قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭ ھېسابات يىغىنىدا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدىن باشلىنىپ، ئۆز تەرەققىيات تارىخىدا بىر نەچچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى ھەم مۇرەككەپ ئىجتىمائىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم. قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەسلەپتە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە ئاساسىدىكى سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ ئاجرالماس بىر قىسمى سۈپىتىدە، كېيىنكى ئوتتۇز يىل ئىچىدە مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتى دائىرىسىدە تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە. ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆمەر مۇھەممەدى، ئىسمايئىل تاھىروف، ھېزىم ئىسكەندەروف، زىيا سەمەدى، جامالىدىن بوساقوف، دولقۇن ياسىنوف، ئىلىيا بەختىيا قاتارلىق داڭلىق شائىر ۋە يازغۇچىلىرى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ھازىرمۇ كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئىگىلەپ كەلمەكتە.

18-مايدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئەدەبىياتچىلار ئۆيىدە «قازاق ئەدەبىياتىنىڭ باھارى» ماۋزۇسىدا يەكۈنلەش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ باشقارمىسى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىنغا قازاق، رۇس، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان شائىرلىرى، يازغۇچىلىرى، دراماتورگلىرى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى، ياش ئىجاتكارلار، ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئالدى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىمنى ئورۇنلانغاندىن كېيىن، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىر مىنۇتلۇق سۈكۈت بىلەن ئۆتكەن يىلى ۋە مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ۋاپات بولغانلارنى خاتىرىلىدى. ئاندىن قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ رەئىسى ئۇلىغبېك ئېسدائۇلېت ئۆتكەن يىلدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار بويىچە باش دوكلات بەردى.

«ئالاش» خەلقئارا ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىش داڭلىق شائىر جەمشىت روزاخۇنوف ئەپەندى. 2022-يىلى 18-ماي، قازاقىستان.
«ئالاش» خەلقئارا ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىش داڭلىق شائىر جەمشىت روزاخۇنوف ئەپەندى. 2022-يىلى 18-ماي، قازاقىستان. (RFA/Oyghan)

يىغىن داۋامىدا قازاق ئەدەبىياتىنىڭ پروزا، پوئېزىيە، دراماتورگىيە، ئەدەبىي تەنقىت، تەرجىمەچىلىك، بالىلار ئەدەبىياتى، ساتىرا، چەت ئەلدىكى قازاق ئەدەبىياتى، رۇس ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قاتارلىق ماۋزۇلار بويىچە 13 دوكلات ئوقۇلدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە دوكلات قىلغان يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموف 2021-يىلى نەشىر قىلىنغان كىتابلارغا توختىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ پائالىيىتىگە، بىر يىلنىڭ ئىچىدە يورۇق كۆرگەن ئەسەرلەرگە باھا بەردى.

دوكلاتلار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، يىغىننىڭ تەنتەنىلىك قىسمىدا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلار ھەر خىل مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلەندى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىن پېشقەدەم يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىغا «قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى» نامى بېرىلدى. يەنە بىر داڭلىق شائىر جەمشىت روزاخۇنوف «ئالاش» خەلقئارا ئەدەبىيات مۇكاپىتىغا ئېرىشتى. ياش يازغۇچىلاردىن ئابدۇماناپ ئابلىزوف، ۋىليام مولوتوف ۋە مولۇتجان توختاخۇنوفلارغا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىق گۇۋاھنامىلىرى تاپشۇرۇلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، بالىلار يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموف ئەپەندى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر تىلىدا كۆپلىگەن يېڭى كىتابلارنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يېڭىدىن چىققان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىملىرىنىڭمۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئاتاپ ئېيتقاندا، شائىرە پاتىگۈل مەخسەتوۋا توپلىغان ‹گۈللە، ياشنا، قازاقىستان› كىتابىنى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسى رەئىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، شائىر بائۇرجان جاقىپنىڭ قاتنىشىشىدا، شۇنداقلا يازغۇچى شاۋكەت نەزەروفنىڭ ‹قارغىش تەككەن تەقدىر› رومانىنى ئالمۇتا شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يېڭى بېناسىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئالىملار، مۇئەللىملەرنىڭ قاتنىشىدا ئۆتتى. ئۆتكەن يىلنىڭ ياخشى نەتىجىلىرىنىڭ بىرى، ئەلۋەتتە، ئەدەبىياتىمىزدا رومان ژانېرىدا يېزىلغان بىر قاتار ئەسەرلەرنىڭ نەشىر قىلىنىشى بىزنى خۇشال قىلىدۇ. يازغۇچى ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ ‹مۇھاجىرلار› رومانىدا 20-ئەسىرنىڭ ئاتمىشىنچى يىللىرى ئۇيغۇرنىڭ بىر ئائىلىسى بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا-ۋەتىنىنىنى تەرك ئېتىپ، قازاقىستانغا ئۆتمەك بولىدۇ. تەقدىر ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا سىنايدۇ.»

ئاۋۇت مەسىموف يەنە 2021-يىلنىڭ يازغۇچى شاۋكەت نەزەروفنىڭ ئىجادىيىتى ئۈچۈنمۇ ئۇتۇقلۇق يىل بولغانلىقىنى، بۇنىڭغا «كېچەلمەيمەن، سېنىڭدىن ۋەتەن!» كىتابىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى: «كىتابتا ۋەتەن، ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئادەمگەرچىلىك ماۋزۇلىرىدىن ئىبارەت شېئىرلىرى، ‹شور پېشانەمنىڭ ھېكايىلىرى› ناملىق ساتىرىلىق پوۋېستى، مىللىي-مەدەنىي بايلىقلىرىمىزنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك يېزىلغان ماقالىلىرىمۇ ئورۇن ئالغان. ‹قارغىش تەككەن تەقدىر› رازۋېتكا رومانى قازاق تىلىدا، ‹بالامنى قانداق قېينىئاتا دەيمەن› ناملىق ساتىرىك پوۋېستى ئۇيغۇر تىلىدا نەشردىن چىقتى. ‹قارغىش تەككەن تەقدىر› رومانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى بىلەن مۇستەقىللىققە ئىنتىلگەن قازاقىستاننىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدە كۆرۈنۈشكە باشلىغان مەدەنىي ئۆزگىرىشلەر، گاھى بىر يېقىمسىز ھادىسىلەر ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ‹بالامنى قانداق قېينىئاتا دەيمەن؟› ساتىرىك پوۋېستىدا ئېلىمىز مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن جەمئىيىتىمىزدە پەيدا بولغان ‹يېڭى ئادەملەر› ھاياتىدىن ئېچىنىشلىق ھادىسىلەر بايان قىلىنىدۇ. يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف كىتابخانلارنى ‹قارلىغاچ ئۇۋىسى› رومانى بىلەن خۇشال قىلدى. قەلەم ساھىبى بۇ رومانىدا بۈگۈنكى ھايات تەرىزلىرىگە چوڭقۇر توختىلىدۇ. روماندىكى قەھرىمانلار ئوبرازلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشتا ئۇچرىشىدىغان ھەر قانداق ۋەقەلەرنى ماھىرلىق بىلەن بايان قىلىدۇ. ئادەملەرنىڭ مېڭىش-تۇرۇشى، يوشۇرۇن ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەت ئاشكارىلىنىدۇ. مۇھەببەت بىلەن ساتقۇنلۇق، قىزغىنىش بىلەن ئادالەتلىك سېزىملىرى روماندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. قىسقىسى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى 2021-يىلنى تۆرت رومان بىلەن ئاياقلىغانلىغىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالىمىز.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، «ۋارىس» ياش ئىجاتكارلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋىليام مولوتوف ئەپەندى يىغىننىڭ مەزمۇنلۇق ئۆتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە دوكلات ئوقۇغان ئاۋۇت مەسىموفنىڭ ئۆتكەن يىلى نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرگە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى، يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى، يازغۇچىلار ئالدىدا تۇرغان مەسىلىلەرنى بىر قەدەر يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا 60 تىن ئوشۇق ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتەپ ۋە سىنىپلار بارا بولۇپ، بۇ مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان بالىلارنى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەشتە يازغۇچىلارمۇ ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتىكەن. ئاۋۇت مەسىموف «سىرلىق خەت»، «بۇرۇن، بۇرۇن، بۇرۇندا»، «زېھنىڭنى سىناپ كۆر»، «تېپىشماق قۇرلار»، پاتىگۈل مەخسەتوۋا «ئۈچ ۋەسىيەت»، «مەن ئەدەبلىك بالىمەن» ناملىق كىتابلىرىنى بالىلارغا تەقدىم قىلغان. ئۆتكەن يىلى قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقى ھارپىسىدا ئاۋۇت مەسىموف «ئىلغار ئەمگىكى ئۈچۈن» مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانسا، پاتىگۈل مەخسەتوۋا شەھەرلىك شائىرلار مۇسابىقىسىگە ئۆزىنىڭ يېڭى ئىجادىي ئەسىرى بىلەن قاتنىشىپ، شەھەر ھاكىمىنىڭ 1 مىليون تەڭگىلىك مۇكاپىتىنى ئۇتقان.