قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچ كۈندىن بۇيان نورۇز بايرىمىنى قۇتلىماقتا
2022.03.23
مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئوتتۇز يىل داۋامىدا نورۇز بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار بۇ بايرام داۋامىدا دۇنيادىن ئۆتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، دوست-بۇرادەرلىرىنى، خولۇم-قوشنىلىرىنى ۋە باشقىلارنى ئەسلەپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، مۇسىبەت بولغان ئۆيلەرنى پەتىلەش، شۇنداقلا ھەر قانداق ياخشى-سوۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سەنئىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تائاملىرىنى تەرغىب قىلىپ كەلمەكتە. لېكىن ئاخىرقى ئىككى يىل داۋامىدا دۇنياغا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا مەملىكەتلەر قاتارىدا قازاقىستاندىمۇ نورۇز بايرىمىنى ئاممىۋىي رەۋىشتە نىشانلاش مەنئى قىلىنغان ئىدى. بۇ يىل ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىخەتەرلىك چارىلىرى يۇمشىتىلىپ، نورۇز بايرىمىنى نىشانلاش رۇخسەت قىلىندى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرىدا يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرىنىڭ، مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ، ياشلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن نورۇز بايرىمى ئاتاپ ئۆتۈلدى. شۇ جۈملىدىن ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق بايانداي يېزىسىدا نورۇز بايرىمىغا بېغىشلانغان مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرىدىن كەلگەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىشتىراق قىلدى. باياندايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاقلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ مۇراسىمنى يېزا ھاكىمى شاتلىق ئادىلوف تەبرىك سۆز بىلەن ئاچتى.
نۆۋەتتە سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۇيغۇر-قازاق دوستلۇقى ھەققىدە توختالدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بايانداي يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، پېشقەدەم ئۇستاز زەيتۇنەم تۇردىيېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ مەدىنىيەت تارىخى قانچە قەدىمىي بولسا، ئۇنىڭ ھەر خىل مۇراسىملىرى شۇنچىلىك قەدىمىيدۇر. نورۇز پەيتىدە ئەجداتلىرىمىز ئۆز قوشاقلىرىدا نورۇزنى خۇشاللىق بايرىمى، تۈن ۋە كۈننىڭ تەڭشىلىدىغان پەيتىدە، يازنى ھەر كۈنى نورۇز بولۇشىنى تىلىگەن. بايانداي ئاساسىي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان بايراملىق كونسېرت ھەر تاماشىبىننىڭ كۆڭلىدىن چىقتى، دېسەم مۇبالىغە ئەمەس. 7-8-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن قازاق، ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن سەھنىلىك كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلدى.»
مۇراسىم داۋامىدا ئېرشات ئەسمەتوف، «مېكتەپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى رەخمەتجان غوجامبەردىيېف، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شەمشىدىن ئايۇپوف، ئالمۇتا شەھىرىدىكى «مەرىپەت» مەشرىپىنىڭ بېگى بەختىيار سويۇزوفلار بايانداي يېزىسىنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئانا تىلىنى، ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپ ۋە سىنىپلارنى ساقلاش، بۇ يۆنىلىشتە تەشۋىق-تەرغىب ئىشلىرىنى بىرلىشىپ يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە كەرىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «تارىختىن بەلگىلىككى، بىزنى، يەنى تۈركىي خەلقلەر بىلەن پارس خەلقلىرىنى ئەزەلدىن ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان نورۇز، يەنى يېڭى يىل بايرىمى بىرلەشتۈرۈپ كەلگەن ھەم ئۇ چوڭ تەنتەنە ۋە داغدۇغىلىق بىلەن نىشانلاپ كېلىۋاتقان ئەنەنىۋىي ۋە سۆيۈملۈك بايراملارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇلۇق مۇتەپەككۈرلىرىمىز مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ۋە يۈسۈپ بالاساغۇنىنىڭ ‹قۇتادغۇ بىلىك› ئوخشاش ئۆلمەس يازما يادىكارلىقلىرىدا نورۇز بايرىمى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىز ئىجادىيىتىدە، شۇ جۈملىدىن قەدىمىدىن توقۇغان قوشاقلىرىدا نورۇزنى ‹ئۇلۇق ئاي، ئۇلۇق كۈن، ياخشى سائاتتا باشلانغان ئىش روناق تاپىدۇ›، ‹يىل قانداق باشلانسا، شۇنداق ئاخىرىلىشىدۇ› دەپ باھالىغان ئىكەن.»
زۇلفىيە كەرىموۋا نورۇز بايرىمىنىڭ قازاقىستاندا قانداق قىلىپ رەسمىيلەشكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا 1926-يىلدىن 1988-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا نورۇز بايرىمى دىنىي بايرام ھېسابلىنىپ، ھۆكۈمەت تەرەپتىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنماي كەلگەن ئىدى. پەقەت قازاقىستان مۇستەقىللىككە ئېرىشىپ، دۆلەت رەھبىرى 1991-يىلى 15-مارتتا ‹خەلق باھار بايرىمى توغرىلىق› پەرماننى ئىمزالىغاندىن بۇيان نورۇز بايرىمىنى نىشانلىنىپ كەلمەكتە. 2001-يىلى نورۇز بايرىمى دۆلەت بايرىمى بولۇپ بېكىتىلدى. 2009-يىلدىن تارتىپ بۇ بايرام 21-مارتتىن 23-مارتقىچە ئۈچ كۈن رەسمىي نىشانلىنىدىغان بولغان. تارىخىي ۋەتىنىمىزدە نورۇز ئوخشاش بايراملارنى ئەركىن ئۆتكۈزۈش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى پەقەت ئويۇن-كۈلكە بىلەنلا ئۆتكۈزمەي، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مائارىپىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى، ئەدەبىياتىنى تەرغىپ قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بارلىق قېرىنداشلارنى نورۇز بايرىمى بىلەن چىن يۈرىكىمدىن تەبرىكلەپ، خەلقىمىزگە خاتىرجەملىك، بېرىكەت ۋە بەخىت تىلەيمەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، نورۇز بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغلاق تارتىش ياكى ئات بەيگىسى، مىللىي كۈرەش-چېلىشىش مۇسابىقە ئويۇنلىرى، گۈلەڭگۈچ ئويۇنى، چاقپېلەك ئويۇنى، بۇقا، قوشقار، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش ئويۇنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كەلگەنىكەن. ئۇيغۇرلار ھەر خىل چالغۇ ئەسۋاپلىرى بىلەن نورۇز قوشاقلىرىنى، ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» كۈي، غەزەللىرىنى ۋە ھەر خىل مەزمۇندىكى شوخ ۋە مۇڭلۇق خەلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، مىللىي ئۇسۇللىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن.