قەشقەر-ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» دېگەن نامى بار. تارىختىن بۇيان قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى مول ۋە پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ئىختىرا قىلغان. قەشقەر تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر كۆپىنچە قەشقەرنىڭ تارىختا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پارلاق تارىخىغا شاھىت بولغان قەدەمىي پايتەخت شەھەر بولغانلىقىنى، مەركىزىي ئاسىيا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن ئەڭ تىپىك كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ھالبۇكى، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قەشقەردىكى بۇددىزم مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن ئانچە خەۋىرى بولمىسا كېرەك.
قەشقەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت تارىخىنى، بولۇپمۇ ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشقان بۇددىزىم دەۋرىگە دائىر مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قەشقەر بوستانلىقىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىي تەرەققىيات ئېقىنىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ۋاھالەنكى، مىلادىيە 10-ئەسىردە قەشقەرنى پايتەخت قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلاملىشىشى بىلەن كېيىنكى مىڭ يىللىق تارىخ جەريانىدا، قەشقەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تارىخىي مىراسلىرى، بولۇپمۇ بۇددىزىم ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ئىزلىرى ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان. قەشقەردىكى بۇددىزىم يالدامىلىرى يالغۇز مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تەرەققىيات جەريانلىرىدىن بەلگە بېرىپ قالماستىن، بەلكى يەنە قەشقەر رايونىنىڭ ئۇزاق تارىخ ئېقىمىدا باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەمدە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى چۈشىنىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، قەشقەردىكى بۇ قەدىمىي ئىزلار، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن سۈيىئىستېمال قىلىشىغا؛ «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىدىن باشقا كۆپلىگەن دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن» دېگەن سىياسىي تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىشىغا؛ ساياھەتچىلىكنى باھانە قىلىپ، قەدىمىي تارىخىي ئىزلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋىتىشىگە ۋە ئۇيغۇر ئەجداتلىرىغا خاس دىنىي-مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشىگە سەھنە قىلىنماقتا.
قەشقەر بەشكېرەم يېزىسىدا تارىختا خانئۆي ياكى كەشبالىق دەپ ئاتالغان قەدىمىي شەھەر خارابىلىقى بولۇپ، شىمال تەرىپى ئارتۇش چۆلتاغلىرىغا قاراپ سوزۇلغان، جەنۇبىي تەرىپى قەشقەر بوستانلىقىغا قارايدۇ، چاقماق دەرياسى خانئۆي خارابىلىكىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. پۈتكۈل خارابىلىكنىڭ كۆلىمى 60 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، مورا بۇددا مۇنارى، شەھەر سېپىلى، قەلئە قالدۇقلىرى، ئىبادەت پەشتىقى، كوچىلار، خۇمدان قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپقان كونا شەھەر ئىزنالىرى مەۋجۇت. خانئۆي خارابىلىقىدا يەنە بىرقەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالغان مورا بۇددا مۇنارى بولۇپ، تۇخۇمسىمان كەلگەن بۇ مۇنارنىڭ ئىگىزلىكى 12 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. مۇنار ئەتراپىدا يەنە ئۇزۇنلۇقى 1 كىلومېتىرغا سوزۇلغان قەدىمكى كارىز ئىزلىرىمۇ بار.
چاقماق دەرياسى ۋادىسىدىكى خانئۆي قەدىمكى شەھىرىنىڭ قاچان بىنا قىلىنغانلىقى، ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرى، قەشقەر تارىخىدا تۇتقان ئورنى ۋە رولى، شۇنداقلا بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرى ھەققىدە قىسمەن ئىزاھاتلار ھەم ئىزدىنىش خاراكتېرلىق تەتقىقاتلاردىن باشقا سىستېمىلىق تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلمىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خانئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىلىكىنى ئېچىش ۋە تەتقىق قىلىش تۈرى تەسىس قىلىپ، بۇنىڭغا ئالاھىدە كۈچ ۋە مەبلەغ ئاجراتقان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردىكى بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىلىقىغا، يەنى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى بۇددىزم مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئىزلارغا شۇ قەدەر كۆپ مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ چوڭ تېما سۈپىتىدە داۋراڭ سېلىشىغا، ئۇلارنىڭ يالغان تارىخ يارىتىش، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە باغلاشقا، ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن قېزىۋېلىنغان ھەرقانداق بىر تارىخىي بۇيۇمغا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» دىن ئىبارەت خىتاي تامغىسى بېسىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
2022-يىلى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى قەشقەر خانئۆي قەدىمىي شەھىرى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرىنىڭ تۆت يىل داۋام قىلغان قېزىش-تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملانغان بولۇپ، خانئۆي خارابىلىقىنىڭ بىنا قىلىنغان يىل دەۋرى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن. خانئۆي قەدىمى شەھەر خارابىسى ئۇزۇن تارىخنى باشتىن كۆچۈرۈپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ نامنىڭ ئىلىم ساھەسىگە بىلىنگىنىگە ئەمدىلا بىر ئەسىردىن ئاشتى. خانئۆينىڭ قەدىمكى يازما يادىكارلىقلاردا قانداق ناملار بىلەن خاتىرىلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ قەشقەر خانئۆي قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى قېزىش تۈرىگە قاتناشقان ئەلىجان ئەيسانىڭ «ۋاڭيى» تور بېتىدە ئېلان قىلىشىچە، خىتاي ئارخېئولوگلىرى يەنە قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ جايدىن تېپىلغان رەڭلىك ساپال، ئەينەك پارچىلىرى، گەج ھەيكەل ۋە تۈرلۈك تەڭگە پۇللار قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئاساسەن، شەھەرنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭ تارىخى «خەننامە» دە خاتىرىلەنگەن قەدىمكى سۇلې دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەن يىللارغا توغرا كەلسە، غەربىي بۆلىكىنىڭ تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «غەربىي دىيار تەتقىقاتى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 2021-يىللىق 4-سانىدا خانئۆي قەدىمكى خارابىلىقى ھەققىدە 2018-2019-يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك ھاسىلاتلار تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە، خانئۆي شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ «غەربىي دىيار» دەپ ئاتىغان رايونلاردا كۈسەن، ئۇدۇن، سۇلې، سۈيئابتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەربىي قورغان، يەنى ئەنشى تۆت قورغىنىنى تەسىس قىلىپ، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، «سۇلې» نىڭ ھەربىي قورغان ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. 2021-يىلى يەنە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر تورىدا «سۇلې خان ئوردىسى-خانئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقىلىشى» ناملىق بىر پارچە ژۇرنال ماقالىسى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدىمۇ ئوخشاشلا خانئۆي قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخى خىتاي تارىخىغا باغلانغان بولۇپ، خانئۆي قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى جەھەتتىن تاڭ سۇلالىسى يازما ماتېرىياللىرىدا تىلغا ئېلىنغان «دامەن» ۋە «خەنچىڭ» شەھەرلىرىگە ئوخشايدىغانلىقىدەك پەرەزلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى سۇلېنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي رايونلارنىڭ ھەربىي مۇداپىيە سىستېمىسىدا مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سېلىنغان ۋە بۇ نۇقتا كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان ياۋروپا ئېكسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ قەدىمكى يىپەك يولى تۈگۈنىدىكى مەدەنىيەت سىرلىرىنى ئېچىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، پائۇل پېللىئوت، ئاۋرېل ستەيىن، سۋېن ھېدىن قاتارلىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر قەشقەردىكى خانئۆي قەدىمىي شەھىرىنى ئاللىبۇرۇن قېدىرىپ تەكشۈرگەن ۋە بىر قىسىم كۆزقاراشلارنى يەكۈنلىگەن ئىدى. ئۇنداقتا، ياۋروپالىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر ۋە ئارخېئولوگلار خانئۆي قەدىمىي شەھىرى ھەققىدە قانداق ئىلمىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان؟
ياۋروپا ئالىملىرى قالدۇرغان ئىلمىي ئەسەرلەر بىزگە خانئۆي خارابىلىقىغا جايلاشقان تىم قورغان خارابىسى، توپا تىم خارابىسى قاتارلىق بۇددا يادىكارلىقلىرىنىڭ يىل دەۋرىنىڭ مىلادىيە 2-ئەسىرگە توغرا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئېرىشتۈرىدۇ. ئاۋرېل سىتەيىن 1907-يىلى يازغان «قەدىمكى خوتەن» ناملىق ئەسىرىدە، بۇددا مۇنارىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى پەلەمپەي شەكىللىك قاتلاملارنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت قاتلاملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، بۇددا مۇنارى ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە خوتەن ۋە تۇرپان تەۋەسىدىكى جايلاردىمۇ خۇددى خانئۆيگە ئوخشاش بىرمۇنچە قۇمتۇرالارنى ئۇچراتقانلىقىنى قەيت قىلغان. يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ياۋروپالىق ئالىملار يەنە خانئۆينىڭ ئورنى مەسىلىسىدىمۇ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ كۆزقاراشلار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم ئىزدىنىشلەر بىلەن مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە.
ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، خانئۆي قەدىمكى شەھىرىنىڭ تارىخىنى بېكىتىشتە يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەت ۋە ئېيتىملارغىمۇ ئېتىبار بېرىش زۆرۈر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ تارىخ ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىكى ئالپ ئەرتۇڭا ياشىغان زامانلارغا بېرىپ تاقىشىدىكەن. پارسچە ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچىمۇ، سۇلې دۆلىتىنىڭ تارىخىمۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەرگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ كۆپ ئېتىراپ قىلىنغان قاراشلارنىڭ بىرى «خانئۆي» سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيەسىنىڭ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تە تىلغا ئالغان خان شەھىرى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «ئوردۇكەنت» دېگەن يەر نامىغا باغلىنىشىدۇر. تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئىي، خانئۆي شەھىرىنىڭ خىتايچە تارىخىي ماتېرىياللاردا ئۇزاق مۇددەت «سۇلې» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەنلىكى، خانئۆينىڭ دەل قەشقەرنىڭ كونا ئورنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خانئۆينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەردىكى مۇنبەت سۇ مەنبەسى بولۇشىدەك جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، خېلى كۆپ كىشىلەر بۇ خىل قاراشنى ياقلاپ كەلگەن. ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە سىياسىي مەقسەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خانئۆي قەدىمىي خارابىلىقىنىڭ تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بىر قەلئە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە خانئۆي قەدىمىي شەھىرى خارابىلىقىنىڭ ئورنىنى يېڭىدىن بەلگىلەش خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق بايانات بەرگەن: «تارىختا قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ غەربكە كېڭىيىشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.»
شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خانئۆي قەدىمىي شەھەر خارابىلىقىنىڭ ئورنى ھەققىدىكى يەكۈنى پەقەت تاق مەنبەلىك ۋە تاق تەرەپلىك ھۆكۈم بولۇپ، دۇنيا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن تېخىچە ئېتىراپ قىلىنغان ئەمەس. دەرۋەقە، خانئۆي قەدىمكى شەھىرىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە تارىخىي دەۋرىگە ھۆكۈم قىلىشتا يالغۇز ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارلا يېتەرلىك بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنى يەنە يازما ماتېرىياللار ۋە ۋسىقىلەر، شۇنىڭدەك تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭمۇ تەستىقلىشى زۆرۈر بولىدۇ. خىتاينىڭ خانئۆي قەدىمىي شەھەر خارابىلىقىغا قارىتا قايتىدىن ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە يېڭىدىن يەكۈن چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ماھىيىتى، ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان ساختا تارىخ يارىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.