ئىنكاس: «قازاقىستان ئەمدى ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان كۆچمەنلەر ئۈچۈن خەتەرلىك جايغا ئايلىنىدۇ»

0:00 / 0:00

بىر قىسىم قازاق پائالىيەتچىلەرنىڭ فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىۋاتقان بايانات ۋە نامايىش چاقىرىقلىرىدىن شۇنىڭدەك «تاسس»، «ۋىلاست. ك ز» قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 20-سېنتەبىر قازاقىستان پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسى «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلاش ھەققىدىكى» قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، 4-ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستان سېناتى، يەنى يۇقىرى كېڭىشى بۇنى تەستىقلىغان.

لېكىن، بۇ كېلىشىم ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا كېلىپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم قازاقلاردا جىددىيلىك پەيدا قىلغان.

قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كېلىشىم بويىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلەر قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئەگەر قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتمەكچى بولسا، چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

يەنى ئۇلار قازاقىستان دائىرىلىرىگە، خىتاي تارقاتقان ئۆزىنىڭ «دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىش» ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى شەرت ئىكەن. قازاقىستان قانۇنىدا قوش دۆلەت گراژدانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ بىلەن ئەگەر خىتاي تەلەپ قىلسىلا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەلگەنلەرنى «قانۇنسىز كۆچمەن» سۈپىتىدە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىكەن.

قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە سېكرېتارى غەيرەت بايتولىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق خەلقى ئەسلىدە قازاقىستاننى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر پاناھگاھى قىلىپ كەلگەن ئىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىكىنى نۆۋەتتە خىتاي قارار قىلىدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكى ئۇلاردا زور ئەندىشە ۋە نارازىلىق قوزغىماقتىكەن.

غەيرەت بايتولىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ياشاۋاتقان ۋە قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر قىسىم كىشىلەر ۋە پائالىيەتچىلەر ئايرىم ئايرىم ھالدا ئاستانە ۋە ئالمۇتادا قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىغا، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، قازاقىستان پۇقرالىرىغا زىيانكەشلىك ئېلىپ كېلىدىغان بۇنداق قانۇندىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈشىگە ئىجازەت بېرىش تەلىپىنى بىللە سۇنغان.

قازاقىستان ئاخباراتلىرىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، دائىرىلەرنىڭ بۇ كېلىشىم قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە ئىككى دۆلەت تەۋەلىكى ساھەسىگە ئائىت قىلمىشلارغا زەربە بېرىشتە قانۇنى ئاساس تىكلەپ بەردى، دەپ كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، كېلىشىمدە يەنە ھەر ئىككى دۆلەت چېگرادىن كىرىش، تۇرۇش ۋە چىقىشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كىشىلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

قازاقىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سادنوف ئالدىنقى ھەپتە مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە: «بىز پەقەت پۇقرالارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن پۇقرالارنىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەيمىز» دېگەن.

لېكىن، دەسلەپكى يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە قازاقىستان گىراژدانلىقى سالاھىيىتى بىلەن ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان باختئەلى نۇر، گەرچە-2020 يىلىلا خىتاي گىراژدانلىقىدىن چىقىپ كېتىش ئىلتىماسىنى سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تەرەپ بۇ تەلەپنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەنىكەن.

ئۇ خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرىقى كېلىشىم بويىچە ھەتتا ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىڭمۇ تەھدىت ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەن قازاق ۋە ئۇيغۇرلار ئۆزىگە ئوخشاش، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول ئاچقانلىقىدىن ۋە قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈپ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئاتايۇرت پىدائىيلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئېربول دۆۋلەتبەكنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىتى، قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر رايونى كۆچمەنلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىش ئىكەن.

ئېربول ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇنىڭ بىلەن خىتاي پەقەت يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىققان قازاق ۋە ئۇيغۇرنىڭ ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، ھەتتا-1991 يىلىدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كېلىپ، قازاقىستان پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولالايدىكەن. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھەر قانداق ئادەمنى ھەتتا ئۇ قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن قايتۇرۇپ بېرىشىگە قانۇنى ئاساس تۇرغۇزۇلىدىكەن.

ئېربول ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە بۇ كېلىشىمدە مۇنۇلار قەيت قىلىنغان. 1-ماددىسىدا: ئىككى تەرەپ بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە تۆۋەندىكى ئاساسلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىدۇ:

  1. ۋىزاسىز كىرىش سانى ۋە ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىغا ئىككى دۆلەتتە تۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن ۋىزا سانى.
  2. بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ پۇقرالىرى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە شۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلىدۇ ياكى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
  3. توختام تۈزگۈچى دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغۇچى دۆلەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشى كېرەك.
  4. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپ پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش، تۇرۇش ۋە چىقىش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىر-بىرىگە ئۇقتۇرىدۇ.

ئېربول ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئەسلىدە، قازاقىستان دۆلەت گىراژدانلىقىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار كىشى پەقەت باشقا دۆلەتنىڭ گىراژدانلىقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك. ئەمما، كەلگۈسىدە، خىتاي گىراژدانلىقىدىن ۋاز كېچىشنى خالايدىغان قازاقلار چوقۇم خىتاي تارقاتقان گۇۋاھنامە بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئىكەن. ئەمما قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن قازاقلار خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىنى بىكار قىلىشى ھەققىدە ئىسپات تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ، خىتاي تەرەپ ئۇلارنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قازاقىستاندا گىراژدانلىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى خالىمىسىمۇ «قوش دۆلەت گىراژدانى» غا ئايلىنىپ قالماقتىكەن.

خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار، قازاقىستاندا يەنىلا خىتاي ۋە قازاقىستان ئىككىلا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كەلمەكتىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، ھەر خىل خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ قازاقىستانغا چىققان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارمۇ ئوخشاشلا قازاقىستان تەرىپىدىن قانۇنسىز كۆچمەن دەپ خىتايغا قايتۇرۇلۇشتەك خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە يۈزلەنگەنىدى.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىدە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن ساقلىنىپ، شىۋېتسىيەدە پاناھلانغان قازاق لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي شۇلاردىن بىرى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لاگېرلار باشلانغان ۋاقىتتا نۇرغۇن قازاقلارنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلىكى ۋە ياكى قازاقىستانغا بارغانلىقى سەۋەبلىكمۇ لاگېرلارغا قامالغان بولسا، قازاقىستاننىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى گۇۋاھچىلىرىنى جىمىقتۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سايراگۈل ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «‹قازاقىستان ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى› قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن قازاقىستاندا شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇچۇرى خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈشى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ، ئۇلار خىتايغا قارشى ئاۋاز چىقىرالمايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ».