قازاقىستاننىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئۆتكەن مۇراسىم ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا بېغىشلاندى

0:00 / 0:00

2-مايدا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق قاراتۇرۇق يېزىسىنىڭ ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى مەكتىپىدە بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغۇچىلارنىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى. ئۇچرىشىش مەكتەپنى ئۇيغۇر تىلىدا تاماملىغانلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا يەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، يۇرت-جامائەتچىلىك، ئۇستازلار، ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا ئالمۇتا شەھىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان بىر گۇرۇپپا مېھمانلار قاتناشتى.

دەسلەپتە مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچراشتى. ئالمۇتا شەھىرىدىن كەلگەن بىلىم بېرىش ساھەسى خادىملىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قىزىقتۇرغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇراسىم يېزىنىڭ «ۋارىس» رېستورانىدا داۋام قىلىپ، ئالمۇتا شەھىرى ئەۋېزوف ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، مۇراسىم تەشەببۇسكارى ھەم ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بۇرھان تاجىددىنوف بۇ يىغىلىشىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ھەم ئۇلارغا بىلىم ۋە تەربىيە بېرىۋاتقان مۇئەللىملەرنى، مەكتەپنى مەنىۋى ۋە ماددىي قوللاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاندىن مۇراسىم رىياسەتچىسى قاراتۇرۇق يېزىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى گۈلىنۇر باقىيېۋا مېھمانلارنى تونۇشتۇردى. مېھمانلار قاتارىدا ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف، قاراتۇرۇق يېزىسى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ سابىق مۇدىرلىرى، ئالىملار، يازغۇچىلار، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بولدى.

مۇراسىمدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇستازلارغا، مەكتەپنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن دەسلەپ سۆزگە چىققان قاراتۇرۇق رايونى ھاكىمى يېرمېك سامسىبېكوف مەكتەپ تاماملىغۇچىلارنى سەمىمىي تەبرىكلەپ، بۇ يۇرتتىن كۆپلىگەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ چىققانلىقىنى ھەم خەلقنىڭ ئەنە شۇلار بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇراسىمدا يېزىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۈلبادەم روزىيېۋا «ئانا تىلىدا ئوقۇش ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى» تېمىسىدا دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىش، ئانا تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەدەنىي مىراسىنى ساقلاش ۋە تەرغىب قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققانلاردىن مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرلىرى قەھرىمان ئەمەتوف ۋە قاسىم ئىسمايىلوفلار مەكتەپ تارىخىغا توختىلىپ، ئۇنىڭدا ئەينى ۋاقىتلاردا خىزمەت قىلغان ئاتاقلىق ئۇستازلار، ھەر ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان مەكتەپ تاماملىغۇچىلىرى ھەققىدە توختالدى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققانلاردىن يەنە «ئۆرلېۋ» ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا قارشى ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندا ئانا تىلىنى، مىللىي مەدەنىيەتنى، ئانا تىللىق مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھەم مىللىي مائارىپ ئۈچۈن كۈرەشنى پەقەتلا داۋام قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

سۆزگە چىققان باشقىمۇ مېھمانلار ئانا تىلى، مىللىي مائارىپ، ئۇيغۇرلار تەقدىرى، ياشلار تەربىيىسى، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قاراتۇرۇق يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى ئالىمجان باراتوف ۋە پېشقەدەم ئۇستاز ۋە يازغۇچى قاسىم ئىسمايىلوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ئۇستاز ۋە يازغۇچى قاسىم ئىسمايىلوف مۇنداق دېدى: «ئانا تىلى مەكتەپلىرىنى ساقلاپ قېلىش بۈگۈنكى كۈننىڭ ناھايىتى مۇھىم مۇئەممالىرىنىڭ بىرى. ئۇچرىشىشقا كەلگەن بالىلار ئۇيغۇر سىنىپلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ماددىي ياردەم بېرىپ، ئانا تىلىدا ئوقۇشىغا قىزىقتۇرۇش ئويىدا بولدى. ئۇنىڭدا بارلىقى مۇشۇ ئەتراپىدا سۆزلىدى. ھازىر ئانا تىلىنىڭ يوقىلىش مىللەتنىڭ يوقىلىشى دېگەن سۆز.»

قاراتۇرۇق يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى ئالىمجان باراتوف قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئاھالىنىڭ بالىلىرىنى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرگە بەرمەيۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە ئاددىي خەلقنىڭمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن بەك ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزدە ناھايىتى خەۋپلىك ئىش بولۇۋاتىدۇ. باشلانغۇچنى خىتايچە ئوقۇتۇدىكەنمىش. باشلانغۇچنى خىتايچە ئوقۇغان ئادەم ئۇيغۇرچىنى قانچىلىك ئوقۇپ كېتىدۇ؟ «تەربىيىلەش» لاگېرلىرىنى ئېچىۋاپتۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي جەھەتتىنمۇ، دىنىنىمۇ چەكلەپ ئېزىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدۇر».

ئالىمجان باراتوف مۇشۇنداق مۇراسىملارنى، ئۇچرىشىشلارنى پات-پات ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن توختاتماي، كۈرەش ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.