خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇشتىن بۇرۇنلا رايوندا قوزغىتىلغان «قوشماق تۇغقانلىشىش» سىياسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى چېن چۇئەنگونى تىبەتتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، «بەشتە بىر بولۇش» تەدبىرى ئارقىلىق يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەن. بىر مىليون كادىر سەپەرۋەر قىلىنىپ «قوشماق تۇغقانلىشىش» نى ئىجرا قىلىدىغان خىتاي كادىرلارنىڭ ئىككىنچى سېپى شەكىللەنگەن. 2017-يىلى مايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى «بەش بىللە بولۇش» ناملىق يېڭى پروگراممىنى ئېلان قىلدى.
لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلىدىلا ھەر يىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئېيى قىلىپ بېكىتىلگەن 5-ئايدىكى بىر ئايغا سوزۇلىدىغان پائالىيەتلەردە، ئۇلار خىتايلار بىلەن ئادەتتە بىللە ئېلىپ بارمايدىغان، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، تاماق ئېتىپ يېيىش، سوغات بېرىش، ئۆيىگە مېھمانغا بېرىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلگەن. بۇ سۈنئىي ئىتتىپاقلىق كەلتۈرگەن بىزارلىق يەتمىگەندەك، 2017-يىلىغا كەلگەندە خىتاي كادىرى تۇغقان بولۇپ كىرمىگەن بىرمۇ ئۇيغۇر ئائىلىسى قالمىغان. دائىرىلەر بۇنىڭدىكى مەقسەتنى «بۆلگۈنچىلىك، ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇقتىن ئىبارەت «ئۈچ رەزىل كۈچ» نىڭ بۇزغۇنچىلىقىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مىليونلىغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى، مەجبۇرىي نازارەت قىلىش دېتالىدىن باشقا، «قوشماق تۇغقان» دىن ئىبارەت ئەر جىنسلىق يات مىللەتتىن بولغان كۈتۈلمىگەن مېھماننىڭ ئۆيىگە خالىغانچە كېلىپ، يەپ-ئىچىپ، ھەتتا ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە قونىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن.
«تۇغقان» نىڭ خورلىشى ھەپتىلەپ داۋام قىلىدىغان بولدى
قەلبىنۇرنىڭ ئېرى ئىشلەۋاتقان ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ قۇرۇلۇش ماتېرىياللار شىركىتىنىڭ خىتاي دىرېكتورى 56 ياشلىق فاڭ زۇڭ ۋە ئايالى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە «تۇغقان» قىلىپ قويۇلغان. بۇ خىتاي خوجايىن دەسلەپتە ئايالى بىلەن بىللە كەلگەن. 2017-يىلى 12-ئايدا دائىرىلەر ئايدا بىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەپتىلىكى» نى بېكىتكەن ھەمدە «تۇغقانلار» پروگراممىسى يولغا قويۇلۇپ، بۇ مەجبۇرىي تېڭىلغان خىتاي تۇغقانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە ئۇدا بىللە ياشايدىغان بولغان.
قەلبىنۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت بىزدىن، بېكىتىلگەن خىتاي تۇغقانلار بىلەن‹بىللە ياشاش، بىللە تاماق ئېتىش، بىللە غىزالىنىش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئۇخلاش›دەپ تەلەپ قىلدى. ئاياللار چوقۇم بىر ئەر خەن كادىرىغا «تۇغقان» بولۇشى، ئەرلەردە چوقۇم خىتاي ئايال «تۇغقان» بولۇشى كېرەك. دەسلەپتە ئۇلار بىزگە، ھەر ئۈچ ئايدا بىر ھەپتە بىللە تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەمما بۇ ناھايىتى تېزلا ئايدا بىر قېتىم بىر ھەپتىگە ئۆزگەردى. بۇ پىلان مېنى ھەيران قالدۇردى. مەن بىللە ئىشلەش، ئۆگىنىش ۋە بىللە غىزالىنىشقۇ بوپتۇ، ئەمما نېمىشقا بىللە ياشاپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئۇخلىشىمىز كېرەك؟ خىتايلار ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن شۇنداق بىر كارىۋاتتا ياتامدۇ ئەجەبا؟»
قەلبىنۇرنىڭ خىتاي تۇغقىنى شۇندىن كېيىن قېلبىنۇرغا يۈك قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئايالىنى بىللە ئېلىپ كەلمەي ئۆزىلا كېلىدىغان بولغان. بۇ خىتاي قەلبىنۇرنىڭ ئۆيىدە ھەپتىلەپ تۇرىدىغان بولغان ۋە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭ بەد-بەشىر نىيەتلىرى تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان.
بۇ خىتاي كادىرنىڭ قەلبىنۇرنىڭ ئۆيىدە ئۇنى «سۆيۈش»، «قولىنى تۇتۇش»، «ئىسسىق ساقلاش» ئۈچۈن كارىۋاتتىن تەڭ بەھرىلىنىشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەر خىر پۇرسەتتە پاراكەندە قىلىشى ئادەتكە ئايلانغان. ئۇ ھەتتا قەلبىنۇرنىڭ ئېرىنىڭ ئالدىدا قەستەن ئۇنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ، قەلبىنۇرنىڭ يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنغان قەبىنۇر ياخشى كۆرگەن ئېرىنىڭ، بۇ سەسكىنىشلىك خىتاي غۇجايىنىنىڭ قىلىقسىزلىقلىرى ئالدىدىكى ئامالسىزلىقىغا ئېچىنغان. ئۇ خىتاينىڭ ھەددىدىن ئاشقان ئەخلاقسىز تەلەپلىرىنى ئۆزى ئەقىل بىلەن رەددىيە بېرىپ قۇتۇلغان. قاتتىقراق رەدىيەسىگە ئۇچرىغاندا ئۇ خىتاي قەلبىنۇرغا «مەن بىر تۇغقان بولغاچقا، قانۇنلۇق ھالدا سېنى سۆيەلەيمەن، قۇچاقلايمەن ۋە سەن بىلەن ئۇخلىيالايمەن» دېگەن.
بىزنىڭ قارشىلىق تۇرماق نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەش ھوقۇقىمىزمۇ يوق
قەلبىنۇر: «ئەگەر مەن نارازىلىقىنى كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلسام، ئۇ مېنى ياخشى كۆرمىدى دەپ ئەيىبلەيدۇ، بەزىدە ئۇ مېنىڭ ھۇجرىسىدا ئۇخلىشىمنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەگەر يولدىشىم بولمىسا، ئۇ ھەددىدىن ئاشقان ھالدا ھەۋەسلىرىنى ئىپادىلەيتتى، ئەمما مەن ئۇنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى رەت قىلىپ قېچىپ قۇتۇلالىدىم. بەزىدە ئاشخانىدا يالغۇز قالاتتىم بۇنداق چاغلاردا ئۇ ماڭا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالىدۇ» دەپ بايان قىلدى.
قەلبىنۇر ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋېلىپ: «ئەلۋەتتە بىز ھېچقانداق قارشىلىق كۈرسىتەلمەيتتۇق، بىزنى ساقچىغا چاقسىلا تۇتۇپ كېتىلەتتۇق» دەيدۇ.
بۇ خىتاي ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىكارلىق يەپ ئىچىپ، قىلىقسىزلارنى راھەت ئىپادىلەپ يەنە تېخى ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى پەش قىلىپ، ھىيلىگەرلىك بىلەن قورقۇتقان.
قەلبىنۇر: «ئۇنىڭ ئېغىزىمىزدىن تۇتۇۋالغىدەك سۆز چىقىپ كېتىشىنى كۈتكەندەك سىناشلىرىغا قارىتا داۋاملىق ھوشيارلىقىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك ئىدى» دەيدۇ. ئۇ يەنە، ئۇنىڭ «بۇ ئۆيدە چوشقا گۆشى يېمەيدىكەنسىلەر. . .» دېگەندەك سوئاللىرىغا كۈلۈمسىرەپ تۇتۇپ: «چوشقا گۆشىنى يېمەسلىككە باشقا سەۋەب يوق، بەك مايلىق بولغاچقا زىيان قىلىدىكەن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن قايىل قىلىشقا تىرىشقان.
قەلبىنۇر ھەر نۆۋەت خىتاي تۇغقىنى كەلگىنىدە ئۆينىڭ ئىچىنى يالغان كۈلگە، يالغان ماختاشلار تولغان سۈنئىي بىر كەيپىيات قاپلايدىغانلىقىنى، ئەمما ئەر ئايال ئىككىسى بۇرۇختۇملۇقتىن بۇغۇلغاندەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەر قېتىم ئۇ خىتاي بىر ھەپتە تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئەر-خوتۇن ئىككىمىزمۇ ھەپتىلەپ گەپ قىلىشمايتتۇق. بىر بىرىمىزدىن ئاغرىنىش، غۇرۇرىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، خورلۇق ۋە بېسىملار ۋە ئامالسىزلىق ئىككىلىمىزنىڭ ئائىلە ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتتى، مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ سوغۇقلىشىشىغا سەۋەب بولدى» دېدى.
«قوشماق تۇغقان دېگىنى ھۆكۈمەت قوللىغان باسقۇنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس»
قەلبىنۇر يەنە: مەنغۇ ئېرى بار بىر ئايال، بۇ ئاتالمىش خىتاي تۇغقانلارنىڭ ئېرى يوق تۇل ئايال ۋە ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن قىزلارنىڭ ئۆيلىرىدە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى قىياس قىلالمايمەن» دەيدۇ.
ئۇ خىتاي كادىر قەلبىنۇرغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەندە «سىلەر مېنى ياخشى كۆرمىدىڭلار، مەن بۇ تۇغقانچىلىقتىن پەقەت ھۇزۇرلىنىپ باقمىدىم، باشقا تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر ئۈلپەتلىرىم، تونۇشلىرىم تۇغقان ئاياللاردىن بەك ھوزۇرلىنىپتۇ. ماڭا تېلېفونلىرىدا ۋىدىيو تارتىپ كۆرسىتىپ قويدى» دەپ، ھۆكۈمەتنىڭ قوشماق تۇغقان سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە، خىتاي كادىرلارنىڭ بولمىغۇر ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارلىغانىكەن.
بۇ سىياسەت ئاشكارىلانغاندىن كېيىن گەرچە مەتبۇئاتلاردا خەۋەرلەر بېرىلىپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كونترول قىلىش ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇلارنى كۆزىتىش، نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت دېگەندەك مۇلاھىزىلەر مەيدانغا كەلگەن. ھالبۇكى بۇ خىل سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قەلبىنۇر سىدىق ئىچ-ئىچىدىن چىققان بىر خىل ئازابلىق پىغان بىلەن «بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قوللىغان باسقۇنچىلىق سىياسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ باھالايدۇ.
ناھايىتى ئاز ساندىكى گۇۋاھچى ۋە شاھىتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىشتا ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق رول ئوينىماقتا. قەلبىنۇر سىدىق ۋە باشقا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ رادىيومىز ۋە باشقا ئاخباراتلارغا تەمىن ئەتكەن دەلىل-ئىسپات ۋە گۇۋاھلىقلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقىنىنى جەزىملەشۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
0:00 / 0:00