كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا خىتايغا بولغان سەلبىي قاراشلار بارغانسېرى يوقىرى ئۆرلەپ، نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى بايقالماقتا.
ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر نەچچە ئايدىن بۇيان قازاقىستاننىڭ ھەرقايسىي شەھەرلىرىدە خىتايغا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە، ئاتالمىش «تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا، خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي لايىھەلىرىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالماقتىكەن.
5-نويابىردە «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ ئالتە سەۋەبى» ناملىق ماقالىدا تونۇلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس دوسىم سەتپايېف ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش مەملىكەت ئىچىدىن خىتايغا قارشى ئاممىۋىي كەيپىياتلارنىڭ پەقەت قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ جەھەتتە قازاقىستاندا بۇنىڭ ئالتە سەۋەبىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.
دوسىم سەتپايېفنىڭ ئېيتىشىچە، بەزىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆتمۈش تارىختىن ئىزدەپ، بۇنى قازاق ۋە جۇڭغارلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بىلەن باغلاشتۇرسا، يەنە بىرلىرى قازاقىستان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى بولغان ۋاقتىدا سوۋېت ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىن كەسكىنلىشىشى بىلەن باغلاشتۇرىدىكەن. ئىككىنچىدىن، قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنىڭ ئوچۇق ئەمەسلىكى، يەنى ئىمزالانغان كۆپلىگەن شەرتنامىلەر جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇلمىغان.
ئۈچىنچىدىن، قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە، شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتىلغان ئىشەنچسىزلىكى. تۆتىنچىدىن، قازاقىستاندا تۇرمۇش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، كېلەچەككە بولغان ئۈمىدسىزلىك ۋە بەزى ساھەلەردە ئورۇن ئېلىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەر. بەشىنچىدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەم كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بۇزۇلۇشى. ئالتىنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتايغا قەرزدار مەملىكەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى كۆپچىلىكنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئەھۋال بولۇپ، بۇ يەردە بىرىنچىدىن قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان تىلغا ئېلىنغان.
سىياسەتشۇناس رىسبېك سارسېنباي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قانداق بىر مەملىكەت ئىككىنچى بىر مەملىكەتنىڭ ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى خالىمايدىكەن. خىتاي ھازىر قازاقىستاندا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقتىن قازاقىستان خەلقى خىتايغا بېقىندا بولۇپ قېلىشتىن، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىكىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنىڭ خىتايغا نارازىلىقى ئۆسمەكتىكەن.
رىسبېك سارسېنباي مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، خىتاي چوڭ مەملىكەت. ئىككىنچىدىن ئۇنىڭ خەلقى مىلياردتىن ئاشىدۇ. ئەمدى قازاقىستاننىڭ يەر كۆلىمى چوڭ بولسىمۇ، خەلقى ئاز، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي قۇۋۋىتى خېلى تۆۋەن. ئۇنداق چوڭ مەملىكەت قوشنا ئەلنى يۇتۇۋېتىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ بۇرۇندىن يۈرگۈزۈۋاتقان مۇنداق سىياسىتىنى قازاق خەلقى ياخشى بىلىدۇ. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ خىتايدىن ساقلانغان. ئۇنىڭ بىلەن سىياسەتنى پەخەسلىك بىلەن يۈرگۈزگەن. ھازىر مۇنداق سىياسەتنى تۇتماي، ئەكسىچە، خىتايغا ھەممە ئىشىكلەرنى ئېچىۋەتتى.»
رۇسىيەنىڭ «روسبالت» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «نېمە ئۈچۈن خىتايلار بارلىق قازاقلارغا ‹ئەسىرلەر بويى ئاكا-ئۇكا› ئەمەس» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئىرىنا جوربېنادزې قازاقىستان دائىرىلىرىگە خىتايغا بولغان نەپرەتنى بېسىش بارغانسېرى ئېغىر چۈشۈۋاتقانلىقىنى، بۇنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقان كۈچلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالە ئاپتورى بۇ نەپرەتنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنى قازاقلارنىڭ خىتاينىڭ «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا سولىنىۋاتقانلىقىدىن دەپ كۆرسەتكەن.
ئىرىنا جوربېنادزې خىتاي لاگېرلىرىنىڭ جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ قازاقىستاندىلا ئەمەس، قىرغىزىستاندىمۇ خىتايغا قارشى سەلبىي كۆز قاراشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ لاگېر مەسىلىسىدە خىتايغا ئوچۇق ھېچ نەرسە ئېيتالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاندا ئۆتكەن نامايىشلار بۇ بېۋاسىتە خىتايغا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە، شۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىنى قازاقىستانغا ئېلىپ كىرىشىگە قارشى قارىتىلغان ئىكەن.
ئوتتۇرا ئاسىيادە خىتايغا قارشى ئومۇمىي نارازىلىقنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىنمۇ؟
قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «يېقىن ئارىدا ھېچ قانداق بولمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۆزبېكىستان خىتايدىن ناھايىتى كۆپ پۇل ئالدى. تۈركمەنىستان ئۆز مەسىلىسى بىلەن ئۆزى بولۇۋاتىدۇ. تاجىكىستان خىتاينىڭ قول ئاستىغا كىرىپ كەتتى. خىتاي بولسا ئىقتىسادىي بېقىندىلىقنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. قىرغىزىستانمۇ شۇنىڭ ئارقىسىغا كىردى. قازاقىستاننىڭمۇ قەرزى بار.»
يېقىندا «ئىكسكليۇزىف» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «قىرغىزىستان خىتاينىڭ دۇنيادىكى 5 ئاساسىي قەرزدارلار تىزىمىغا كىردى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايغا ئاساسىي قەرز بولغان مەملىكەتلەر جىبۇتى، مالدىۋى، كونگو ۋە تونگا بولۇپ، قىرغىزىستان 5-بولۇپ كىرگەن.