بۇ يىل قازاقىستاندا 829 نەپەر ئۇيغۇر قىز-يىگىتى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئانا تىلىدا تاماملىدى
2023.06.02
بۇ يىل قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىلىم مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا بىلىم بېرىش مەكتەپلىرىدە 2022-2023-ئوقۇش يىلىنىڭ ئاياغلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشنى يىللاردىكىدەك 25-مايغا ئەمەس، بەلكى 1-ئىيۇن كۈنىگە بەلگىلەش بۇيرۇقىنى چىقارغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن قازاقىستاندىكى بارلىق مەكتەپلەردە بۇ مۇراسىم 1-ئىيۇندا بولۇپ ئۆتتى.
«ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىملىرىغا ئاساسىي جەھەتتىن باشلانغۇچ مەكتەپنى ھەمدە 9-ۋە 11-سىنىپلارنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. مۇراسىمغا شۇنىڭدەك زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، ئاتا-ئانىلار ۋە باشقىلار تەكلىپ قىلىندى.
مەزكۇر مۇراسىملاردا ئوقۇش يىلىنىڭ يەكۈنى چىقىرىلىپ، ئوقۇشتا ۋە ئىشتا ئۈلگە بولغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇستازلار تەقدىرلەندى. مۇنداق مۇراسىملار 16 مىڭدىن قىز-يىگىت بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردىمۇ ئۆتتى. بۇ مەكتەپلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر، ئەمگەكچىقازاق، ئۇيغۇر ۋە پانفىلوف ناھىيەلىرىگە جايلاشقان.
جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى مائارىپ كېڭىشىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوف ئەپەندى مەكتەپ پۈتتۈرگەن بارلىق ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنى تەبرىكلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنى خۇشال قىلىدىغان يېرى، بۈگۈنكى كۈندە ئانا تىلىمىزدا ئوقۇۋاتقان 829 نەپەر بالا ئانا مەكتەپتىن ئۇچۇم بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن 364 نەپەر بالا دۆلەتلىك ئىمتىھانغا قاتنىشىۋاتىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ خۇشاللىق. قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف ئاخىرقى مەكتۇپلىرىدا ۋە قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسىنىڭ 32-يىغىنىدا بىلىم بېرىش مەسىلىسىگە دىققەت ئاغدۇردى. ئانا تىلىمىزدا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ بىلىمىنى تەستىقلاپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئارمان قىلغان ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرىغا كىرىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.»
شەمشىدىن ئايۇپوف يەنە ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
قازاقىستاندا ئوقۇتۇشنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بارىدىغان 12 مەكتەپ؛ ئوقۇتۇشنى قازاق، ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا ئارىلاش ئېلىپ بارىدىغان 50 مەكتەپ مەۋجۇت. بىز ئەنە شۇ ئوقۇتۇش ئۈچ تىلدا يۈرگۈزۈلىدىغان ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئورۇنلاشقان ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرى مۇئەللىمى بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا خانىم مەكتەپتە «ئاخىرىقى قوڭغۇراق» مۇراسىمىنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۆپلەپ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ئۇيغۇر سىنىپىنىڭ 14 ئوقۇغۇچىسى ئانا-مەكتىپى بىلەن خوشلىشىپ، چوڭ ھايات قوينىغا قەدەم تاشلىماقچى. ئۇيغۇر سىنىپىدا تەھسىل كۆرۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل بايقاشلارغا پائال قاتنىشىپ، مۇكاپاتلىق ئورۇنلارنى ئىگىلەپ كېلىۋاتىدۇ. 12 ئوقۇغۇچى ئىلمىي ئىشلار بويىچە جۇمھۇرىيەتلىك، ۋىلايەتلىك مۇسابىقىلەرنىڭ غالىبلىرى بولدى. مۇشۇ يېقىندا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇستازلىرى ئالمۇتا شەھىرىدىكى سۈلېيمېنوف نامىدىكى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئالىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، مەزمۇنلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزدى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەتكە بولغان قىزىقىشى زور. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى يازغان شېئىر ۋە چۆچەكلىرى جۇمھۇرىيەتلىك ‹ ئۇيغۇر ئاۋازى ›، ‹ئىلى ۋادىسى› گېزىتلىرىدە، ‹غۇنچە› ژۇرناللىرىدا بېسىلىپ چىقىۋاتىدۇ. شۇنداقلا مەكتەپ ئۇستازلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى شائىر ۋە يازغۇچىلار ئىجادىغا بېغىشلانغان پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۆتكۈزىدۇ.»
بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا يەنە تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارغىمۇ چوڭ دىققەت ئاغدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئوقۇشتا ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپ، قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا ئوقۇشقا كىرمەكتە. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياخشى كەسىپ ئىگىسى بولۇپ، ھازىر جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە ئەمگەك قىلماقتا.