قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى: «بىز نارىماندىن پەخىرلىنىمىز!»

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن يېتىلىپ چىقىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەر چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، بىر تەرەپتىن، قازاقىستاننىڭ شان-شەرىپىنى قوغداۋاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتماقتا. ئۇلار تەنھەرىكەتنىڭ بوكس، بىرازىلىيەدە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش، ۋۇشۇ-ساندا، يەنى چامباشچىلىق، ئەركىن مۇشتلىشىش، گىمناستىكا ۋە باشقىمۇ تۈرلىرىدىن ئاسىيا ۋە دۇنيا چېمپىيونى دېگەن يۇقىرى ئاتاقلارغا يەتمەكتە.

يېقىندا داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف فىرانسىيە ۋە ۋېنگرىيەدە ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى، بولۇپمۇ ياشلارنى قاتتىق خۇرسەن قىلدى. بۇ ھەقتە قازاقىستاننىڭ «ئولىمپىك»، «قازاق تېلېگراف ئاگېنتلىقى»، «قازاق ئاخبارات بيۇروسى»، «زاكون»، «فېربېس» ئوخشاش ئىناۋەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى خەۋەر قىلدى.

قازاقىستاننىڭ «مىللىي ئولىمپىك كومىتېتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان «نارىمان قۇربانوف: بۇ مەۋسۇمدا مەن پارىژدا دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ ئويۇننى كۆرسەتتىم» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، نارىمان قۇربانوف بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ۋە ۋېنگرىيەنىڭ سومباتخېي شەھىرىدە ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە گىمناستىكانىڭ «ياغاچ ئاتتا ماھارەت كۆرسىتىش» تۈرىدىن كۈمۈش ۋە ئالتۇن مېداللارغا ئېرىشكەن.

داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف. 2022-يىلى سېنتەبىر، ۋېنگىرىيە.
داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف. 2022-يىلى سېنتەبىر، ۋېنگىرىيە. (RFA/Oyghan)

نارىمان قۇربانوف ئۇزۇن سەپەردىن كېلىپ، ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشىغا قارىماي ۋە شۇنداقلا يېڭى دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا جىددىي تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە ۋە ۋېنگىرىيەدە بولغان دۇنيا مۇسابىقىسىگە 30 دىن ئوشۇق مەملىكەتتىن ئۇنىڭ ھەر بىر تۈرى بويىچە تەخمىنەن 50 تىن تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. مېنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئەستە قالغىنى-پارىژدىكى ئىنتايىن چوڭ تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ ئادەمگە لىق تولغىنى ھەم شۇنداق گۈزەللىك ھەدىيە قىلغىنى بولدى. ۋېنگىرىيەدە بولسا، مەن بۇ مەۋسۇمدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ماھارىتىمنى كۆرسىتەلىدىم. بۇ ماڭا ئالدىمدا بولىدىغان يەنە بىر دۇنيا مۇسابىقىسىگە چوڭ ئۈمىد بېغىشلايدۇ. مەن ھازىر ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن بولىدىغان دۇنيا مۇسابىقىسىگە تەييارلىنىۋاتىمەن».

ئۇ يەنە قازاقىستاننىڭ شان-شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن بار كۈچىنى سەرپ قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىنىشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى زۇلپىيە تايىپوۋا خانىم نارىمان قۇربانوف ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان نارىمان قۇربانوفنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەنھەرىكەتنىڭ گىمناستىكا، يەنى ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە چوڭ ئۇتۇقلارغا يېتىۋاتقىنى بىز، ياشلارغا، ياخشى مەلۇم. بىز بۇ ھەقتە يېڭىلىقلارنى رۇس تىللىق ۋە ئۇيغۇر تىللىق گېزىتلەردىن، توربەتلىرىدىن ئوقۇپ تۇرۇۋاتىمىز. مۇشۇ بىر يىلنىلا ئالىدىغان بولساق، يىلنىڭ باشلىرىدا نارىمان قاتار مەملىكىتىنىڭ پايتەختى دوخا شەھىرىدە ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا، ئاندىن ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە يەنە ئالتۇن مېدالغا، ئاخىرقى قېتىم ئىيۇن ئېيىدا يەنە شۇ دوخا شەھىرىدە ئۆتكەن ئاسىيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. بۇ قېتىم بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا ئىككى دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، قازاقىستانغا بىر كۈمۈش ۋە بىر ئالتۇن مېدال ئېلىپ كەلدى. بۇ، ئەلۋەتتە، نارىماننىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە، تىرىشچانلىقىنىڭ، تەنھەرىكەتكە بولغان سەمىمىي قىزىقىشىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ بىلىمىز. بىز نارىمانغا يەنىمۇ چوڭ ئۇتۇقلار تىلەپ، دائىم ئېلىمىز قازاقىستاننى ۋە خەلقىمىزنى خۇشال قىلىۋەرسۇن دېمەكچىمىز. بىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز».

داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف(سولدىن بىرىنچى) دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ كۆمۈش مېدالغا ئېرىشتى. 2022-يىلى 30-سېنتەبىر، پارىژ، فىرانسىيە.
داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف(سولدىن بىرىنچى) دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ كۆمۈش مېدالغا ئېرىشتى. 2022-يىلى 30-سېنتەبىر، پارىژ، فىرانسىيە. (RFA/Oyghan)

قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئىلشات ئىمىنوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتنى ئېيتقاندا، قازاقىستاندىكى تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە دۇنيا ۋە ئاسىيا چېمپىيونلىرى بولۇۋاتقان قىز-يىگىتلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئاتاپ ئېيتايلۇق، دىلمۇرات مىجىتوف، ئابلىمىت ئىلياخۇنوف، ئادىلەم ھوشۇروۋا، رېنات قۇربانوف، رامىل ئابلىزوف، نارىمان قۇربانوفقا ئوخشاش چېمپىيونلىرىمىز-بىزنىڭ پەخرىمىز. ئۆز ۋاقتىدا ياشلىرىمىزدىن چىققان كۆپلىگەن تالانتلىق چېمپىيونلىرىمىز ئېلىمىزنىڭ ھەر خىل جايلىرىدا تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرىنى ئېچىپ، ياشلارنى تەربىيەلەۋاتىدۇ. ئەمدى نارىمان قۇربانوفقا كېلىدىغان بولساق، ئۇ بىزنىڭ ياش تەنھەرىكەتچىلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك يىگىتلىرىمىزنىڭ بىرى. بىز ئۇنى مۇشۇ نەتىجىگە يەتكۈزگەن ئۇنىڭ دادىسى، گىمناستىكا بويىچە قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى ھۈسەنجان قۇربانوفقا، شۇنداقلا ‹كېنتاۋر› قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم كۆرسىتىش جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى مەخمۇت ئىسكەندەروفقا ئۇيغۇر ياشلىرى نامىدىن چوڭ رەھمىتىمىزنى ئېيتىمىز. ئۇلارنىڭ بارلىقى قازاقىستان تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ».

1997-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن گىمناستىكا بىلەن شۇغۇللانغان نارىمان قۇربانوف 2017-يىلى كانادادا ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە «ياغاچ ئاتتا موللاق ئېتىش» ماھارىتىنى ئورۇنلاپ چىققانىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى يۇقىرى باھالىغان خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا «قۇربانوف ماھارىتى» دەپ نام بەرگەن.