قازاقىستاننىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر يىگىتى خەلقئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولدى
2023.02.24
يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدە تەنھەرىكەتنىڭ «جىت كۇن دو» (Jeet kune do) تۈرى بويىچە 2-خەلقئارا مۇسابىقە بولۇپ ئۆتتى. «جىت كۇن دو» خەلقئارا بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇسابىقىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت مەملىكەت، يەنى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان تەنھەرىكەتچىلىرى بولۇپ، 600 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.
«جىت كۇن دو» زامانىۋىي چامباشچىلىقنىڭ يېڭى بىر تۈرى بولۇپ، ئەنئەنىۋىي چامباشچىلىق گۇمپىسى، جيۇ-جىتسۇ (ئەركىن چېلىشىش) ۋە بوكس قاتارلىق تۈرلەر بىرلەشتۈرۈلگەن مۇشتلىشىش ھەرىكىتىدۇر. مۇشتلىشىشتىكى بۇ يېڭى تۈرنى ئامېرىكالىق داڭلىق تەنھەرىكەتچى ۋە كىنو ئارتىسى برۇس لى (1940-1973) ئىجات قىلغان.
بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق «جىت كۇن دو» مۇسابىقىسىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى «ئاسىيانىڭ ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچىسى» دېگەن نام ۋە باشقا ھەر خىل مۇكاپات تۈرلىرى ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەن. بۇ مۇسابىقىگە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەركىزى چونجا يېزىسىدا تۇرۇشلۇق «چونجا كوماندىسى» نىڭ تەنھەرىكەتچىلىرمۇ قاتناشقان.
بىز كوماندىنىڭ باش ترېنېرى تىلەپجان سوپىيېف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشقىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يىلقى بىرىنچى چوڭ ئۇتۇقىمىز مانا شۇ ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقە بولدى. ئۇنىڭغا 600 دىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. بىزنىڭ كۇلۇبتىن 53 تەنھەرىكەتچى باردى. ئۇلاردىن ئۈچى كەسپىي ماھىرلار گۇرۇپپىسىدا قاتناشتى. تۇرانقىز ھاكىموۋا دېگەن قىزىمىز يېڭىلىپ قالدى. ئەمما ئىككى شاگىرتىم، يەنى پەرھات تالىپوف بىلەن شاھرىن ھاپىزوف ياخشى نەتىجە كۆرسىتىپ، ‹ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچى‹دېگەن نام بىلەن زەپەر بەلبىغىنى بېلىگە باغلىدى. مۇنداق بەلباغدىن 7 سى بولۇپ، بىزنىڭ بالىلار شۇنىڭ ئىكىسىنى قولغا كەلتۈردى. قالغانلىرى ھەر تۈرلۈك مۇكاپاتلار ئۈچۈن كۈرەشتى. ئومۇمەن، بىزنىڭ كۇلۇب تەنھەرىكەتچىلىرى 33 مېدال، يەنى 16 ئالتۇن، 8 كۈمۈش، 9 مىس مېدال ئۇتتى. بەش دۆلەتتىن كەلگەن كوماندىلار ئىچىدە ئومۇمىي نەتىجە بويىچە بىز بىرىنچى ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، قازاقستاننىڭ تۇغىنى يەنە بىر قېتىم ئېگىز لەپىلدەتتۇق.»
تىلەپجان سوپىيېف يەنە مەزكۇر كۇلۇبنى قۇرۇشتا ۋە ئۇنىڭ ئىشىنى ئېلىپ بېرىشتا باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «12 يىل بۇرۇن تونۇلغان تەنھەرىكەتچى، يەنى مېنىڭ ئۇستازىم شاھئابباس كامېكوفنىڭ تەكلىپى ۋە ياردىمى بىلەن چونجادا تەنھەرىكەت كۇلۇبى ئاچقان ئىدۇق. شۇنىڭدىن بېرى كۆپلىگەن تەنھەرىكەتچىلەرنى يېتىشتۈردۇق. ئەلۋەتتە، كۇلۇبىمىزنىڭ تىك تۇرۇشى ئوڭاي بولمىدى، كۆپ قىينالدۇق. بىزنى يۇرتىمىز ۋە ئايرىم ساخاۋەتلىك ئىنسانلار ماددىي تەرەپتىن قوللاپ تۇردى. ناھىيەلىك، ۋىلايەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ئاندىن جۇمھۇرىيەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇق. تەنھەرىكەتچىلىرىمىز ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئەمما ئارىلىقلاردا خىراجەتنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كۇلۇبىمىزنىڭ ئىشى بىر نەچچە قېتىم توختاپمۇ قالدى. كېيىنىرەك يەنە شۇ ھامىيلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.»
بىز ئالمۇتادا ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقىدە «ئاسىيانىڭ ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچىسى» دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن، 2003-يىلى چونجا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن شاھرىن ھاپىزوفنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن 2017-يىلى تەنھەرىكەت ساھەسىگە كىردىم. مېنىڭ ترېنېرىم تەنھەرىكەتنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ماھىرى، ۋۇشۇ-ساندا بويىچە كۆپ قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان تىلەپجان سوپىيېف ئىدى. ئۇ ماڭا كۆپ ياردەم بەردى. مەن ۋۇشۇ-ساندا، يەكمۇ-يەك ئېلىشىش، جىت كۇن دو بويىچە كۆپ مۇسابىقىلەرگە قاتناشتىم. ھەر تۈرلۈك نەتىجىلەرنى قازاندىم. كېيىن مەن ھەربىي خىزمەتكە كەتتىم. ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ، يەنە شۇ تەنھەرىكەتكە قاتناشتىم. ئۈچ ئاي توختىماي ئىشلىدىم. كۆپ تىرىشتىم. ئالمۇتادا بولىدىغان مۇسابىقىگە قاتتىق تەييارلاندىم. مەن ‹ئاسىيانىڭ ئەڭ ياخشى چېمپىيونى› دېگەن بەلباغنى ئالغاندا قاتتىق خۇشال بولدۇم. مېنى قوللىغان ترېنېرىمغا، ئاتا-ئانامغا، ھەممىسىگە كۆپ رەھمەت. مەن يەنە تىرىشىپ، دۇنيا چېمپىيونى بولۇشنى ئارمان قىلىمەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە تۇنجى بوكس چېمپىيونى بولغانىكەن. كېيىنكى يىللاردا زاكىر توختىيېف، غوپۇر توختىيېف، ھېمىت توختاخۇنوف ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، قازاقىستاننىڭ شان-شەرىپىنى قوغداپ كەلگەن.