ئىككى كۈندىن بۇيان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ ئاكىسى تۇرسۇنجان سىدىقنىڭ، 11-ئاپرېل كۈنى دوختۇرخانىدا تۇيۇقسىز قازا قىلغانلىق خەۋىرى ئۇيغۇر جامائىتىدە كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىدى. لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئوخشىمىغان لاگېرلاردا خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىش جەريانىدا كۆرگەنلىرى ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئىسپاتلىق ئاڭلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ، ھەم شۇ سەۋەبتىن ئۈرۈمچىدىكى قېرىنداش ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم سوراق قىلىنىپ، ئىزچىل قاتتىق بېسىم ۋە تەھدىت ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.
قەلبىنۇر سىدىق خانىم، يەنە بىر لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 20-مارتتىن 5-ئاپرېلغىچە ئامېرىكادا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» دا گۇۋاھلىق بەرگەنىدى. ئۇلار يەنە بۇ 15 كۈنلۈك ئامېرىكا زىيارىتىدە مۇھىم دۆلەت ئورگانلىرى ھەمدە، كىشىلىك ھوقۇق فوندى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارادا قايتىدىن دىققەت قوزغىشىغا تۈرتكە بولغانىدى.
گوللاندىيەدىكى قەلبىنۇر سىدىق ئاكىسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈمىدىن چوڭقۇر قايغۇ ۋە مۇسىبەت ئىچىدە بولسىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭغا بۇ قايغۇلۇق خەۋەر بېلگىيەدىكى جىيەن ئوغلى تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەن. قەلبىنۇر ئىككى يىلدىن بۇيان ھېچ كۆرۈشۈپ باقمىغان ئۈرۈمچىدىكى مۇسىبەت ئىچىدىكى ئائىلىسى بىلەن ئىپادىلىگۈسىز گۇناھكارلىق تۇيغۇسىدا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى سەۋەبلىك ئائىلىسىدىكىلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىدىن دەرغەزەپكە كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا قالغان ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئامانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن سوراپ بىلىشىچە، ئاكىسى تۇرسۇنجان زۇكام ۋە يۆتەل ئالامەتلىرى سەۋەبلىك، ئايالى ئۇنى 9-ئاپرېل كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كېسەل كۆرسەتكىلى ئاپارغان. ئۇ دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىنغان ۋە ئەتىسى 10-ئاپرېل كۈنى دوختۇرلار ئۇنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلىكىنى دېگەنىكەن.
قەلبىنۇر سىدىقنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمما دوختۇرخانا تۇرسۇنجان سىدىقنىڭ قازا قىلىشىغا ئائىت ھېچقانداق سەۋەب ياكى دىئاگنوز كۆرسىتىپ بەرمىگەن.
قەلبىنۇر سىىدىق يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسىبەت ئىچىدىكى بۇ ئائىلىگە دەرھال دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنى ئەۋەتكەنلىكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئۆزىنى بۇ ئۆلۈمدىن خەۋەردار قىلماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىدىنمۇ خەۋەردار بولغان. ئۇ، بۇ بىر قاتار ئەھۋاللارنىڭ ئاكىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبىدىن گۇمان قىلىشتىكى يەنە بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قەلبىنۇر سىدىقنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسى بىلەن ئۇندىداردا كۆرۈشۈشى جەريانىدا، قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا «ئاكام بىھۇدە كەتتى» دەپ ئازابلىق تەكرارلىغان. بۇ ئۇنىڭ گۇمانىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.
قەلبىنۇر سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى تۇرسۇنجان سىدىق بەش بالىنىڭ چوڭى بولۇپ، ئائىلىدە قەلبىنۇر بىلەن ھەممىدىن يېقىن ئىكەن. ئۇ، بەكمۇ كۆيۈمچان ۋە خۇش-چاقچاق ئىكەن. بىر قانچە يىل ئىلگىرى يۈرەككە تىرەك قويغاندىن باشقا ئۇنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئىكەن. تۇرسۇنجان سىدىق، 1956-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىدە 40 يىل كادىر بولۇپ خىزمەت قىلىپ 2016-يىلدىن ئىلگىرى پېنسىيەگە چىققان ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونى شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى ۋە ئىدارە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغانىكەن. قەلبىنۇر 2019-يىلى لاگېرلار ھەققىدە گوللاندىيەدە گۇۋاھلىق پائالىيەتلىرىنى باشلىغاندىن بۇيان ئىككى پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولغان تۇرسۇنجان، پۈتۈن ئائىلىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن تەڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراشقا باشلىغان.
قەلبىنۇر سىدىق ئاكىسىنىڭ كۆپ قېتىم سوراق قىلىنغان ۋە ساقچىلارنىڭ تەھدىتلىرىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكىندە: «سىڭلىم مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن» دېيەلىگەنىكەن. ئاكىسىنىڭ بۇ سۆزى قەلبىنۇرغا زور مەدەت بولۇپ كەلگەنىكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماي پىداكارلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان قەلبىنۇر سىدىق خانىمغا كەلگەن بۇ مۇسىبەتتىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ قايغۇرماقتا. قەلبىنۇر ئۇچرىغان بۇ تۇيۇقسىز روھى زەربىنىڭ تەسىرلىرىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان دەرھال ھەيئەت تەشكىللەپ، قەلبىنۇردىن ھال سوراپ ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن گوللاندىيەگە كەلگەن. دولقۇن ئەيسا: «قەلبىنۇرنىڭ ئاكىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى، قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ 23-مارت لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىپ ھەمدە 27-مارت كۈنى كالىفورنىيە شتات مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، HR25 نومۇرلۇق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارار لايىھەسىنىڭ تولۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن قوبۇل قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى. شۇنداقلا ئۇ قەلبىنۇرنىڭ بۇ غەلىبىلىك سەپەردىن قايتىشىغىلا، ئاكىسىنىڭ تۇيۇقسىز قازا قىلىشىنى «تاسادىپىيلىق دېگىلى بولمايدۇ» دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەلبىنۇرنىڭ ئاكىسىنىڭ بۇ قايغۇلۇق قىسمىتىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارمۇ قىسقا ئارىلىقتا خەۋەر تاپقان ۋە بۇنىڭغا جىددىي قارىماقتىكەن.
ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى گەرچە قەلبىنۇرنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر ئازابلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۈگۈن 13-ئاپرىل ئارگېنتېنا خەلقئارا سوتىنىڭ ئادۋۇكاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىرلىشىپ قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرىنى سوتلاش ھەققىدە ئارگېنتىنا سوتىقا سۇنغان ئەرز ئۈچۈن، گۇۋاھلىق بەرگەن.