قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا بىلدۈرۈشلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا دائىر 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشتۈردى.

شۇندىن بۇيان دۇنيا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى، بولۇپمۇ ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئاشكارىلايدىغان ماقالىلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھۆججەتلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى رەھىمسىزلەرچە ۋە سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇش ھەققىدە چىقارغان بۇيرۇق-پەرمانلىرى ئاشكارىلانغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇس، قازاق تىللىق مەتبۇئاتلاردا تونۇلغان ئەربابلار، مۇتەخەسسىسلەر، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار، زىيالىيلار ۋە باشقىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى توغرىلىق بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان قاراشلىرى ئېلان قىلىنماقتا.

«قازاقىستان» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي لاگېرلىرى توغرىلىق ئاشكارا بولغان ھۆججەت ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ نەزەرىگە چۈشتى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ھۆججەتلەر ئىچىدە، مەسىلەن، دىنىي كۆز قارىشى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماققا كېسىلگەن بىر ئۇيغۇر كىشىگە كېسىلگەن سوت ھۆكۈمى توغرىلىق مەلۇماتلارمۇ ئۇچرايدىكەن. ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «شۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆججەتلەردىكى كۆرسەتمە بويىچە باشقا ئەلدە تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنى بايقاش، باشقا ئەلنىڭ پۇقرالىقىنى ئالغان ئىچكىرى خىتايدا يۈرگەن بارلىق ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش كېرەك دېيىلىگەن. بۇ ھەرىكەتلەردىن چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ بۇ باستۇرۇش ئىشىغا قوشۇلغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ.»

مۇنداق مەزمۇندىكى ماقالىلاردىن تاشقىرى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يوققا چىقىرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ماقالىلارمۇ ئېلان قىلىنماقتا. ئاسىمگۈل مۇھىت قىزىنىڭ «ئازادلىق» راديوسىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئەلچىسى شىنجاڭدىكى باستۇرۇشلار توغرىلىق چىققان خەۋەرلەرنى ‹ساختا خەۋەر› دېدى» دېگەن ماقالىسىدا قازاقىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ شياۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېتنىك قازاقلارنىڭ تەقىبلىنىشىنى يالغانغا چىقارغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت مۇقىم ۋە نورمال. شىنجاڭدا قوللىنىلىۋاتقان سىياسىي تەدبىرلەر بىۋاسىتە رادىكاللىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا قارىتىلغان.» ماقالىدا ئۇيغۇر، قازاق، تاتار ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋىي تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ھەمدە «سىياسىي قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نىڭ 2017-يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا باشلانغانلىقى ئېيتىلغان.

قازاقىستاننىڭ «ژاس ئالاش» گېزىتىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئالماس نۈسىپنىڭ «خىتايدىكى قازاق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قىيىن» ناملىق ماقالىسىدا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچى، جەمئىيەت ئەربابى يېۋگېنىي جوۋتىسنىڭ باشقىمۇ مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي لاگېرلىرىدىكى قازاقلار مەسىلىسىگە ئائىت پىكىرلىرى بېرىلگەن. يېۋگېنىي جوۋتىس خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقلىرىنىڭ پەقەت بۈگۈنلا بۇزۇلمىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بېسىم ئىشلىتىش باشلانغاندا ئويلىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى قاچان باشلاندى؟ خىتاينىڭ ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» قاچان قۇرۇلغان؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھوقۇق قوغدىغۇچى يېۋگېنىي جوۋتىس ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە شەكىللەڭەن بۈگۈنكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدىكى ئەھۋالى ئىنتايىن كەسكىن بولدى. بۇ تۆنۈگۈنكى ياكى بۈگۈنكى مەسىلە ئەمەس. بۇ ئۇزۇندىن بۇيان شەكىللىنىپ كەلگەن مەسىلە. بۇ بىر نەچچە ئامىللارغا باغلىق. ئەلۋەتتە، بىرىنچى ئامىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەملىكىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن چاقىرىقلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن زىچ باغلىق. ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىگە ئىگە بولالماي كېلىۋاتىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئالدىنقى قاتارلىق مەملىكەتلەر، مەسىلەن، يەھۇدىيلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ۋە كۇردلارنىڭ مەسىلىسى دىققەتتىن سىرت قالغان. مانا بۇ مەسىلە ھېلىغىچە بىر تەرەپ بولغىنى يوق. خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۆلگۈنچىلىك نۇقتىسىدىن قارايدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتاي دېموكراتىك مەملىكەت ئەمەس. خىتاي بىر پارتىيەلىك تۈزۈمدىكى دۆلەت. ئۇنىڭدا مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى كوممۇنىستىك پارتىيە تەرىپىدىن ھەل قىلىنىدۇ. قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان دەسلەپكى يىللاردا، بولۇپمۇ خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قېچىپ چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە، ھەتتا ئۆز تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيەسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاددىي خەلققە قارشى كۈرەش ئېلان قىلدى.»

يېۋگېنىي جوۋتىس كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ لاگېرلارنى قۇرۇش ئارقىلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى ھەم بۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاق ئادۋوكاتى شىنقۇۋات بايجانوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىۋىي تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ئىلگىرى باشلانغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شۇ ئىش بىلەن شوغۇللىنىپ، كۆزۈم يەتكەن يېرى شۇكى، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى 2014-يىلى ئەمەس، بەلكى 2007-2008-يىللىرى باشلانغان. لېكىن بۇ يىللىرى يوشۇرۇن بولغان بولسا، 2014-يىللىرى ئوچۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. چۈنكى بىزگە كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە 2008-يىلدىن تارتىپ سىياسىي لاگېرلاردا ئولتارغانلارمۇ بولدى. بۇ پاكىت. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى پەقەتلا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى دەپ قارايمەن. بىزگە كەلگەنلەر بوش قالغان كۆپلىگەن يېزىلارغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، يەرلىك ئاھالىنى بولسا خىتاينىڭ ئىچكىرى رايونلىرىغا مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ خىتاينىڭ بۇرۇندىن كېلىۋاتقان سىياسىتى.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئېربول دەۋلېتبېك ئەپەندى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ 1949-يىلى باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «80-يىللىرى بىر ئاز تىنچلىق بولۇپ، خىتاي ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، باشقا مەملىكەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن شۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كېرەك دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى قىلدى، كېيىن بۇرۇنقى سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋەردى. بولۇپمۇ 1997-يىلقى ‹5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى› دىن كېيىن باستۇرۇش سىياسىتىنى ئوچۇق يۈرگۈزدى. ئەڭ قاتتىق ھەرىكەتنى 2009-يىلى 7-ئىيۇلدا ئەمەلگە ئاشۇردى. لاگېرلارغا كەلسەك، خىتاي ئەسلىدە بۇنى 2014-يىلى باشلىغان. بۇ ۋاقىتلاردا ئىمام-موللىلارنى ئوقۇتۇپ، مېڭىسىنى يۇيۇپ تۇرغان. خەلق بولسا بۇنى بايقىمىغان. ئەمدى لاگېرلارغا ئاممىۋىي قاماش 2016-يىلى 4-ئاينىڭاخىرلىرىدا باشلاندى.»

ئېربول دەۋلېتبېك كېيىنكى يىللاردا «ئاتايۇرت پىدائىلىرى» ئىشخانىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كېلىپ، ئەرز سۇنۇشقا باشلىغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ سانىنىڭ بەك ئاز بولۇپ، كۆپىنىڭ بۇنىڭدىن بىرەر نەتىجە بولىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.