قازاقىستاندا قەدىمىي ئۇيغۇر كەتمەن يېزىسىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى كىتاب تونۇشتۇرۇلدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.12.20
ketmen-tarixi-1.jpg ئالمۇتادىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان، قەدىمى ئۇيغۇر كەتمەن يېزىسىنىڭ مەخسۇس تارىخى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر «كەتمەن تارىخى» تونۇشتۇرۇلدى. 2024-يىلى 16-دېكابىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات تارىخىي يىللاردىن بۇيان قىزىقارلىق تېما بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. مۇنداق يەرلىك تارىخ تەزكىرىلىرىنىڭ بىرى، قەدىمى ئۇيغۇر كەتمەن يېزىسىنىڭ مەخسۇس تارىخى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر «كەتمەن تارىخى» يېقىندا ئالمۇتادىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىندى. 16-دېكابىر كۈنى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ كەتمەن يېزىسىدا مەزكۇر «كەتمەن تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنى ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇردى. مۇراسىمغا ئالىملار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەت، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى. «كەتمەن تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى تۇرالىم ھېزىزوف بۇ ئەسەرنى قوليازما ھالىدا يېزىپ قالدۇرۇپ ۋاپات بولغىنىغا خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم بىرقانچە مۇتەخەسسىس ئەسەرنى رەتلەپ نەشرگە تەييارلىغانىدى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن كىتاب ئاپتورى تۇرالىم ھېزىزوفنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىنغاندىن كېيىن، رىياسەتچى، ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئارلېن ئوسمانوف مۇراسىمنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى چۈشەندۈردى ۋە كەلگەن مېھمانلارنى تونۇشتۇردى.

ئالمۇتادىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان، قەدىمى ئۇيغۇر كەتمەن يېزىسىنىڭ مەخسۇس تارىخى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر «كەتمەن تارىخى» تونۇشتۇرۇلدى. 2024-يىلى 16-دېكابىر، ئالمۇتا.
ئالمۇتادىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان، قەدىمى ئۇيغۇر كەتمەن يېزىسىنىڭ مەخسۇس تارىخى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر «كەتمەن تارىخى» تونۇشتۇرۇلدى. 2024-يىلى 16-دېكابىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

كىتاب مۇئەللىپى مەرھۇم تۇرالىم ھېزىزوف ئۆز ئەمگىكىنى بۇنىڭدىن قىرىق يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى يازغان بولسىمۇ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنى نەشر قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان. ئارىلىقتا ئۆزىمۇ ۋاپات بولغان، ئەسەرنىڭ ئىلمىي ۋە تارىخى قىممىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرى مۇتەخەسسىسلەر ئەسەرنى تەييارلاپ نەشر قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، كىتابنىڭ كىرىشمە قىسمىنى تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوف يازغان.

ئارلېن ئوسمانوفنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇرالىم ھېزىزوف 1925-يىلى 25-ماي كۈنى كەتمەن يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا باھالار بىلەن تاماملاپ، ھازىرقى پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە مۇئەللىملەرنى تەييارلايدىغان بىلىم دەرگاھىدا ئوقۇپ، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات بۆلۈمىدە ئۆز بىلىمىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئوقۇشنى تاماملاپ، كەتمەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇستازلىق قىلىدۇ. كېيىنكى يىللاردا يۇقىرىدا ئاتالغان ئىنستىتۇتنىڭ ماتېماتىكا بۆلۈمىنى تاماملاپ، پېنسىيەگە چىققۇچە ئۇستازلىق قىلغان. تۇرالىم ھېزىزوفنىڭ خىزمىتى يۇقىرى باھالىنىپ، «قازاقىستاننىڭ ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئۇستازى» بەلگىسى بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇ 2004-يىلى 8-مارت كۈنى 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ، 1970-يىللاردا ئۆز يۇرتى كەتمەننىڭ تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىپ، «كەتمەن تارىخى» نى يېزىپ قالدۇرغان.

ئالمۇتادىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان، قەدىمى ئۇيغۇر كەتمەن يېزىسىنىڭ مەخسۇس تارىخى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر «كەتمەن تارىخى» تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 16-دېكابىر، ئالمۇتا.
ئالمۇتادىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان، قەدىمى ئۇيغۇر كەتمەن يېزىسىنىڭ مەخسۇس تارىخى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر «كەتمەن تارىخى» تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 16-دېكابىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئالمۇتا شەھىرى بوستاندىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف، «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتى رايونلۇق تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ئابلەت كامالوف، ئالمۇتا شەھىرى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پېنىنىڭ مۇئەللىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېفلار ئىككى قىسىمدىن ئىبارەت مەزكۇر ئەمگەكتە قازاقىستاننىڭ مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن يۇرتلارنىڭ بىرى كەتمەن يېزىسىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ئەكس ئېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدا يېزا ئاھالىسىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ شەكىللەنگەن ھەر خىل سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلاردىكى تۇرمۇش تىرىكچىلىكى، يېزا ئادەملىرىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ۋەقە ھەم سەرگۈزەشتلىرى، يۇرت ئىچىدىن چىققان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئۆمۈربايانى يورۇتۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان كەتمەن يېزىسى جامائىتى ۋەكىللىرى، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇرالىم ھېزىزوفنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-پائالىيىتى، ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كەتمەن يېزىسىنىڭ باشلىقى بېرىك شايمۇخايېف مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مېھمانلار، ھۆرمەتلىك ئاكىلار، ئىنىلار، بىرىنچىدىن، كەتمەن يېزىسىغا خۇش كەپسىلەر. بۈگۈن ياخشى بىر تارىخىي ۋەقە بولۇۋاتىدۇ. ئالدى بىلەن بۈگۈنكى قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنى بىلەن ھەممىڭلارنى تەبرىكلەيمەن. ئېلىمىز ئامان بولسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرالىم ئاكىنىڭ كىتابىنىڭ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇۋاتىدۇ. ئىنتايىن خۇشالمىز. ئاجايىپ ئىش. كەتمەن قازاقىستاندىكى ياخشى يېزىلارنىڭ بىرى. بۇ مۇشۇ يۇرتتا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ بىرلىكىدىن دەپ ئويلايمەن. مەن بۇ يېزىغا باشلىق بولۇپ كەلگىنىمدە مۇشۇ كەتمەننىڭ تارىخىنى ئىزدىدىم. كەتمەننىڭ 500 يۈز يىللىق تارىخى بار دەپ ئاڭلىدۇق، ئەمما ئۇنى تاپالمىدۇق. بۈگۈنكى كەتمەن توغرىلىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش كېلەچەك ئەۋلادلار ئۈچۈن چوڭ ئۈلگە-ئىبرەت. تۇرالىم ئاكىنىڭ قوليازمىلىرىنى يىغىپ، چوڭ كىتاب قىلىپ چىقىرىشنىڭ ئۆزى چوڭ ئەمگەك.»

مۇراسىم ئاخىرىدا مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن مېھرىبان ھېزىزوۋا كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىغا كۈچ چىقارغانلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۇلارغا سوغىلىرىنى تاپشۇردى. مۇراسىم داۋامىدا سەنئەتكارلارنىڭ كۈچى بىلەن تەييارلانغان كونسېرت پىروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن كەتمەن يېزىسىدا ھەقىقەتەنمۇ تارىخىي بىر ۋەقە يۈز بەردى. ئىلگىرى، يەنى 70 يىل دېگۈدەك ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سابىق سوۋېت دەۋرىدە كۆپلىگەن يېزىلارنىڭ تارىخى ئەنە شۇ سوۋېت ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولۇپ، خەلققە يەتمىگەن ئىدى. بۈگۈن كەتمەن يېزىسىدا بولغان ئەنە شۇ تۇرالىم ھېزىزوفنىڭ ‹كەتمەن تارىخى› كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان ئالىملار كىتاب مۇئەللىپىنىڭ ئەمگىكىگە ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ باھاسىنى بەردى. بولۇپمۇ تارىخچى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پىروفېسسور ئابلەت كامالوف بۇ كىتابنىڭ قانداق قىلىپ يورۇققا چىققانلىقى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى توغرىلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئابلەت كامالوف سۆزىدە تۇرالىم ھېزىزوفنىڭ ئۆز ئەمگىكىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلالمىغانلىقىنى، پەقەت بىر نەچچە يىللاردىن كېيىنلا ‹تۇران دۇنياسى› تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروفنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا كىتابنىڭ نەشر قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. تۇرالىم ھېزىزوفنىڭ قول يازمىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى قولىدا ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەن ئۇ ئۆزىگە خاس غەيرەتلىكى ھەم تەشەببۇسكارلىقى بىلەن مەزكۇر قول يازمىلارنىڭ نەشر قىلىنىشىغا بار كۈچىنى سەرپ قىلىپتۇ.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئارلېن ئوسمانوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن كەتمەن يېزىسىدا ئۆتكەن مۇراسىم ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ۋە ئەھمىيەتلىك بولدى دەپ ئويلايمەن. ھەقىقەتەنمۇ ھەر قانداق بىر يېزا ياكى شەھەرنىڭ تارىخى بولىدۇ. بىزنىڭ كەتمەن يېزىسى شۇ جۈملىدىن بولۇپ، ئۇ ئاددىيلا بىر يېزا ئەمەس. بىزنىڭ يۇرتىمىز خەلقىمىزنىڭ قەھرىمان قىزى نوزۇگۇمنىڭ ئىسمى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. نۇزۇگۇمنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى، ئازادلىقى، ئىنسانىي ھوقۇقى ئۈچۈن باسقۇنچىلارغا قارشى كۈرىشىپ، شۇ يولدا جېنىنى پىدا قىلغانلىقى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئەنە شۇ خەلقىمىزنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنى، ئۇزۇن تارىخىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئەمگەك قىلغان شەخسلىرىمىزنى خاتىرىلەش، ئەسكە ئېلىش بىزنىڭ ئۇلۇغ بۇرچىمىزدۇر. تۇرالىم ئاكىنىڭ يازغان ‹كەتمەن تارىخى› ناملىق كىتابىمۇ شۇلارنىڭ مىسالىدىن. بىزنىڭ يېزا ھەقىقەتەنمۇ ئالىملار، زىيالىيلار يۇرتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۇنجى ئۇيغۇر ئاكادېمىكى يارمۇھەممەت مۇبارەكوف، يېزا ئىگىلىكى ئاكادېمىكى مەھەممەتجان ئابدۇللايېف، مەشھۇر بالىلار دوختۇرى نۇرلان ئەكبەروف، تىلشۇناس ئالىملار تۇغلۇقجان تالىپوف، ۋالېرىي مەخپىروف ۋە باشقىلار بىزنىڭ يۇرتتىن. بۈگۈن مانا تۇرالىم ھېزىزوفنىڭ كىتابىنى كەچ بولسىمۇ، ئالىملارنىڭ قاتنىشىشى، يېقىندىن ئارىلىشىشى بىلەن نەشر قىلدۇق. مەن بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلار نامىدىن بارچىغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن».

تۇرالىم ھېزىزوفنىڭ «كەتمەن تارىخى» ناملىق كىتابى 408 بەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەسەردە 1917-يىلىدا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن تارتىپ تاكى 1980-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سوۋېت تۈزۈمى ئاستىدىكى كەتمەن يېزىسىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. بۇلاردا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلىشى، سوۋېت ھۆكۈمىتى 1930-1920-يىللاردا ئېلىپ بارغان كوپىراتسىيەلەشتۈرۈش، باي-كۇلاكلارغا زەربە بېرىش، ئاچارچىلىق، كولخوزلاشتۇرۇش، 1937-1938-يىللاردىكى ئاتالمىش خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش، 1941-1945-يىلىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى، 1960-يىللاردىكى بوز يەرلەرنى ئېچىش، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى كۈچەيتىش، تۇرغۇنلۇق دەۋرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 يىللارغا يېقىن ۋاقىتتىكى كەتمەن يېزىسىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھايات قىسمەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەسەرنىڭ ئەنە شۇ سوۋېت كوممۇنىست تۈزۈمىنىڭ ئەڭ ئېغىر دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى چۈشىنىشتە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

كەتمەن يېزىسى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇ قازاقىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر ئېلى چېگراسىغا يېقىن تاغلىق رايون. بۇ جايدا كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇ-چىڭ ئىمپېرىيەسىگە قارشى قوزغىلىڭىنىڭ ئىشتىراكچىسى، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم مانجۇ ئەمەلدارلىرىغا خوتۇنلۇققا مەجبۇرلانغاندا ئۇنىڭغا باش ئەگمەي قېچىپ، ئەنە شۇ كەتمەن يېزىسىدىكى تاغ ئۆڭكۈرىدە پاناھلانغان. كەتمەندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇنى بىر مەزگىل قوغدىغان بولسىمۇ، لېكىن مانجۇ-خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇنى تۇتۇپ، ئاخىرى غۇلجىدا ئۆلتۈرگەنىدى. كەتمەن 1871-يىلى 5-ئايدا كولپاكوۋسكىينىڭ چار رۇسىيە قوشۇنلىرى ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى باشلاپ كەتمەن يېىزىسىدا ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ قوشۇنلىرى ۋە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كېلىپ مەغلۇپ بولغان تارىخىي جاي ئىدى.

ھازىر كەتمەن يېزىسىدىكى نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى دەپ ئاتالغان تارىخى جاي ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن زىيارەتگاھ ۋە خاتىرە ئورنىغا ئايلاندۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.