قازاقىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: «ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتىسىنىڭ ئالغان قارار لايىھەسى ئۇيغۇرلارغا چوڭ ئۈمىد بېغىشلايدۇ»

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو رەسمىي ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغاندىن بۇيان مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەككە، يەنى ئەركىنلىككە، مۇستەقىللىققە بولغان ئۈمىد-ئىشەنچلىرى كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى. ئامېرىكادىن كېيىن كانادا ۋە گوللاندىيەنىڭ، ئەمدى 22-ئاپرىل كۈنى ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى زور ھاياجانغا چۆمدۈردى.

بىز قازاقىستاندىكى بىر قاتار ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى يېڭىدىن تۇغۇلغاندەك خۇشال سېزىۋاتىمەن. ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق قانۇن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، جېنىم تېنىمغا سىغماي قالدى. ئۇ يەردىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت. بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشى بىز ئۈچۈن چوڭ دەستەك بولىدۇ. قېرىنداشلار يەرگە قاراپ، مۇسۇلمانلار ئاسمانغا قاراپ تۇرغاندا، بىز ئوتتا كۆيۈۋاتساقمۇ بەزىلەر قولىنى شۇ ئوتتا ئىسسىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئىنسان ئۈچۈن كۆيىدىغان ئادەملەر باركەن، ئەنە شۇلارنىڭ پىكرى بىلەن مۇشۇ قارار قوبۇل قىلىنىپتۇ. دۇنيادىكى دېموكراتىيەنىڭ ئۈلگىسى بولغان ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتلىرى، دېموكراتىك ئەللەر بۇنى قولغا ئېلىۋاتسا، ئەپسۇسكى، بىرمۇ مۇسۇلمان ئەل يوق. ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزى بولغان ئەرەبىستان 20 مىليون مۇسۇلمان ئۇيغۇر بار، ئۇنداق قىلما، دېيىشنىڭ ئورنىغا، شى جىنپىڭنىڭ يەلكىسىنى قېقىپ، ‹يارايسەن› دەپ قىلغىنىنى تېلېۋىزىزوردا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ بېشىنى ئۆزۈم يېگەندەك بولدۇم.»

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف يەنە ئەرەبىستان خەلقىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي تەرەپ بولۇۋاتقان ئەرەبىستان ھۆكۈمەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشۈۋاتقان بىر پەيتتە ئەنە شۇ خەلق تەرەپتە بولۇۋاتقان يەھۇدىيلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانغا خىزمەت كۆرسەتكەن گېيولوگ، پروفېسسور ئابدۇللاجان سامساقوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ خۇش خەۋەرنى شاتلىنىپ قوبۇل قىلدۇق. چۈنكى ئەنگىلىيەدەك دۇنياغا تەسىر دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، لاۋازىمى يۇقىرى بىر دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قوبۇل قىلغىنى بۇ چوڭ مەسىلە دەپ قارايمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزباسارلار كۆپىيىدۇ دېگەن ئۈمىدتىمىز. كۆپچىلىك سوئاللارنى قويۇۋاتىدۇ. بۇ بىزگە نېمە مەنپەئەت بېرىدۇ؟ بۇ بىر سىرلىق نەرسە ئەمەس. نەچچە ئاي بۇرۇن ئامېرىكا مۇشۇ ھەقتە قارار قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇ قاراردىن كېيىن مېدىيا بويىچە يا دۇنيا سىرتقى سىياسىتى بويىچە ھەر تۈرلۈك يېڭى تارماق يوللىرى ئېچىلدى. بۇ ئايان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگىلىيە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ خىتايغا بولغان بېسىمى تېخىمۇ ئەۋج ئالىدۇ، دەپ ئۈمىد بىلەن قارايمىز.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى مەسلىھەتچىسى، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رىزا سەمەدى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 70 يىل مابەينىدە، خۇسۇسەن يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى ھەرىكەتلىرى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئاشكارىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېسسىداشلىق، باسقۇنچى خىتايغا قارشى نارازىلىق كۈچەيمەكتىكەن. ئىنسان قەدىر-قىممىتىنى، ھەق-ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆز سىياسىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمى ھېسابلىغان ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەر ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە خىتاينىڭ ئەنە شۇ جىنايەتلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ جاكارلاپ، دەردمەن ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد بېغىشلىغانكەن.

رىزا سەمەدى مۇنداق دېدى: «يېقىندا بىز ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرىدىغان يەنە بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. بۇ ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتىسى ئەزالىرى تەرىپىدىن بىر ئېغىزدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى ھەرىكەتلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلغان قارارى بولدى. بۇ قارار ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى ئەمەلىي سىياسىي ئىش-ھەرىكەت قىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. شۇنداقلا قازاقىستاندىكى بىز ئۇيغۇرلار ياۋروپادىكى قۇدرەتلىك دۆلەت ئەنگىلىيەنىڭ خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قارىتا جىنايەتلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلغان قارارى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى دۆلەتلەرگە ئىجابىي تەسىرى بولىدۇ ۋە بۇ دۆلەتلەرمۇ ئەنگىلىيەگە ئوخشاش خىتايغا قارشى قارار قوبۇل قىلىدۇ دېگەن ئىشەنچىدەمىز.»

سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتىسى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايى ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارار ئالغانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «چۈنكى ئەنگىلىيە دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئىنگىلىز-ساكسون سىستېمىسىدىكى ناھايىتى قۇدرەتلىك دۆلەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئېغىر-بېسىقلىق قىلىپ، بىر يىلدىن بۇيان قوبۇل قىلدى. بۇنىڭدا شۇنى ئېيتىش كېرەككى، مىللەت ۋەكىلى نۇسرەت غەنىنىڭ رولى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ ئىنتايىن ئەۋرىشىم، تىرىشچانلىق پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايمىز. بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور. بۇ ياۋروپادىكى بىر تۈركۈم دۆلەتلەرگە تەسىر قىلىدۇ. مەن ئويلايمەن، مۇشۇ ئىنگىلىز-ساكسون سىستېمىسىدىكى دۆلەتلەر ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن قارار ئالىدۇ. بۇ، ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ئازاب چېكىۋاتقان مىللىتىمىز ئۈچۈن زور بىر ئۈمىد. مۇشۇنىڭدىن كېيىن جوۋ بايدېن باشلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سىستېمىلىق تۈردە بۇنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ رۇسىيەدەك ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى بولىدۇ. مەركىزىي ئاسىيادا بۇنىڭغا ھېچ قانداق بىر ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا قانۇنىيلىشىشى كۈچەيدى، ئۇيغۇر مىللىتىگە زور ئۈمىدلەرنى بەخش قىلدى.

رادىيويمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇستازلاردىن بەختىيار ئاۋۇتوف ئەپەندى ۋە گۈلپەم زوردۇنوۋا خانىم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇلار مەملىكەتنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، نەشرىيات، مەدەنىيەت ۋە باشقىمۇ ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتىكەن. قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر، گېزىت-ژورناللار، ئۇيغۇر تىياتىرى، مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنى تەرغىب قىلىۋاتقان كۆپلىگەن جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار مەۋجۇت.