مەلۇمكى، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپ باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاشتا، مەدەنىيىتىنى، ماارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى. بۇ جەھەتتە جاي-جايلاردا قۇرۇلغان تەشكىلاتلار ھەر ساھەلەردە ئۆز پاالىيەتلىرىنى جانلاندۇردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى تەشكىلاتلار ۋۇجۇتقا كېلىشكە باشلىدى ھەم ئۆز ئالدىغا زامان تەلىپىگە مۇۋاپىق ۋەزىپىلەرنى قويدى. ئەنە شۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى «ئۇيغۇر ماارىپىنى قوللاپ-قۇۋەەتلەش جەمىيەتلىك فوندى» نىڭ قۇرۇلغىنىغا بۇ يىل 10 يىل بولدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا جۇمھۇرىيەتلىك مۇستەقىل «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىدە «ماارىپقا ئاساسىي نەزەر» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالىدە فوند پرېزىدېنتى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ماارىپىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ھەققىدە قاراشلىرى بېرىلگەن.
بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئالدىدا تېز ئارىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت؟
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر فوند پرېزىدېنتى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى قازاقىستاندىكى مىللىي ماارىپنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى، دۆلەت ۋە جاماەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئىسمى بىلەن چەمبارچاس باغلانغانلىقىنى، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مىللىي ماارىپنىڭ مۇقەددەس چۈشەنچە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ۋاقىتلار ئۆتۈپ، مىللىي ماارىپىمىزدا كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ماارىپىمىز مەلۇم بىر ۋاقىت ئېغىر ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈردى. بولۇپمۇ 2004-2008-يىللىرى بالىلىرىمىز سانى كەسكىن قىسقىراپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە 61 مەكتىپىمىز بار. ئوقۇغۇچىلار سانى 15850. ئومۇمەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى 51188. دېمەك 71 پىرسەنت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشنى خالىمايدۇ دېگەن سۆز. مەدەنىيەت مەركەزلىرى بۇ ۋەزىيەتنى ياخشى بىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئىشلار قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما مىللىي مارىپىمىزنىڭ غوللۇق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا كۈچىمىز يەتمەيۋاتىدۇ.»
ئالىمجان ھەمرايېف ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى سانىنىڭ قىسقىراپ كېتىشىگە بىر نەچچە سەۋەبلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئاساسەن گەپ ئاتا-ئانىلىرىمىزدا. بۇ يەردە يەنە ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى، مەكتەپ ئالدى، يەنى تەييارلىق گۇرۇپپىلىرى مەسىلىسى بار. مەكتەپلىرىمىز كادىر-مۇتەخەسسىسلەرگىمۇ ئىنتايىن مۇھتاج، بولۇپمۇ تېخنىكىلىق پەنلەر بويىچە.»
ئالىمجان ھەمرايېف قازاقىستاندىكى ئەھۋالنى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان باشقىمۇ رايونلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مىللىي ماارىپىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن پەخىرلىنىدۇ. قىرغىزىستاندا ھەتتا ئىككى سىنىپ ئېچىشمۇ ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستاندا مىللىي ماارىپنىڭ ئىزناسى قالمىدى. مىللىي ماارىپىنى يوقاتقان خەلقنىڭ يوق بولىدىغانلىقى ئېنىق. ئانا دىيارىمىزدا بولسا، مىللىي ماارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ئېغىر شاراىتتا. بىز بۇنىڭدىن خەۋەردار. شۇنداق بىر شاراىتتى بىز، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى، مىللىي ماارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا بار كۈچىمىزنى سالىمىز، دەپ ئويلايمەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدە مەزكۇر فوندنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ھەمدە «سوروس-قازاقىستان فوندى» نىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكەن «ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر: ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى» ماۋزۇسىدا يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. مەزكۇر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا بىلىم، ھوقۇق قوغداش مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان كادىر تەييارلاش ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش ئوخشاش مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. يىغىندا قازاقىستاندا دەسلەپكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولۇپ، سوۋېت دەۋرىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى سانىنىڭ 70 ئاشقانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 30 مىڭغا يەتكەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئانا تىلىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى نامايىش قىلىشقا ناھايىتى قولايلىق پۇرسەت تۇغۇلۇۋاتقاندا بىزدە نېمىشقىدۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش جەريانى سېزىلەر دەرىجىدە ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇ مەكتەپلىرىمىزگە بالا توپلاشنى جانلاندۇرايلى، خەلقىمىز ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى چۈشەنسۇن دېگەن مەقسەتتە ‹ئۇيغۇر ماارىپىنى قوللاپ-قۇۋەەتلەش جەمىيەتلىك فوندى› تەرىپىدىن كۆپلىگەن ئىجادىي مۇسابىقىلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇلاردا ئانا تىلىمىزدا شېىرلىرىنى ئوقۇغان، ھېكايىلىلىرىنى يازغان بالىلارنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇق. دېمەك بۇ يەردە ئاساسىي گەپ ئاتا-ئانىلىرىمىزدا ئىكەن.»
شەمشىدىن ئايۇپوفنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر ماارىپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش جەمىيەتلىك فوندى» ئون يىل مابەينىدە مىللىي ماارىپىنى، ئانا تىلىدا ئوقۇشنى توختىماي تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاھالىنىڭ دېگەندەك ئويغىنالمايۋاتقانلىقىغا ئەپسۇسلاندى. ئۇ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ساناقلىق يوللىرى بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«ئەڭ ئەۋزەل يول بىرلا. بۇ مېنىڭ شەخسىي پىكرىم. خەلقىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مەنىۋىي، ئىجتىماىي مەسىلىلەرنى مىللىي ماارىپنى ئىزچىل راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا ھەل قىلىش يولى. بۇ تارىخىي سىناقتىن ئۆتكەن يول. دېمەك بىز شۇ يولنى مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپلىرىمىزگە بالا توپلاش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك قولغا ئېلىنمىدى. ئېلىنغان قارار، تەۋسىيەلەر قەغەز بېتىدىلا قېلىۋاتىدۇ. بىرمۇ جەمىيەتلىك تەشكىلاتىمىز شۇلارغا ئاساسلانغان ئىش-پىلانىنى تۈزۈپ چىققىنى يوق.»
شەمشىدىن ئايۇپوف ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تاماملاۋاتقان بالىلارنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئوقۇپ، خالىغان كەسىپلىرىنى ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمەيۋاتقانلارنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مىللىي ماارىپنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نىجاد يۇلتۇزى، مىللىي مەۋجۇتلقۇنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئانا مەكتەپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ، پەرزەندلەرنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.