قازاقىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىيات يەنە كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەندى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى مۇستەقىل ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىيات يەنە ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. ئىلگىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ، يەر سېتىۋېلىشى، دېھقانچىلىق يەرلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتكە ئىجارە ئېلىشى، شۇنداقلا قازاقىستاندا خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ سېلىنىشى ھەققىدە ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان خەۋەرلەر يەرلىك ئاھالىنى، ئايرىم ئۆكتىچى كۈچلەرنى ۋە پائالىيەتچىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغاندى. بۇ مەملىكەت پايتەختى نۇرسۇلتان، شۇنداقلا ئالمۇتا، ئاتىراۋ، ئاقتاۋ ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە چوڭ-كىچىك نامايىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا سەۋەب بولدى.

يېقىندىن بۇيان يەرلىك مەتبۇئاتلاردا قازاقىستاندا خىتاي كارخانىلىرى سانىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىز-دەرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقان يا بولمىسا خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلارنىڭ خىتاينىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان داۋاملىق نامايىشلىرى ھەققىدە ماقالىلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى يەنىلا داۋام قىلماقتا.

«ئاباي قازاقىستان» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «قازاقىستاندا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ سانى ئاشتى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندىكى خىتاي كارخانىلىنىنىڭ سانى ئېشىپ، خىتايدىن كېلىدىغان ئىمپورت كۆلەمى 4 ئاينىڭ ئىچىدە 2، 3 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغان. خىتايدىن كەلگەن قانۇنىي شىركەتلەر ۋە ۋاكالەتخانىلارنىڭ سانى 1265 كە يېتىپ، ئەكسىچە خىتايدىن كېلىدىغان مەبلەغلەر 22 پىرسەنتكە ئازايغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس دوس كۆشىم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن ئىقتىساد يۆنىلىشىدىكى مۇستەخەسسىس ئەمەس، بىراق بىز ئىككىنچى بىر نەرسىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. رۇسىيەنىڭ بىزگە كىرگەن شىركەتلىرىنىڭ سانى ھازىر 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. خىتايدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە خىتايلا ئەمەس، باشقا مەملىكەتلەرمۇ، مەسىلەن، ئۆز ۋاقتىدا جەنۇبىي كورېيەمۇ ئاكتىپ ھالدا كىرگەندى. بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تىجارەتچىلىرىمىز مەبلەغ سالمىسا، ئەلۋەتتە، چەتەللىكلەرگە قاراشقا مەجبۇرمىز. مۇنداق ئەھۋال باشقا مەملىكەتلەردىمۇ مەۋژۈت دەپ ئويلايمەن.»

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مۇشۇ يىلى فېۋرالدا ئالمۇتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلانغان نامايىش يېقىنقى كۈنلەرگىچە داۋام قىلغان. ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى يېتىلەپ بارغان كۆپىنچە ئانىلار قوللىرىغا ئىز-دەرەكسىز يوقاپ كەتكەن ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. تۆت ئايغا يېقىن ۋاقىتقا سوزۇلغان نامايىشلار جەرىيانىدا كونسۇلخانا خادىملىرى نامايىشچىلار ئالدىغا بىر قېتىممۇ چىقمىغان. يەرلىك ھاكىمىيەت ۋەكىللىرى بولسا نامايىشچىلارغا بۇ ھەرىكەتنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. نامايىشچىلار شۇنىڭدەك ئۇيغۇر، قازاق ئوخشاش مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئۈچۈن پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان دائىرىلىرىنىمۇ تەنقىتلىگەن.

دوس كۆشىم ئەپەندى قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان، مەسىلەن، قازاق ئائىلىلىرىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ قېلىپ، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قوشۇلالمايۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ 2017-يىلدىن تارتىپ قازاقلارنىڭمۇ قولغا ئېلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدىكى چوڭ پاجىئە قازاقىستاندىكى بىزنىڭمۇ چوڭ پاجىئەمىز بولۇشى كېرەك. ئەمما دائىرىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىۋاتقىنى يوق. ئۇلار خىتايدىكى قازاقلارنىڭ مەسىلىسى بۇ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى دېگەندىن باشقا ھېچ نەرسە ئېيتالمايۋاتىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي تەرەپ ئۆزى بۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ ئەرىزلىرىنى قوبۇل قىلىپ، قاراپ، چۈشەندۈرۈشى لازىمدى. كۆپلىگەن ئەللەر مۇنداق ئەھۋالدا ژاۋاب بېرىشكە تىرىشىدۇ. راست بولسىمۇ، يالغان بولاسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەرىزلىرىنى قوبۇل قىلىپ، سۆزلىشىپ، ژاۋابىنى بېرەتتى. مەن مۇشۇنىڭغا تاڭ قالىمەن. بىزنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىمۇ ئۇ ياقتىكى قازاقلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر بىلدۈرشى كېرەك ئىدى. بىراق ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بۇ ھەقتە ھېچ نەرسە ئاڭلىمىدىم. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولا پوزىتسىيەسىنى ساقچىلار ئىسپاتلاپ بەردى. مېنىڭ ئويۇمچە، خىتايغا قارشى مۇنداق نامايىشلار يەنىمۇ داۋاملىشىدۇ.»

قازاق تىللىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالمۇتادا ئۆتكەن نامايىشلاردىن كېيىن بىر تۈركۈم ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىغا جەرىمانە پۇل سېلىنغان بولسا، بەزىلىرىنى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلماقتىكەن.

1-ئىيۇل كۈنى «ئازادلىق» راديىيوسى ئېلان قىلغان «پولىتسىيە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ يۈرگەنلەرنى يەنە قولغا ئالدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىرى بايبولات كۈنبولات ئوغلى يېقىندا ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. شۇنىڭدەك «ناغىز ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بېكزات مەخسۇتقان ئوغلىمۇ تۇتۇقۇن قىلىنغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق ھوقۇق قوغدىغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئاندرېي گرىشىن ئەپەندى ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنى قانۇن جەھەتتىن ھەر خىل چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «قانۇن بويىچە، ئەلۋەتتە، ساقچىلار قاماققا ئېلىش بويىچە قائىدىلەرگە رىئايە قىلدى. چۈنكى رەسمىي رۇخسەتسىز بىرەر نامايىش قىلىش مەنئىي قىلىنغان دېگەن ماددا بار. لېكىن ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ بۇ ھەرىكەتكە بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىغان. يەنە بىر نەرسە، بىزدە بىر نامايىشنى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت بەرسە، ئىككىنچىسىگە مەنىي قىلىنىدۇ. يەنى بىزدە كۆپىنچە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە يا بولمىسا ئۇنى مەنىي قىلىشقا ئاساسلىق سەۋەب يوق. بىر نەچچە ئايغا سوزۇلغان نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنى قاماققا ئېلىش ھەرىكەتلىرىدىمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن چۈشەنمەسلىكلەر، قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بار. مېنىڭ ئويۇمچە، نامايىشچىلار مۇنداق ھەرىكەتلەرگە يەنىمۇ بارىدۇ. ساقچىلارمۇ يۇقىرىدىن چۈشكەن بۇيرۇقلار بويىچە ھەرىكەت قىلىشنى داۋام قىلىدۇ.»

ئاندرېي گرىشىن ئالمۇتادا يۈز بەرگەن بۇ نامايىشلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «خىتايدا ھېچ نەرسە ئۆزگەرمەيۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قانداق تەقىپ قىلغان بولسا، شۇنداقلا داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ خەلقارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاينى تەنقىد قىلىشى، ئەلۋەتتە، بېيجىڭغا، تەسىر قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئەخبارات تەنقىدىنى كۈچسىزلەندۈرش، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بار ئاماللارنى قىلىۋاتىدۇ. ئەمما دۇنيا بۇنىڭ تەشۋىق ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ يالغان ئەخبارات تارقىتىشلىرى شۇ ژۈملىدىن ئالمۇتادا خىتايغا قارشىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى، دەپ ئويلايمەن. بىزنىڭ ھاكىمىيەت بولسا، خىتاي سىياسىتىگە قارشى چىققانلارنى بېسىشقا تىرىشماقتا.»

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنىڭ يېقىن بولغانلىقى سەۋەبىدىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان، تاجىكىستان ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىمۇ خىتايدىن كۆپلەپ قەرز ئالغان بولسىمۇ، ئەمدى ئۇنى قايتۇرۇشتا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتىكەن. بولۇپمۇ تاجىكىستان ئۆز قەرزىنى ئۈزەلمەي تاغلىق بەداخشان رايونىدىكى يەرلىرىنى بېرىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان. ھازىر قىرغىزىستانمۇ شۇنداق ئەھۋالدا ئىكەن.