5 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ۋاسىتىلىك تەسىرىدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ۋەتىنىدىكى ئائىلە ئەزالىرىغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئازابلىرىنى يېڭىشكە ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان جۇدالىققا كۆنۈشكە مەجبۇر بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن نورمال ئىنسانلاردەك ياشاشقا ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.
نورۋېگىيەدىكى ياش ۋە تالانتلىق كىيىم لايىھەلىگۈچى قەدىرىيە غوپۇر دۇنيا كىيىم-كېچەك مودا ئېقىمىغا ماسلاشتۇرۇپ لايىھەلىگەن «فونىكس» (Foniks) ماركىلىق ئۆزگىچە ئەتلەس كىيىم پاسونلىرى، زىبو-زىننەت لايىھەلىرى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا باشلىغان. بىز ئىلگىرى رادىيومىزدا قەدىرىيەنى خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ئانىسى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى بىر ياش ئاكتىپ سۈپىتىدە زىيارەت قىلغان بولساق، بۇ نۆۋەت ئۇ ئالدىمىزدا ئازابلىرىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ئۆز كەسپى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشقا باشلىغان تالانتلىق كىيىم لايىھەلىگۈچى سۈپىتىدە تۇرۇپتۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق قەدىرىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى ئۇنىڭ مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلايلسىلەر.