ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-ئاپرېل كۈنى نيۇيوركتا ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم قازاق ياشلىرى دەۋر مەيدانىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتايدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋېلىنغان قازاق، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز قېرىنداشلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نامايىشچىلار يەنە قازاقىستان ھۆكمىتىدىن پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلىنى قويۇپ بېرىشنى ۋە خىتايدىن قېچىپ چىققان سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى سايراگۈل ساۋۇتبايغا ۋەتەنداشلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا خارلىنىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا سان جەھەتتىن ئۇيغۇردىن قالسا ئەڭ كۆپ بولغىنى قازاقلاردۇر. قازاقىستاندىكى «ئاتا جۇرت» تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر لاگېرلاردا يېتىۋاتقان قازاقلارنىڭ سانى 500 مىڭدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بولسا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىكەن. بۇ ۋەزىيەتكە قارشى گەرچە قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرالمايۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قازاق تەشكىلاتلىرى بىلەن قازاق جامائەتلىرى ھەر ۋاقىت سەزگۈر پوزىتسىيە تۇتماقتىكەن.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلار نيو-يوركنىڭ دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر پارچىدۇر. نامايىش يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئاخبارات باياناتىدا نۆۋەتتە لاگېرلاردا 500 مىڭدىن ئارتۇق قازاق، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە 50 مىڭدىن ئارتۇق قىرغىز قېرىنداشلىرىنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ تۇتقۇنلارنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. نامايىشتا لاگېردىكىلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ كىملىكتىن ۋاز كېچىشكە زورلىنىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان شۇنداقلا بۇ قىلمىشنى پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى ئالدامچىلىق ۋە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن.
نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان، ئىلگىرى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قازاق بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان سابىق مۇخبىر جۈرئەت نىزامىدىن بۇ نامايىش ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى. جۈرئەت نىزامىدىننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەتتىن باشلاپ، نۆۋەتتىكى لاگېر جازاسىغا قەدەر بارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قازاقلارمۇ زەربە نىشانى بولۇپ كەلگەن.
بۇ قېتىمقى نامايىشتا خەلقئارا جامائەتنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى تەلەپ قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە قازاق ھۆكۈمىتىگە قارىتامۇ تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نامايىشچىلار نامايىشتا باشتىن-ئاخىر قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە خىتايدىن قېچىپ چىققان سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى سايراگۈل ساۋۇتبايغا ۋەتەنداشلىق بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. سېرىكجاننىڭ نۇتۇقلىرىنى يوتۇبتىن ئىزچىل ئاڭلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان جۈرئەت نىزامىدىن نامايىشچىلارنىڭ سېرىكجان ۋە سايراگۈل ھەققىدىكى يۈكسەك باھاسىنىڭ ھەق ۋە ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
نامايىشچىلار سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ خىتاينىڭ لاگېرىدا خىزمەت قىلىشنى رەت قىلغان ۋە چېگرادىن قېچىپ چىققاندىن باشقا قازاقىستاندا لاگېرلار ھەققىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەگەر ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
جۈرئەت نىزامىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قازاقلارنىڭمۇ كۆپ ساندا سولىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، قازاقلاردىكى دىنىي ئويغىنىش، تۇرمۇشتىكى ئەنئەنىچىلىك ۋە مىللىي ئۆملۈكنىڭ خىتاينى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاشلا قازاقلارنىمۇ دۆلەت دۈشمىنى دەپ بېكىتكەنلىكى ۋە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.