قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىق ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تا 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈرگۈزۈلگەن ئاشكارىلىق ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئارقىسىدىلا ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئەسلىگە كېلىپ، سودا-ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئالاقىلەر قايتىدىن ئەۋجى ئېلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان چېگرىداش رايونلىرىدا، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قان-قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى ئۆز ئارا كىرىپ-چىقىش ئىشلىرى كەڭ قانات يايدى. ئەمدى قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، يەنى 90-يىللارنى باشلىرىدىن تارتىپ بۇ ئالاقىلەر تېخىمۇ قويۇقلۇشۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. شۇ جۈملىدىن ھەر ئىككى تەرەپ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىش ۋە خەلق ئارىسىدا تەرغىب قىلىشمۇ كۈچىيىپ، بۇ تا 2016-يىللارغىچە ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى. پەقەت 2017-يىلدىن، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاممىۋى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېر» لىرىغا قاماش ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەندە بۇ ئالاقىلەر تامامەن ئۈزۈلگەنىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتابلار يىغىۋېلىنىۋاتقان ياكى كۆيدۈرۈلۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا قازاقىستاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بەزى شائىر ۋە يازغۇچىلار ئەسەرلىرىنىڭ كىرىل يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىش ھەرىكەتلىرى ھېلىمۇ داۋام قىلماقتىكەن. يېقىندا ئالمۇتادىكى «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن يورۇق كۆرگەن تونۇلغان شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ «سالغا تېشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى شۇنىڭ يارقىن بىر ئىسپاتىدۇر. «يەلكەن»، «چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانارگۈل»، «كومزەك كۆتۈرگەن قىز» ۋە باشقىمۇ شېئىرىي توپلاملارنىڭ ئاپتورى بوغدا ئابدۇللانىڭ ئەسەرلىرى قازاقىستانلىق ئوقۇرمەنلەرگە ياخشى تونۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە مەخسۇس ئوقۇتۇلىدىكەن.

ئۇنداقتا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىكى ئەدەبىياتنىڭ ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە تەقدىرى ھەققىدە نېمە ئويلايدۇ؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار قانداق چۈشىنىدۇ؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۈگۈنكى سىياسىتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئېتىلىۋاتامدۇ؟

مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ، ئوقۇپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىسىمۇ، لېكىن خىتاي بېسىمىدىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەپ، قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان زىيالىيلار كۆپ بولغانىدى. شۇلارنىڭ بىرى ئاتاقلىق شائىر، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ھازىرقى خىتايدا ئەدەبىيات بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەدەبىيات تار رامكىغا سېلىنغان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەدەبىياتىكەن. ھەر قانداق يېزىلغان ئەسەر ئەنە شۇ رامكا دائىرىسىدە بولۇشى شەرتكەن، ئۇنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى گۇناھكار ھېسابلىنىپ جازالىنىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسلى ئەدەبىيات ھەرگىز پارتىيەنىڭ سىياسىي قورالى ئەمەس. ئۇ ياقتا ئەدەبىياتنى شۇنداق تار دائىرىدە چۈشىنىدۇ. ئۇ يەردە تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولماي، ئۇيغۇر، قازاقلار ۋەتەننى تاشلاشقا مەجبۇر بولۇپ، قازاقىستاندا پاناھلىق ئالغان. ئۇنداق تار رامكىدا مېنىڭ قەلەمداشلىرىم، ئاغىنىلىرىم، ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپلىرى قالدى. كۆپلىرى ئۆلۈپ كەتتى. يېقىندىلا ھاجى مىرزاھىد كېرىمىي دېگەن ساۋاقدىشىم ئەنە شۇ تۈرمىدە ۋاپات بولدى. 80دىن ئاشقان ئادەم نېمىمۇ گۇناھ قىلغاندۇ؟»

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف يەنە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ نەقەدەر ۋەھشىيلىكىنى، يېقىندا ئامېرىكا ئوخشاش بىر چوڭ مەملىكەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارار ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۈگۈنكى ئېغىر ئەھۋالغا، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ھەققىدە توختالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان ساتىرىك يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ياخشى ئەدەبىيات راۋاجلىنىپ كەلدى، ياخشى ئەسەرلەر چىقتى، كېلىپ ئالدۇق، ئوقۇدۇق. بىراق كېيىنكى دەۋردە خىتايدا بولۇۋاتقان خەلققە قارشى كۈرەش مەيدانغا چىقتى. بۇنى بىز كۆرۈۋاتىمىز، ئاڭلاۋاتىمىز. بۇ دۇنيادا ھېچ قاچان بولغان ئەمەس. بىزنىڭ خەلقىمىزنى باشقا بىر مىللەتلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۆزىنى ئويلايدىغان بىر مىللەتكە قوشۇپ قويغىنى بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ۋەيران قىلىپ تاشلىۋەتتى. مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانا-ۋەتەندە. ئۆز ۋاقتىدا ۋەتەندە ياخشى شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلىپ ئوقۇدۇق، بەزى بىر كىتابلىرىنى چىقاردۇق. ھازىر ئۇ ياقتىكى ھېچ نەرسىنى بىلمەيمىز. ھەتتاكى بىز تونۇيدىغان، ھېچ بىر ھۆكۈمەتكە زىيان كەلتۈرمەيدىغان، ئۆز قەلىمىنى تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان يازغۇچى-شائىرلارنىمۇ قامىۋەتتى.»

ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغداپ چىقىۋاتقانلىقىنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەتەندىكىلەرنىڭ، بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ھەل قىلىدىغان نەرسە. شۇ ئەمەلگە ئاشسا، ئۇ چاغدا ۋەتىنىمىزدىكى ئەدەبىيات قايتىدىن گۈللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قازاقىستاندىكى باشقا مىللەتلەرمۇ، ئۇيغۇرلارمۇ بىرلىشىپ، كىتاب چىقىرىدىغان گەپ. بۇ يەردە ۋەتەن توغرىلىق يېزىپ، ئەسەر چىقىرىۋاتقاننى بىلمەيمەن. بۇرۇن ياخشى ئەسەرلەر چىققان. بىراق ھازىرقى دەۋردە ئۇنى چىقىرىدىغان يەرمۇ يوق.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەدەبىياتشۇناس، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان تىلىۋالدى مۇنداق دېدى: «ئانا دىيارىمىزدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ناھايىتى بىر مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچار بولۇۋاتقىنى ھەممىسىگە ئايان. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقى بوغۇلدى دەپ ھېسابلايمەن. ئۇنىڭ چوڭ ئىدىيەۋى توسالغۇلۇقلارغا ئۇچرىغىنى ئېنىق. بۈگۈنكى ئۇيغۇرز يازغۇچىلىرىمىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شېڭ شىسەي دەۋرىدە، مەدەنىي زور ئىنقىلابى دەۋرىدە تارتقان ئازابلىرىنى قايتىلاشقا مەجبۇر. ئادەم ئەقلىدىن ئۆتمەيدىغان ۋەقەلەر يۈز بەرمەكتە. شائىر-يازغۇچىلىرىمىز روھىي دەپسەندە قىلىندى، ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ھاقارەتلەندى، دەپ چۈشىنىمەن.»

ئالىمجان تىلىۋالدى ئۇيغۇر ئېلى ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى شارائىتىنى سېلىشتۇردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىجاد قىلىپ كېلىۋاتماقتىكەن. ئەدەبىياتنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدە يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ ئاز بىرقىسمى دۆلەت ھېسابىغا ۋە مۇتلەق كۆپ قىسمى يازغۇچىلارنىڭ ئۆز خىراجىتىگە ئايرىم كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنماقتا. بەزى ئەسەرلەر مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتىكەن.