خىتاي شىركەتلىرى قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدا ئېلىپ كېلەمدۇ؟

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي لايىھەلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. بۇ جەھەتتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەر ئاستى قېزىلما بايلىقلىرى كانلىرىنى سېتىپ ئېلىۋاتقانلىقى ياكى ئىجارىگە ئېلىۋاتقانلىقى، ئاپتوموبىل يوللىرىنى، زاۋۇتلارنى سېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا كۆپرەك خىتاي تېخنولوگىيەسىنى پايدىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۆز ئىشچىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ قازاقىستاندا بۇنىڭغا قارشى بىر نەچچە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي لايىھەلىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيىتى بار ئىكەنلىكى يەنە بىر مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

22-ئۆكتەبىردە «ئازادلىق» رادىيوسى ئېلان قىلغان ئابدۇللو ئاشۇروفنىڭ «دۈشەنبە س يەنە بىر خىتاي كومپانىيەسىنى باجدىن ئازاد قىلدى» دېگەن ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى مەملىكەتنىڭ ئىككى ئالتۇن كانىدا ئىشلەۋاتقان خىتاينىڭ «تۋېئا» شىركىتىنى باجدىن ئازاد قىلغان. تاجىكىستان بۇ كانلارنى خىتاينىڭ سېلىۋاتقان مەبلىغى ھېسابىغا ئىجارىگە بەرگەن بولۇپ، تاجىكىستاننىڭ بەزى سىياسىي كۈچلىرى ھۆكۈمەتنى بۇنىڭدا قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئەمما تاجىكىستان دائىرىلىرى بۇنى پەقەت خىتاي مەبلەغلىرىنى جەلپ قىلىشنىڭ بىر ئامالى دەپ چۈشەندۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەسىلە قازاقىستاندا ئاخىرقى ۋاقىتلاردا تالاش-تارتىش تۇغدۇرۇۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتىكەن. بولۇپمۇ يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئېسكېلدىن ناھىيەسىدە يەرلىكلەر بىلەن خىتاي ئىشچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش قازاقىستان ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. توقۇنۇش نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپتىن بىر نەچچە ئادەم يارىلانغان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ يەرلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە 70 كە يېقىن خىتاي پۇقراسىنىڭ قانۇنسىز ئىشلەۋاتقانلىقى ئېنىقلانغانىدى.

بۇ ۋەقەگە باغلىق يېقىندا «ئېخو كازاخستانا» تور بېتىدە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى كونسۇلىنىڭ بىلدۈرۈشى-قازاقىستاندا كىمنىڭ نەق غوجايىن ئىكەنلىكىنىڭ بىرىنچى بەلگىسى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا خىتاي كونسۇلى گېن لىپىننىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرمىگەنلىكى ئېيتىلغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شۇنداقلا خىتاي كونسۇلى بىردەك دەرىجىدىكى خىتاي ۋە قازاقىستان ئىشچىلىرى ھەم مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدىكى ئىش ھەققىنىڭ پەرقى ھەققىدە ھېچ نەرسە ئېيتمىغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە قاسىم-جومارت توقايېف ئۆزىنىڭ بۇنى ئىقرار قىلغانلىقى ھەقىقەت. چۈنكى بۇ كېيىنكى ئايلاردا بارلىق كانلاردا ۋە كارخانىلاردا ئورۇن ئالغان نامايىشلارنىڭ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئاساسىي سەۋەبى بولماقتا. . .»

يېقىندىن بۇيان قازاقىستان ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تونۇلغان رېژىسسور ئېركىن راقىشېفنىڭ مەملىكەت پارلامېنتى ئالىي كېڭىشى ئەزالىرىغا قىلغان مۇراجىئىتى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا ئېركىن راقىشېف قازاقلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بۈگۈن ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، قازاق خەلقىنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىۋاتقان خىتاينى ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن جاڭجالدىن كېيىن بىر شىركەتتە 68 خىتاينىڭ ھۆججەتسىز، رۇخسەتسىز ئىشلەۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى. بۇنىڭغا كىم ئەيىبلىك؟ نېمە دېگەن رەسۋاچىلىق؟ شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ چېگرا ھەممىسى ئۆتۈۋېرىدىغان ئوچۇق ئىشىكمۇ؟ تەرتىپ نەدە؟ بۇ بىر شىركەتتىكى ئەھۋال. ئەمدى ئېلىمىزدە مىڭلىغان خىتاينىڭ شىركەتلىرى ۋە كومپانىيەلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالساق، بىر خۇدا بىلىدۇ قانچىلىك خىتاينىڭ قانۇنسىز يۈرگىنىنى.»

سىياسەتشۇناس رىسبېك سەرسېنباي ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاندا ئىشلەۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئىشچىلىرىنىڭ مەسىلىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىغا كەلتۈرۈۋاتقان پايدىسى، يەنى تۆلەۋاتقان باج مەسىلىسى مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەبلەغچىلىرىگە باج كەچۈرۈم قىلىش چوڭ خاتالىق. ئىقتىسادىي تەرەپتىنمۇ، سىياسىي تەرەپتىنمۇ. ئۆز ئۆيىدە، ئۆز يېرىدە ئىشلىيەلمەي، سىرتقى مەملىكەتكە كېلىپ ئىشلەۋاتقانلارغا بارلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىش بۇ مەملىكەتنىڭمۇ، ھۆكۈمەتنىڭمۇ خاتالىقى. تاجىكىستانمۇ، قازاقىستانمۇ مۇشۇ تەرەپتىن قاتتىق ئۇتۇلۇۋاتىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق يېنىكلىكنى قازاقىستان ياكى تاجىكىستان ئۆز پۇقرالىرىغا قىلىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇتقان بولاتتى. بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت غەزنىسىگە خىراجەت چۈشىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۆز تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىشىنى قوللىغان بولىدۇ.»

رىسبېك سەرسېنباي ھەر بىر مەملىكەت رەھبەرلىكىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە ئۆز مەملىكىتىنىڭ، خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئىمزالانغان ئاخىرقى 51 كېلىشىم، ئىلگىرى 55 بولغان ئىدى، بويىچە ئۇلارنىڭ كۆپىگە يېنىكلىك بېرىلگەن، ھەتتا باج تۆلەشتىن بوشىتىلغان. بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇلار قازاقىستانغا ئۆز جابدۇقلىرىنى ئېلىپ كىرىپ، كارخانىلىرىنى سالىدۇ ھەم ئىشلىتىدۇ. ياساپ چىقارغان مەھسۇلاتى ئاساسىي جەھەتتە خىتايغا ماڭىدۇ. بۇ كارخانىلارنىڭ كۆپچىلىكى ئېكولوگىيە جەھەتتىن زىيانلىق كەلتۈرىدۇ. ئىككىنچىدىن، پەقەت ئۆز جابدۇقلىرىنى ۋە ئاساسەن ئۆز ئىشچىلىرىنى ئىشلىتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۇلار باج-سېلىقنى ئاز تۆلەيدۇ. دېمەك ئۇلارنىڭ قازاقىستانغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى توغرىلىق بىرەر پىكىر قىلىشنىڭ ئۆزى قىيىن دەپ ئويلايمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئۆكتەبىردىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىندا خىتاي شىركىتىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كېيىن 70 خىتاي پۇقراسى قازاقىستاننىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن ئەلدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئەمدى توقۇنۇش كېلىپ چىققان خىتاينىڭ «سىتىچ كونسترۇكشىئون» شىركىتىنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ جاۋابقا تارتىلىدىغانلىقى ياكى تارتىلمايدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.