مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قازاقىستان مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى يىللاردىن تارتىپ ئۆزلىرىنىڭ تىل-ماارىپىنى ساقلاش، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تارىخىنى تەرشۋىق-تەرغىب قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا ۋە شەھەرلەردە ئەنە شۇ يۆنىلىشلەردە پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى داۋام قىلماقتا. شۇلار ئارىسىدا ئۆز يۇرتىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن نامايەندىلىرىنى خاتىرىلەش، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئەنئەنىگە ئايلانغان. شۇ ئەنئەنىنى يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىدىكى چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا ئۆتكەن مۇراسىمدىن روشەن كۆرۈۋېلىشكە بولىدۇ. مەزكۇر مۇراسىم «چوڭ ئاقسۇ-قۇتلۇق يېزام» ناملىق كىتابنىڭ يورۇق كۆرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
7-دېكابىردە چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ مۇراسىمغا ناھىيەلىك ۋە يېزا ھاكىمىيەت مەسئۇللىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋە ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار، يېزا تۇرغۇنلىرى قاتناشتى.
مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنى غوجائەخمەت سەدۋاقاسوف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەنىلىك ھالدا كۈتۈۋالدى. مېھمانلار تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، يازغۇچى ۋە شاىر، «چوڭ ئاقسۇ-قۇتلۇق يېزام» كىتابىنىڭ ئاپتورى تېلمان نۇرئاخۇنوف كىتابنىڭ يېزىلىش تارىخى ئۈستىدە توختالدى.
ئۇ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىنىڭ ئۆتمۈشتە كۆپلىگەن قىرغىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە كىتابنى تەييارلاشتا كۆپلىگەن تارىخىي ماتېرىياللارغا مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى نەشىر قىلىشقا مەنىۋىي ۋە ماددىي ياردەم بەرگەنلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
مۇراسىمدە سۆز ئالغان ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى شاماخۇن نۇرۇموف، «ئىلى ۋادىسى-ئىلې ئۆنگىرى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇماناپ ئابلىزوف ۋە باشقىلار كىتابنىڭ تارىخىي ۋە تەربىيەۋىي ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۆز تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدا شۇنداقلا مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈشكە ياردەم قولىنى سۇنغان بىر قاتار مىللەت جانكۆيەرلىرىگە ۋە كىتاب ئاپتورىغا چاپان يېپىپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى. مۇراسىم داۋامىدا مەكتەپ كوللېكتىپى ۋە يېزا سەنئەتكارلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرتلىق پروگرامما كۆرسىتىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئالمۇتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان «دوۋۇن» رېستورانىدا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا يېزا تۇرغۇنلىرى ۋە ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەھبەرلىكى قاتناشقان ئىدى.
كىتاب ئاپتورى تېلمان نۇرئاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ ئاقسۇ يېزىسى توغرىلىق تۇنجى ئەمگەك «يېڭىلانغان يېزا» نامى بىلەن 1972-يىلى مەشۈر روزىيېف ۋە م. مەمەتياروف تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىكەن. لېكىن ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىدېئولوگىيەسى تەسىرى ئاستىدا يېزىلغان بولسىمۇ، كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئەنە شۇ كىتابتىن ئېلىنغان ئىكەن.
تېلمان نۇرئاخۇنوف چوڭ ئاقسۇ تارىخىنى يېزىشتا ئېنىقلاشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ئىلگىرىكى زامانلاردىن باشلىنىدۇ. لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى تەتقىقاتچىلاردىن، مەسىلەن، رۇميانتسېف ھازىرقى كۈندىكى ئۇيغۇر ۋە پانفىلوف ناھىيەلىرىنىڭ يېزىلىرىنى 1882-يىلدىن تارتىپ بەرپا بولۇشقا باشلىغان دەپ يازغان. بىراق ئۇ خاتالاشقان. ئۇ شۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقى ۋە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە پاراڭ قىلمايدۇ.»
تېلمان نۇرئاخۇنوف شۇنىڭغا ئوخشاش پاكىتلارنى ئېنىقلاشتا بولۇپمۇ تارىخچىلارنىڭ چوڭقۇر تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش لازىملىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئارخىپلاردىكى ماتېرىياللارنى قاراپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە چوڭ ئاقسۇ ئوخشاش يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاش قېلىش مەقسىتىدە مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىش-پائالىيىتىنى تەتقىق قىلىشنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تېلمان نۇرئاخۇنوف كىتاب ئۈستىدە ئىشلەش جەريانىدا چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدىن يېتىلىپ چىققان ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ ھاياتى توغرىلىق مەلۇماتلارنىمۇ توپلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«چوڭ ئاقسۇ-قۇتلۇق يېزام» كىتابىغا پىكىر يازغان «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخچى-دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، يەتتىسۇدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر يېزىسى ئاجايىپ بىر تارىخقا ھەم قازاقىستان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ھاياتىدا ئۆزىگە خاس ئورۇنغا ئىگە ئىكەن. مەزكۇر يېزا ۋە شەھەر دائىرىسىدىكى مەھەللىلەرنىڭ ئۆتمۈشى ئومۇمەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدىكەن.
ئابلەت كامالوف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ تارىخى ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن كىتاب ياكى ژۇرنال شەكلىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى، «چوڭ ئاقسۇ-قۇتلۇق يېزام» ناملىق كىتابنىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ يېزىلارنىڭ بىرى چوڭ-ئاقسۇ يېزىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ھاياتىغا بېغىشلانغان نۆۋەتتىكى سالماقلىق ئەمگەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «تۇغۇلغان يۇرت، يېزا توغرىلىق تارىخ يېزىش سوۋېت دەۋرىدە قېلىپلاشقان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ بارلىقى كۆپىنچە ئەنە شۇ سوۋېت تۈزۈمى، سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىياسى بىلەن زىچ باغلانغان ئىدى. ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى سوۋېت جەمئىيىتىنىڭ ئاجرالماس بىر بۆلىكى دەپ تونۇغان بولسا، مۇستەقىللىق يىللىرى كېلىپ چىقىشى بىر، دىنداش، قېرىنداش قازاق خەلقى ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر بىلەن بىللە قۇرغان يېڭى مەملىكەتنىڭ پۇقرالىرى، ئۆز تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە ئىگە ئالاھىدە بىر ئېتنىكىلىق گۇرۇپپا سۈپىتىدە سېزىشكە باشلىدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قورام، شۇڭقار، بايسېيىت، قاراتۇرۇق، مالىۋاي، دوۋۇن، كەتمەن يېزىلىرى، شۇنداقلا ئالمۇتا شەھىرىدىكى سۇلتان-قورغان، زاريا ۋوستوكا قاتارلىق مەھەللىلەرنىڭ تارىخى ھەققىدە كىتابلار نەشىر قىلىنغان ئىكەن. ئۆز يۇرتلىرىنىڭ تارىخىغا بولغان قىزىقىش ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئالىم شەمشىدىن ئايۇپوفنىڭ ئاپتورلۇقىدا «يۇرتۇم-پەخرىم» ناملىق كىتاب يورۇققا چىققان ئىدى. مەزكۇر ئەمگەك ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئاچىنوقا يېزىسىغا بېغىشلانغان.