مەلۇمكى، يېقىندىن بۇيان قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتى جاڭائۆزېن شەھىرىدە ئۆتكەن خىتايغا قارشى نامايىشتا بولۇپ كەلدى. مەزكۇر نامايىشقا چىققان ئاھالىلەر خىتاينىڭ قازاقىستاندا 55 زاۋۇت سېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
«ئاباي ك ز» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان نۇربىكې بېكسۇلتان قىزىنىڭ «قاسىمجومارت توقايېف جاڭائۆزېنگە بارامدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ نارازىلىق قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېفنىڭ يېقىندا خىتايغا پىلانلىغان سەپىرىدىن كېلىپ چىققانىكەن.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «2017-يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى شى جىنپىڭ رەسمىي سەپەر بىلەن ئەلئوردىغا كەلدى. شۇ سەپەر مابەينىدە سابىق پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف خىتاينىڭ 51 كارخانىسىنى قازاقىستانغا كۆچۈرۈش توغرىلىق كېلىشىمنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي رەھبىرى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ناملىق ئىدىيەسىنىڭ قوللىغىنى ئۈچۈن نۇرسۇلتان نازاربايېفقا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.»
قازاقىستان مەتبۇئاتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاندا خىتايغا بولغان نارازىلىقلارغا ئاساسەن خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈرۈلۈشى، قازاقىستاننىڭ خىتايدىن قەرز ئېلىشى ھەمدە قازاقىستاننىڭ خىتايغا كۆپ مىقداردا قەرز بولۇشى، خىتاينىڭ قازاقىستاننىڭ بولۇپمۇ يەرلىرىنى ۋە نېفىت كانلىرىنى سېتىۋېلىشى ياكى ئىجارىگە ئېلىشى سەۋەب بولماقتىكەن.
نۇربىكې بېكسۇلتان قىزى ئىقتىساد مىنىستىرى تىمۇر سۈلېيمېنوفنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ، قازاقىستاننىڭ خىتايغا بولغان قەرزىنىڭ 12، 5 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلى نازاربايېفنىڭ خىتاي بىلەن ئومۇمىي كۆلىمى 28 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلىدىغان 51 لايىھىنى ئىمزالىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«جاس ئالاش» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئاسمىرا يېرمېك قىزىنىڭ «جاڭائۆزېنلىكلەر توقايېفتىن جاۋاب كۈتمەكتە» دېگەن ماقالىسىدە جاڭائۆزېن» شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى مۇراتباي سىماغالىيېفنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى كەلتۈرۈلگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز نېمە ئۈچۈن چىقتۇق؟ خىتاينىڭ 55 زاۋۇتىنىڭ ئەلگە كىرىشىگە قارشىمىز. ئۇلارسىزمۇ ھايات كەچۈردۇق. ماڭغىستاۋ ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمى تۇرىموف كېلىپ كەتتى. ئويىمىزنى ئېيتتۇق. بىزگە ئۇ: ›خىتاي زاۋۇتلىرى كىرمەيدۇ‹ دەپ كەتتى. بىراق بىزگە توقايېفنىڭ ئۆزى جاۋاب بەرسۇن. خىتاينىڭ زاۋۇتلىرى كىرمەيدىغان بولسا، تامغا بېسىپ، خەت يېزىپ بەرسۇن. تېلېۋىزىيەدىن چىقىپ ئېيتسۇن. ئۆزىدىن جاۋاب كەلمىگۈچە بىز ئورنىمىزدىن قوزغالمايمىز.»
مۇراتباي سىماغالىيېف شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جاڭائۆزېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى مەيدانىدا 200-300 ئادەمنىڭ يىغىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاز قىسمىنىڭ «ئۆزېن-مۇنايگاز» كومپانىيەسى ئىشچىلىرى بولۇپ، قالغىنىنىڭ شۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى ئىكەنلىكىنى، سىياسىي پارتىيەلەر ياكى جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار نامىدىن سۆزلىگەنلەرنىڭ بولمىغانلىقىنى، نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رۇخسەتنىڭمۇ سورالمىغىنىنى، قانۇن قوغداش ئورگانلىرى تەرىپىدىن ھېچ قانداق بېسىم كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
بىز جاڭائۆزېن شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى، خىتايغا قارشى نامايىش قاتناشقۇچىسى نۇرلىبېك نۇرغالىيېف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىشقا جاڭائۆزېن خەلقىنىڭ ئامالسىزلىقتىن چىققانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەقىقەتەنمۇ قازاقىستان ئۈچۈن چوڭ خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاقلارنىڭمۇ بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ بارلىقىغا زەربە بېرىش كېرەك ياكى توختىتىش كېرەك. بىز بىر تالاي بايلىق بىلەن ئولتۇرۇپ، نېمىشقا ئۆزىمىز تەرەققىي قىلمايمىز؟ مۇشۇنىڭ بارلىقىغا يۈرىكىمىز ئاغرىيدۇ. سېلىنماقچى بولغان خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ قازاقىستان ئېكولوگىيەسىگە، ئەلۋەتتە، تەسىرىمۇ بولىدۇ. خىمىيىلىك مەھسۇلاتنىڭ بارلىقى خىتايدىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ خەلققە قانچىلىك زىيان ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن بىز، قازاق خەلقى، بىرلىشىپ، كۆكلىيەلمەيمىز؟ ھاكىمىيەتتە ئولتارغانلار بىر-ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە بۇنىڭ بارلىقىنى ئۆزگەرتىپ، قازاقىستاننى راۋاجلاندۇرىدۇ دەپ ئويلىيالمايمەن. ھازىر قازاقىستاندا ياش، ئەقىللىق ياشلار كۆپ. ئۇلار ھۆكۈمەت بېشىغا كەلسە، ئوڭشىلىمىز. بىزدە سىياسىي مەقسەت يوق. بىزنىڭ مەقسىتىمىز قازاقنىڭ مىللەت بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشى ھەم كېلەچەك ئەۋلادلارغا شۇنداق چوڭ مەدەنىيىتىمىزنى كۆرسىتىش. ئىشسىزلىق بولمىسا، ئۆيسىزلەر بولمىسا، دەپ پۈتكۈل قازاق ئويلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاي باسقۇنچىلىقىغا قارشى چىقتۇق.»
«ئازادلىق» رادىئوسى ئېلان قىلغان سانىيا تويكېننىڭ «خىتاي زاۋۇتلىرىغا قارشى جاڭائۆزېندىكى نامايىش ۋە ھەمكارلىق ھەرىكەتلىرى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، جاڭائۆزېنلىكلەرنىڭ 2-سېنتەبىردىكى نامايىشىنى قوللاپ قازاقىستاننىڭ نۇرسۇلتان، ئاقتۆپە ۋە چىمكەنت شەھەرلىرىدىمۇ 3-سېنتەبىر كۈنى: «بىز خىتاي باسقۇنچىلىقىغا قارشى» دېگەن نامدا نامايىشلار بولۇپ ئۆتكەن. «جاس ئالاش» گېزىتى 4-سېنتەبىر كۈنى ئالمۇتا ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىمۇ نامايىش بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ماقالە ئاپتورى سانىيا تويكېن قازاقىستاندا خىتايغا قارشى نارازىلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى يەنە مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ: «2017-يىلى خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئېتنىك قازاقلارنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى توغرىلىق ئاخبارات تاراشقا باشلىدى. بەزى قازاقىستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتەلمەيۋاتقانلىقى توغرىلىق ئەرز قىلدى. بۇ ۋەزىيەت قازاقىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتتى.»
«زاكون قازاقىستان» تور بېتىدە بېرىلگەن «ھەممىسى بەك ئادەتتىكى ئىش: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەلچىسى نامايىشلار توغرىلىق پىكىر بىلدۈردى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسى جان شياۋ نامايىشچىلارنىڭ ئەنسىرەشلىرىنى بىكارغا چىقارغان. ئۇ بەزى كۈچلەرنىڭ خىتايغا ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشىگە قارشى ئاھالە ئارىسىدا زىددىيەت سېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ يوققا چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن.
قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس دوست كۆشىم خىتاينىڭ قازاقىستاندا سالماقچى بولغان زاۋۇتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بايقاۋاتىمەن، مەسىلەن خىتايدىن كېلىۋاتقان بەزى نەرسىلەر خىمىيىلىك، دورا-دەرمەك ۋە باشقىلار بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بارلىقىغا كۆز يۇمۇشقا يەنە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ زاۋۇتلار بىزگە ئىش ئورۇنلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، مەملىكەتكە پۇل كىرىدۇ. بىزدە ئاخىرقى ۋاقىتلاردا خىتاينى مۇتلەق يولاتمايلۇق، باشقىلار كىرىۋەرسۇن دېگەن چۈشەنچە قېلىپلاشقان. بۇ ئەسلىدە رۇسىيەنى قېلىپلاشتۇرغىنى. بۇ يەردە ئېكولوگىيە مەسىلىسىمۇ بار. بۇ ئۇزۇندىن بۇيان كېلىۋاتقان مەسىلە. مەسىلەن، خىتايدىن كەلگەن 51 ئىشلەپچىقىرىش ئورنى قەيەرگە ئورۇنلىشىدۇ. ئۇلاردىن قانچىلىك پايدا چۈشىدۇ، قانچىلىك ئىش ئورنى بولىدۇ، مانا بۇنىڭ بارلىقىنى ھۆكۈمەتتىكىلەر ياكى مىنىستىرلار ئەمەس، بەلكى خەلق كونترول قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. بىز بۇنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمىز. مەملىكەت بۇ يەردە ئوچۇق ئىشلىشى كېرەك.»
سىياسەتشۇناس ئەزىمباي غالى جاڭائۆزېندە يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ بىر نەچچە سەۋەبلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، بۇنى ياخشى تەتقىق قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن خىتاي كارخانىچىلىرىنى ياقلىمايمەن. ئۇلارنىڭ دۇنياۋى باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا، خىتاينىڭ ئىمپېرىيەلىك نىيىتى بار ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشىنىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئۇنىڭ قەرزلىرىنى ئالساقمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە بولساقمۇ، ئەمما ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز لازىم. بىزگە تاجىكىستان ئوخشاش قەرز ئېلىپ، بېقىندى بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. قىرغىزىستان بولسا خىتاينى قوغلاۋاتىدۇ. مەلۇمكى، بىزدە پارىخورلۇق راۋاجلانغان. خىتاي شۇنى پايدىلىنىپ، قازاقىستاننى بېقىندىلىققا ئىتتىرىشى مۇمكىن.»
ئەزىمباي غالى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىنى كۆپلەپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماۋاتقان بىر پەيتتە بۇ ئىككى خەلقنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، خىتاي سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش لازىملىقىنى بىلدۈردى.