ئۇيغۇر قىزى دىلناز تىلايېۋا «قازاقىستان يەر مەلىكىسى» ئاتالدى

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان قازاقىستاننىڭ رۇس ۋە قازاق تىللىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ھەم ئىجتىمائىي تورلاردا ئۇيغۇر قىزى دىلناز تىلايېۋانىڭ «قازاقىستان مەلىكىسى» مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، «قازاقىستان يەر مەلىكىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى توغرىلىق خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. بۇ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تورلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغانىدى.

قازاقىستاننىڭ «قازاق ئاخبارات بيۇروسى» قاتارلىق ئىناۋەتلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا ئۆتكەن بۇ مۇسابىقىگە قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىرىدىن ياش قىزلار قاتناشقان. قازىلار توپى نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت 23 نەپىرىنى تاللىغان. شۇلارنىڭ ئىچىدىن يەنە 12 قىزنى تاللىۋېلىپ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان. مۇسابىقە شەرتلىرى بويىچە ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ھەر خىل كىيىملەردە ۋە ژانىرلاردا ئۆز ھۈنەرلىرىنى نامايىش قىلغان.

قازاقىستاننىڭ «يەر مەلىكىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر قىزى دىلناز تىلايېۋا(سىڭلىسى بىلەن ئولتۇرغان) ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2022-يىلى نويابىر، قازاقىستان.
قازاقىستاننىڭ «يەر مەلىكىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر قىزى دىلناز تىلايېۋا(سىڭلىسى بىلەن ئولتۇرغان) ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2022-يىلى نويابىر، قازاقىستان. (RFA/Oyghan)

نەتىجىدە تونۇلغان ۋە تالانتلىق ئارتىسلار، تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىرى، ناخشىچىلار، تور ئاپتورلىرى ۋە باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلغان قارارلىرىغا بىنائەن مۇسابىقىدىن بەش قىز ئوزۇپ چىققان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مەخسۇس مۇكاپات ناملىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئەنە شۇلار قاتارىدىن ئۇيغۇر قىزى دىلناز تىلايېۋا قازاقىستاننىڭ «يەر مەلىكىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، خەلقئارا مۇسابىقىگە يوللانما ئالغان.

مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتناشقان بۇ بەش قىز ئىچىدىن تومىرىس كاكىموۋا «قازاقىستان-2022-يىل مەلىكىسى» غالىبى ئاتالغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى، «دۇنيا مەلىكىسى» مۇكاپاتىغا دىانا تاشىمبايېۋا، «يەر مەلىكىسى» مۇكاپاتىغا ئۇيغۇر قىزى دىلناز تىلايېۋا ئېرىشكەن.

مۇسابىقە قائىدىلىرى بويىچە ئۇنىڭغا 17-25 ياشلار ئارىلىقىدىكى، بويى 165 تىن 185 سانتىمېتىرغىچە كېلىدىغان قىزلار قاتناشقان. قازىلار ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشلىرىدىن تاشقىرى يەنە ناتىقلىق قابىلىيىتىنى، ھەر خىل ساھەلەردىكى بىلىمىنى ۋە ساۋاتىنى، شۇ جۈملىدىن بولۇپمۇ قازاق ۋە ئىنگلىز تىللىرى بويىچە بىلىمىنى باھالىغان.

بىز «يەر مەلىكىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دىلناز تىلايېۋانىڭ زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان ئويۇم بولمىغانىدى. ئىنستاگرامغا كىرىپ، تۇيۇقسىزلا ‹قازاقىستان مەلىكىسى› مۇسابىقىسى بولىدۇ دېگەن خەۋەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. قارىسام، ئۇ يەردە مەن ئوقۇۋاتقان ‹تۇران› ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەقسىز ئوقۇش شەرتىمۇ باركەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى قارار قىلدىم. بىراق بۇ ھەقتە ئاتا-ئانامغا ئېيتمىدىم. ئەگەر قوبۇل قىلسا، شۇ ۋاقىتتا دەيمەن دەپ ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ ئىلتىماس سۇنغانىدىم، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا تور ئارقىلىق بىرىنچى باسقۇچتىن ئۆتكىنىم توغرىلىق ماڭا خەۋەر كەلدى ۋە مېنى تەكلىپ قىلدى. مەن بۇنىڭغا قاتتىق خۇشال بولۇپ، دەررۇ ئاپامغا تېلېفون قىلدىم. ئاپاممۇ بۇنىڭغا خۇشال بولدى. ئومۇمەن ئاتا-ئانام مېنى ھەر تەرەپتىن قوللىدى».

دىلناز تىلايېۋا 2003-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە ئورۇنلاشقان قاراتۇرۇق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تالغىر ناھىيەسىنىڭ گۈلدالا ئوتتۇرا مەكتىپىنى تاماملاپ، ئالمۇتا شەھىرىدىكى «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەرجىمە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ھازىر شۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 2-كۇرسىدا بىلىم ئېلىۋاتىدۇ. دىلناز كىچىكىدىنلا كىتاب ئوقۇش، ئۇسسۇل، بوش ۋاقىتلىرىدا تەنھەرىكەتنىڭ ھار خىل تۈرلىرى بويىچە شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ شۇنىڭدەك ئۈچ يېرىم يىل مابەينىدە يېڭى كىيىملەرنىڭ مودېلىنى كۆرسىتىش ساھەسىدە خىزمەت قىلماقتا.

ئۇيغۇر قىزى دىلناز تىلايېۋا قازاقىستاننىڭ «يەر مەلىكىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2022-يىلى نويابىر، قازاقىستان.

دىلناز تىلايېۋا ئۆزىنىڭ «مەلىكە» مۇسابىقىسىدىن ئالغان تەسىراتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مېنىڭ ئىسمىمنى تېخى ئاتىماي تۇرۇپ، بوينۇمغا لېنتا ئاسقاندا مەن ھەتتا ئۆزۈمنى تۇتالماي، خۇشاللىقىمدىن يىغلىۋەتتىم. مەن ناھايىتى قاتتىق خۇشال بولدۇم. پەردىنىڭ ئۇ يېقىدا ماڭا قاراپ تۇرغان قىزلارمۇ يىغلاشقا باشلىدى. بۇ مېنىڭ ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە بولدى. ئەمدى تېخىمۇ تىرىشىپ، ئېلىمنى، خەلقىمنى دۇنياغا تونۇتىمەن دېگەن ئارمىنىم بار. ئالدىمدا تۇرغان خەلقئارا مۇسابىقىدە يەنە ئۇتۇققا يېتىمەن دېگەن ئۈمىدىممۇ بار. مەن مېنى قوللىغان بارلىق دوستلىرىمغا، مېنىڭ ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەن بارلىقىڭلارغا چوڭ رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلار ماڭا كۈچ-مەدەت بەردى. شۇنداقلا دائىم مېنىڭ يېنىمدا بولغان ئاتا-ئانامغا، يېقىنلىرىمغا چەكسىز مىننەتدارمەن. ھەممىڭلارغا يەنە بىر قېتىم چوڭ رەھمەت!».

ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىگە قاراشلىق گۈلدالا يېزىسىدا ياشاۋاتقان دىلنازنىڭ ئانىسى ئادىلەم تىلايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئائىلىدە ئىككى قىز، ئىككى ئوغۇل بار. دىلناز بالىلىرىمنىڭ چوڭى. دىلنازنىڭ بالا چېغىدىن ئارمىنى كىنو ئارتىسى بولۇش ئىدى. كىچىكىدىن بويى ئېگىز، كېلىشكەن، چىرايلىق، گۈزەل قىزلاردىن بولۇپ ئۆستى. دوستلىرى، سىنىپداشلىرى، مۇئەللىملىرى قاراپ، قىزىقاتتى. ‹ئالمۇتا مەلىكىسى› مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىرىنچى ‹ۋىتسې ( مۇئاۋىن) مەلىكە›ئاتىقىغا ئىگە بولدى. 18-نويابىردا دىلناز ‹قازاقىستان يەر گۈزىلى› ئاتىقىغا ئىگە بولدى. ئەمدى ئالەم بويىچە دەرىجىگە تەييارلىق قىلىمىز. بىز قىزىمىزنى مەنىۋى تەرەپتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىدۇق. بىراق دىلناز ئۆز كۈچى بىلەن مۇشۇ نەتىجىلەرگە يەتتى. مېنىڭ قىزىمنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن، ياردەم بەرگەن، ئاۋاز بەرگەن خەلقىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگۈم كېلىدۇ».

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ھەر خىل ساھەلەردە ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى نامايىش قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ تەن-ھەرىكەت ساھەسىدە پەقەت جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا دەرىجىسىدىمۇ تونۇلغان تەنھەرىكەتچىلەر بار. ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭدىن تاشقىرى ئىلىم-پەن، سەنئەت، ئەدەبىيات، ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىكى ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتماقتا.