12-ئاپرېلدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى يازغۇچىلار سارىيىدا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ 2022-يىل يەكۈنى بويىچە ھېسابات يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسى، ئالمۇتا شەھىرى ۋە قازاقىستاننىڭ باشقىمۇ ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ، 200دىن ئوشۇق يازغۇچى قاتناشتى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمۇ بولدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، شائىر ئۇلىقبېك ئېسدەۋلېت سۆزلىدى. ئۇ ھەر يىلى يازغۇچىلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ، يىل يەكۈنى بويىچە يىغىن ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى، ئىلگىرىكى ئىككى-ئۈچ يىل ئارىلىقىدا دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يازغۇچىلارنى بىر يەرگە يىغىش مۇمكىن بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆتكەن يىلنىڭمۇ مول ھوسۇللۇق بولۇپ، كۆپلىگەن يازغۇچىلار ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئاندىن قازاقىستاننىڭ دۆلەت گىمنى چېلىنغاندىن كېيىن، 2022-يىلى دۇنيادىن ئۆتكەن يازغۇچىلار بىر مىنۇتلۇق سۈكۈت بىلەن ئەسلەندى.

ئاندىن سۆز دوكلاتچىلارغا بېرىلدى. قازاق ئەدەبىياتىنىڭ پوئېزىيە، ياشلار پوئېزىيەسى، پروزا، ھۆججەتلىك پروزا، دراماتۇرگىيە، بالىلار ئەدەبىياتى، ئەدەبىي تەنقىد، چەتئەلدىكى قازاق ئەدەبىياتى ۋە باشقىمۇ ساھەلىرى، قازاقىستاندىكى رۇس ئەدەبىياتى بويىچە دوكلاتلار قىلىندى. ئۇنىڭدا شۇنداقلا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى يەكۈنى بويىچە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، شائىر ۋىليام مولوتوف دوكلات قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پوئېزىيە، پروزا، دراماتۇرگىيە، بالىلار ئەدەبىياتى ساھەلىرى بويىچە باشقا مىللىي ئەدەبىياتلاردىن ھېچ قېلىشماي راۋاجلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. دوكلاتچى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ باشقارما ئەزالىرىغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ دۆلەت خىراجىتى ھېسابىغا نەشر قىلىنىشىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن رىياسەتچىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئىتتىپاق رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئانتولوگىيە نەشر قىلىشقا دۆلەت تەرىپىدىن مەخسۇس خىراجەت بۆلۈشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمىدا كۆزگە كۆرۈنگەن، تالانتلىق يازغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مۇكاپاتلاش تەنتەنىسىدە بىر قاتار يازغۇچىلارغا «قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى» ئاتىقى بېرىلسە، كۆپلىگەن ئىجاتكارلار يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ «ئالاش» مۇكاپىتى ۋە پەخرىي يارلىقلىرى بىلەن تەقدىرلەندى.
يىغىندا مۇكاپاتقا سازاۋەر بولغانلارنىڭ ئىچىدە ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف «دوپپامغا قاراپ، مېنى تونۇدۇڭمۇ» ناملىق كىتابى ئۈچۈن قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ «ئالاش» مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولدى. شۇنىڭدەك يىغىندا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇراخمەت ئەخمەتوف ۋە ئەخمەتجان ئىسراپىلوفلار قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا ئەزالىق گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
شائىر ۋىليام مولوتوف ئەپەندى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا شائىرە ۋە ئالىمە پاتىگۈل مەخسەتوۋا رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ئۈنۈملۈك پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى سېپىنىڭ يىلدىن-يىلغا شالاڭلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئېچىنارلىق ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭغا قارىماي، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەلدىكى تۇراقلىقنى، مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنى، تىنچلىقنى، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى، قازاقىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، مىللىي قەدرىيەتلەرنى قوللاپ، تەرەققىي ئەتكۈزۈشكە ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: 2022-يىلى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ بىر قانچە ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ، كۆپلىگەن كىتابلار يورۇق كۆردى. مەسىلەن، ئەدەبىياتىمىز ئاقساقىلى، قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «يەر ئاكادېمىكى» ناملىق رومان-ئېسسېسى، تالانتلىق يازغۇچى ئەخمەتجان ئىسراپىلوفنىڭ «پۇغان»، ۋىليام مولوتوفنىڭ «مۇساپىر» ناملىق پوۋېست ۋە ھېكايىلەر توپلاملىرى ئەدەبىياتىمىزدا پروزا ساھەسىنىڭ ھېلىمۇ راۋاجلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدا كۆپىنچە پوئېزىيە ساھەسىنىڭ يېتەكچى رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى ياخشى مەلۇم. بۇ ساھەدە ئاتاقلىق شائىر ئىلاخۇن جېلىلنىڭ «مىراس» ناملىق توپلىمىنى، خەلقئارا «ئالاش» مۇكاپىتىنىڭ ساھىبى، ئىستېداتلىق شائىر جەمشىت روزاخۇنوفنىڭ «ياشانغان ياشنىڭ تۆھپىسى» ناملىق توپلىمىنى، ئىلىيا بەختىيا نامىدىكى مۇكاپاتنىڭ ساھىبى نۇرئەخمەت ئەخمەتوفنىڭ «قەلبىم قېتىدىكى ئارمانلار» توپلىمىنى ئاتاشقا ئەرزىيدۇ. بالىلار ئەدەبىياتىدا ئۈنۈملۈك ئىجات قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئاۋۇت مەسىموف بالىلارغا «چۆچەكلەر ئېلىگە ساياھەت» كىتابىنى تەقدىم قىلدى. ئىجادكار ياش ئەۋلادقىمۇ قولىدىن كەلگەن ياردىمىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ياش ئىجادكار شاخرىزادا سۇلتانجانوۋانىڭ «شېئىرلىرىم-شاتلىقىم» توپلىمىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ياردەملىشىپ، ئۇستازلىق قىلدى».
ۋىليام مولوتوف ئۇيغۇر دراماتۇرگىيەسى ساھەسىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭلى سۇ ئىچكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپ يىلدىن بېرى دراماتۇرگىيەدىمۇ ئۈنۈملۈك قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ دۇنيايۈزىلىك يۇنېسكو تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىي مىراسلار تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روھىي خەزىنىسى ئاتالغان «ئون ئىككى مۇقامنىڭ» ئالتىسى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيالىك مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا سەھنىلەشتۈرۈلدى. ئادەتتە مۇقاملار ئۆز تەرتىپ قائىدىسى بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغان ئەتراپلىق مۇزىكىلىق ئەسەر بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى قويۇلۇمدا مۇقاملارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، شۇ زامانلاردىكى ئىجتىمائىي ۋەزىيەت، سىياسىي ۋەقەلەر يورۇتۇلدى. دراماتۇرگىيەدە بالىلار قويۇلۇملىرىدىكى بوشلۇقنى قىسمەن تولدۇرغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى يەنە شۇ ئاۋۇت مەسىموفنىڭ «ئۆمۈر شىرنىسى» ئەسەرى كىچىك تاماشىبىنلارنى قىزىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن قارا نىيەتنى، ئىزگۈلۈك بىلەن ھاراملىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردەملەشتى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىلا ئەمەس، ئومۇمەن شەرق ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان، چوڭقۇر مەزمۇن-ماھىيەتكە ئىگە، ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك كىتابلارنىڭ بىرى، كۆپ قىرلىق تالانت ساھىبى، كەڭ دائىرىلىك بىلىم ئىگىسى مەھەممەتىمىن ئوبۇلقاسىموفنىڭ «ئەدەبىي ئويلار ئىزتىرابلىرى» ناملىق ئىلمىي-تەھلىلىي ماقالىلەر توپلىمى.
ۋىليام مولوتوف مەزكۇر كىتابتا ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر-تۈرك خەلقلىرىنىڭ تەڭ ئورتاق پەرزەندلىرى فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەلىشىر ناۋاى كەبى كلاسسىكلىرى، ئاباي، شاھكەرىمگە ئوخشاش ئەدىبلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ھەققىدىكى ماقالىلىرى ۋە ئەدەبىيات تېرىقىسىدىكى مۇلاھىزىلىرى ئورۇن ئالغان مۇستەقىل كۆزقاراشقا ئىگە بېباھا كىتاب ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىگە باھا بەردى. ئۇ زىيا سەمەدى، يۈسۈپ ئىلىياس، تۇرغان توختەموف، ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف، شايىم شاۋايېفقا ئوخشاش داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى كرېزىسقا، يەنى ئارقىغا چېكىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: شۇنىڭغا قارىماي، مۇستەقىللىق دەۋرىدە ئەدەبىيات مەيدانىغا كەلگەن ئوتتۇرا ئەۋلاد مىللىي ئەدەبىياتقا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىجاد قىلماقتا. شۇلار ئىچىدە ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ، تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ پروزا ئەسەرلىرى مۇشۇ پىكرىمىزگە گۇۋاھ. يېقىندا ياش يازغۇچى ۋىليام مولوتوف ئۆزىنىڭ يېڭى پروزىسى بىلەن كەلدى. ئوتتۇرا ئەۋلادلار ئىچىدە ئەخمەتجان ئىسراپىلوفنىڭمۇ ئاۋازى ناھايىتى كۈچلۈك دەپ قارايمەن. ئەمما بۇلار ھەممىسى كرىزىسقا، خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بىر دەۋردىكى تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى. بۇلاردىن كېيىن بىزدە قانداق ئەدەبىيات بولىدۇ ياكى بولمامدۇ-بۇ بىزنى تەشۋىشكە سېلىۋاتقان مەسىلە. مىڭ قاتلىق شۈكرى، بىزدە سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايرىقىنى تىك كۆتۈرگەن ئەخمەتجان ھاشىرى، مەمتىمىن ئوبۇلقاسىموف، ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئوخشاش يازغۇچىلىرىمىز بۈگۈن ھايات. بىراق ئۇلارنىڭمۇ يېشى بىر يەرگە يېتىپ باردى. ھازىر ئەدەبىياتتا چوڭ ئەۋلادلار ئالمىشىش جەريانى كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۇ يېقى قانداق بولار دېگەن مەسىلە ھەممىمىزنى ئويلاندۇرۇۋاتىدۇ، تەشۋىشكە سېلىۋاتىدۇ. ئىلگىرى يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىگە دۆلەت ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلاتتى. بىز بازار ئىقتىسادىغا ئۆتكەندىن كېيىن بۇ مەسىلە ئۆزىمىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ زىممىسىگە چۈشتى. بىراق خەلقىمىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاۋاتقىنى يوق.
ئالىمجان ھەمرايېف يەنە نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلار تىراژىنىڭ ناھايىتى ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىش، ئىزدىنىش لازىملىقىنى، يازغۇچىلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن يېتەرلىك ساۋاق ئالالمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ياشلار يېتىلىپ چىقامدۇ، ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يەتكەن نەتىجىلىرىدىن ئاشامدۇ، قانداق دەرىجىدە تەرەققىي ئېتىدۇ دېگەن سوئاللارنىڭ پات-پات ئۆزىنى تەشۋىشلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھازىر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ئۇلار ئەمگەكلىرىنى ئۆز خىراجىتىگە ياكى ھامىيلار خىراجىتىگە نەشر قىلىشقا مەجبۇر بولماقتىكەن. كۆپلىگەن يازغۇچىلار ھازىر ئاھالە ئارىسىدا كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشنىڭ بەك تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.