خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە مەلۇمات توپلىغان رۇسىيەلىك تەتقىقاتچىنىڭ قازاقىستانغا كىرىشى مەنئىي قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.09.06
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە مەلۇمات توپلىغان رۇسىيەلىك تەتقىقاتچىنىڭ قازاقىستانغا كىرىشى مەنئىي قىلىندى قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر ھەققىدە مەلۇمات توپلىغان رۇسىيەلىك تەتقىقاتچى جېن بۇنىن(Yevgeny Bunin).
rferl.org

مەلۇمكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇلارغا مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان مىللەتلەرنى سوتسىز قامىشى بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ، جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەندى. بولۇپمۇ لاگېردىكى قازاقلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا، شۇنداقلا ئالمۇتا، نۇرسۇلتان قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. شۇنىڭدەك ئالمۇتا شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئاتايۇرت» تەشكىلاتى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى توپلىغاندى. يېقىندا قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ ئىشلار بىلەن قازاقىستاندا ئاكتىپ شۇغۇللىنىپ كەلگەن رۇسىيەلىك تەتقىقاتچى جېن بۇنىننىڭ قازاقىستانغا كېلىشىنى مەنئىي قىلدى. بۇ ھەقتە قازاقىستاننىڭ بىر قاتار ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر قىلدى.

«قازاقىستان ئاخبارات بيۇروسى» ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىنىڭ مەھبۇسلىرى توغرىلىق مەلۇمات بازىسى تەشكىللىگەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پۇقراسى جېن بۇنىننىڭ بەش يىل قازاقىستانغا كىرىشى مەنئىي قىلىندى» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جېن بۇنىن 4-سېنتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىن ئالمۇتاغا ئۇچۇپ كەلگەندە ئاندىن بۇ چەكلىمىنى بىلگەنىكەن.

جېن بۇنىن ئۆزىنىڭ فېيسبۇكتىكى ۋاراقچىسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان: «يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتىپ كېلىپ، بىشكەكتە مەن ھېچ قانداق بىر مەسىلىسىز بىر ئاي تۇردۇم، ئاندىن ئالمۇتاغا بېرىش قارارىغا كەلدىم. ئۇچۇپ كەلگەندىن كېيىن مېنى پاسپورت كونترولىدىن ئۆتكۈزمىدى، پاسپورتۇمنى ماڭا قايتۇرۇپ، ئولتۇرۇپ ساقلىشىمنى ئېيتتى. 5-10 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن «ئېير ئاستانا» نىڭ ئىككى قىز خادىمى يېنىمغا كېلىپ، بىلەت ئېلىشىمغا ياردەملىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، سەۋەبى مەن ئۈچۈن قازاقىستانغا كىرىشكە يول يوقكەن. شۇ ئارىدا چېگرا كونترول خادىمى قېشىمغا كېلىپ، مېنىڭ بەش يىلغىچە قازاقىستانغا كىرىشىمنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقىنى خەۋەرلىدى. شۇنداقلا مېنىڭ قازاقىستاندا قانۇننى بۇزغان ياكى بۇزمىغانلىقىمنى سورىدى، چۈنكى بۇ ئەلگە سەۋەبسىز كىرىش مەنئىي قىلىنمايدىكەن، ھە، سەۋەبىنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا بىلىشكە بولىدىكەن.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق ھوقۇق قوغدىغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئاندرېي گرىشىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مەسىلە لەيلەپ تۇرماقتا. سەۋەبى بۇ يەردە گەپ قازاقىستاندىكى بىر نەچچە كىشىنىڭ خىتايدىكى قازاقلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق مەسىلىنى يۇقىرى دەرىجىدە، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىسىدە ئاشكارىلىغانلىقىدا بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە پۈتكۈل خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت نەزەرىنى قوزغىدى. باشتا ئۇنىڭ پائالىيىتىگە دائىرىلەر قاتتىق كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇنىڭ ئىشلىرى مەنئىي قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھۆكۈمەت ئىشنىڭ چېكىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى. يەنى بۇ يەردە بۇنىن بىرىنچى نۆۋەتتە خىتاي ئۈچۈن خەۋپلىك بىر شەخسكە ئايلاندى. مانا مۇشۇ يەردە قازاقىستان قوشنىسىنىڭ سۆزىنى يەرگە قويماسلىقنى توغرا كۆردى.»

ئاندرېي گرىشىن قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ جېن بۇنىنغا نىسبەتەن ئالغان قارارىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەنلىكىدىن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېنىق بىر خۇلاسە چىقىرالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆز نۆۋىتىدە جېن بۇنىنمۇ قازاقىستاننىڭ مۇنداق قارار ئالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەملىكەتتىن ئۇچۇپ كېتىش ئۈچۈن تېز بىلەت ئالغىنىغا قارىماي، بۇنىنغا پۈتكۈل كېچىنى پاسپورت كونترولى يېنىدا ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلگەن، سەۋەبى تىركەش سىسىتېمىسى ئۆچۈرۈپ تاشلانغان ئىكەن. جېنن بۇنىن قىرغىزىستاندىمۇ خۇددى شۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىدىن ئىھتىيات قىلىپ، ئۇ ياققا بېرىش-بارماسلىقنى قارار قىلغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانكەن.

جېن بۇنىننىڭ خىتاي لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر ھەققىدە مەلۇمات يىغىشتا بولۇپمۇ «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەنلىكى مەلۇم. شۇڭلاشقا بىز ئالمۇتاتىكى تىركەلمىگەن «ناغىز ئاتايۇرت پىدائىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بېكزات مەخسۇتقان ئوغلى بىلەن ئالاقىلاشقىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «جېن بۇنىن تالاي يىللار خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ۋە باشقىمۇ خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى ئاشكارىلاشتا بىزنىڭ تەشكىلاتقا ياردەم بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ مەلۇماتلىرىنى ۋىدېيوغا ئېلىپ، باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، رەتلەپ، كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىشتا كۆپ كۈچ چىقاردى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى، رۇس تىلىنى، ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى بىلگەنلىكتىن، بىزنىڭ ئىشىمىزغا خېلى تەسىرىنى كۆرسەتتى. بىز ئۇنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دوستى، ئادالەتنى قوغدىغۇچى ئادەم سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيمىز، ئەلۋەتتە. ئەمدى بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئۇنى كىرگۈزمەي قويغىنى دۇرۇس بولمىدى. سەۋەبى ئۇ ئېلىمىزنىڭ ھېچ قانداق بىر قانۇنىنى بۇزمىدى. پەقەت خىتايغا قارشى ئاخبارات ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. ئۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ، قازاقلارنىمۇ قانۇن بۇزۇشقا چاقىرمىدى. مېنىڭچە، ھەممە ئىش خىتاينىڭ تاپشۇرمىسى بىلەن بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئىشنى يۇقىرىقى ھۆكۈمەت قىلمىشىمۇ مۇمكىن. بۇنى تاموژنادا ئولتۇرىۇپ، خىتايدىن پۇل ئېلىۋاتقانلارنىڭ، يەنە شۇنىڭدەك خىتايغا سېتىلغان ئەمەلدارلارنىڭمۇ قىلىشى بەك مۇمكىن. بۇنى بىزنىڭ ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرىمىز ئېنىقلىشى لازىم. جېن بۇنىننى بىز، يەنى قازاقىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر ھەر ژەھەتتىن قوللىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، جېن بۇنىن ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2019-يىلى نويابىر ئېيىدا قازاقىستاندىن ئۆزبېكىستانغا ئۇچۇپ كەلگەندە تاشكەنت ئايرودرومىدا دۆلەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنىكەن. ئىلگىرى ئۆزبېكىستانغا ھېچ بىر مەسىلىسىز كىرىپ كېلىۋاتقان جېن بۇنىنغا ئەمدى بۇ ئەلگە كىرىش تامامەن مەنئىي قىلىنغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2018-يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يورۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەلگە كىرىشىنى مەنئىي قىلىشىغا سەۋەب بولغانكەن. تەتقىقاتچى ئۆز تور بېتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەر ھەققىدە 24 مىڭدىن ئوشۇق گۇۋاھلىقلارنى توپلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن دۇنيا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەمدە ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى پايدىلانماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.