قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

12-نويابىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى «ئاق جول» رېستورانىدا جەم بولغان ئۇيغۇرلار 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى نىڭ 89 يىللىقى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 78 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. بۇ پائالىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۇيۇشتۇردى.

تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرىقى دۆلىتى بولغان 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ۋە كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈشى نەتىجىسىدە يىقىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئورنىتىلدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر سان-ساناقسىز تەقىبلەشلەرگە دۇچ كەلدى. سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزالىرى ھەمدە مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى باشقا مەملىكەتلەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىي جەھەتتىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئورۇنلاشقان ئىدى.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن مەلۇمات ئىگىلەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. شۇلارنىڭ بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى رەھىمجان مەڭسۈروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: « ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ جەڭگىۋار قېرىنداشلىرىمىز ئۆتكەن ئەسىردە ئىككى قېتىم مەستەقىللىق جاكارلىغان ئىدى. بۇ مۇستەقىللىقىمىزنى ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن تارتقۇزۇپ قويدۇق. شۇڭا بىز ھەر يىلى نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. بۇ يىل جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى تەبرىكلىگەچ، قازاقىستاندا نەزىر ئۆتكۈزدۇق.»

qazaqistan-sherqiy turkistan-jumhuriyet-kuni-2022-2.jpg

رەھىمجان مەڭسۈروف يەنە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ئەزالىرىدىن ھازىر قازاقىستاندا بىرمۇ كىشىنىڭ قالمىغانلىقىنى، مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىدىنمۇ ساناقلىقلا ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار تەقدىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان يىگىت باشلىرى، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى، زىيالىيلار ۋە باشقىلار ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى توغرىلىق ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشتى.

qazaqistan-sherqiy turkistan-jumhuriyet-kuni-2022-3.jpg

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى گۈلىستان ھەمرايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى پائالىيىتىمىزنىڭ ئاساسىي مەخسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا قەد كۆتەرگەن ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز، يەنى 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەشتىن ئىبارەت بولدى. ئارىدا شۇنچە يىللار ئۆتسىمۇ، ئۇيغۇرلار مەيلى ياۋروپىدا بولسۇن، مەيلى ئامېرىكا، تۈركىيە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقىمۇ قىتەلەردە بولسۇن، بۇ شانلىق ۋەقەنى ھېچ قاچان ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. شۇ جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەم شۇ يولدا قان تۆككەن قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىمۇ شۇلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش ئازادلىقتا، ئەركىنلىكتە ياشايدىغان تولۇق ھوقۇقى بار. مانا شۇ ھوقۇقىمىزنى تىكلەشتە دولقۇن ئەيسا باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تىنماي، ھارماي-تالماي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ شۇ ھەرىكەتكە ئاز بولسىمۇ تۆھپىمىزنى قوشۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز.»

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ۋەكىللەر، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆز ئىشلىرىنى قازاقىستاننىڭ قانۇنلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلغان ھالدا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.