلىقىمىزنى بىدۈرۈش ئىدى. ئەمما ئىككى كۈن ئالدىدا بايبولات بىلەن ئاقىقاتنى ئىچكىي ئىشلار باشقارمىسى تۇتۇپ كېتىپ، 15 كۈنگە قاماپ قويدى. ھازىر ئۇ ياقتا پەقەت ئۇيغۇر بىلەن قازاقنىلا ئەمەس، تۇڭگان، قىرغىز، ئۆزبېك، قىسقىسى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ بارلىقىنى سەۋەبسىز قاماۋاتىدۇ. ئەمدى مانا كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى دەپ خەلقنى ئاچتىن قىيناۋاتىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى گۈلىستان ھەمرايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى، بولۇپمۇ غۇلجا شەھىرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكى توغرىلىق ئۇچۇرلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ھۆكۈمەت كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن جاي-جايلاردا بىخەتەرلىك چارىلىرىنى كۆرۈش باھانىسى بىلەن خەلقنى ئۆيلىرىگە سولاپ تاشلاپتۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئاھالىلەر يېمەك-ئىچمەك ۋە تىببىي ياردەمدىن مەھرۇم بولۇپ، ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل ئاغرىقلاردىن ئۆلۈشكە باشلاپتۇ. ئاز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارىغان ۋىدېيولاردا خەلقنىڭ دات-پەريادىنى، يىغا-زېرىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ، بىزمۇ زار قاخشاۋاتىمىز. ھازىر ئارىمىزدا ھەتتا شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا يېمەك-ئىچمەك ۋە لازىم بولغان نەرسىلەرنى يەتكۈزۈشكە، قانداقلا بولمىسۇن، ياردەم قولىنى ئۇزىتىشقا تەييار تۇرغانلارمۇ بار. لېكىن بۇنىڭ قانداق يول-ئامالىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئېربول دەۋلېتبېك باشقۇرغان ‹ئاتايۇرت پىدائىلىرى› تەشكىلاتى خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ قازاقىستانغا كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشكە بەرگەن ئىلتىماسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن رەت قىلىنىپتۇ. بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش نىيىتىمىز بار ئىدى. ئەلۋەتتە، بىز قازاقىستان پۇقرالىرى بولغانلىقتىن مۇشۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا بېقىنىمىز. شۇنداقتىمۇ تارىخىي ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان ئىشلارغا، ئۇ ياقتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشە، ئەنسىرەشلەر، ھەتتا نارازىلىق كەيپىياتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.»
ئىگىلىشىمىزچە، «ئاتايۇرت پىدائىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈش توغرىلىق ئىككىنچى قېتىم بەرگەن ئىلتىماسىغا شەھەر ھاكىمى مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «‹ئاتايۇرت پىدائىلىرى› جۇمھۇرىيەتلىك جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ 2022-يىل 15-سېنتەبىردە سائات 12دىن 13 كىچە ‹چوقان ۋەلىخانوف› نامىدىكى باغچىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلققە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزۈشىنى رەت قىلىمىز.»