«13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى ئۆزگىرىشى، چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا رىقابەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى ئورنىمۇ يۈكسىلىپ بارماقتا. مۇشۇنداق بىر پەيىتتە 13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى 2021-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن 11-ئۆكتەبىرگىچە بوسنىيەنىڭ سارايېۋو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا دۇنيا ۋەزىيىتەگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىش، تۇغۇلىۋاتقان پۇرسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ئالدىمىزدىكى بىر يىلدا ئىلىپ بېرىلىشى زۆرۆر دەپ قارالغان ئىش-ھەرىكەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداش ئۇچرىشىش يىغىنى خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 11-ئۆكتەبىر، سارايېۋو، بوسنىيە.

يىغىندا «بوسنىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا دۆلەت قۇرۇش جەريانىنىڭ سېلىشتۇرۇلمىسى»، «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى-تەرەققىياتلار ۋە كۈنتەرتىپلەر»، «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي سىياسىتى-تەھدىتلەر ۋە پۇرسەتلەر»، «ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي سىياسىتى-تەھدىتلەر ۋە پۇرسەتلەر»، «ئافغانىستان-ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، «خىتاينىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىمالى بولغان سىياسىي سىنارىيەسى»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەشكىلاتچىلىقتىن دۆلەتچىلىككىچە تەرەققىي قىلىشى»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى قەدەملىرى» قاتارلىق تېمىلاردا مۇھىم دوكلاتلار بېرىلدى.

ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئاخىرىدا خولاسە دوكىلاتى ئېلان قىلىندى. خولاسە دوكىلاتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان خۇلاسە دوكلاتىدىكى مۇھىم نوقتىلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئونىۋېرسال قىممەت قاراشلارغا ۋە ئىنسانىيلىققا تامامەن زىت بولغان سىياسىي سىستېمىسى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي كۈلتۈرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ھىيلىگەرلىكىنى ئېچىپ تاشلاش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش؛ غەرب دۆلەتلىرىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئىسلامىي ھەرىكەتلەر ۋە ھەر ساھە شەخسلىرى بىلەن خىتايغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىش؛ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلات سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسپىلىشىشنى تىزلىتىش ۋە كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر قوشونىنى كۈچەيتىش؛ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىسلام دۇنياسىنى خىتاي تەھدىدىن ئاگاھلاندۇرۇش؛ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنڭ ئانا پىرىنسىپلىرىنى قوغداش ئاساسىدا ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ھەرخىل كۈچلەرنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش؛ ئوخشىمىغان پىكىرلەر ۋە تۈرلۈك تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئورتاق خىزمەتلەرنى كۆپەيتىش؛ تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىققا توسالغۇ بولىدىغان بارلىق ئامىللارغا قاراپ چىقىپ، ئۆز-ئارا ئىشىنىش، چۈشىنىش، قوللاش ۋە قوغداش روھىنى ئورنىتىش؛ ئىسلام ئەللىرى-ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بالقان دۆلەتلىرىدە خەلق دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، دەۋايىمىزنىڭ خەلقئارالىشىشىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەر خىل تىللاردا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش؛ ياشلارنىڭ تەربىيە قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، دەۋانىڭ كەلگۈسىدە لاياقەتلىك ياشلارنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىش؛ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ ۋاز كېچىلمەس پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت تەكىتلەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان تۇپراق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىش.»

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان خۇلاسە سۆزىدە يەنە «خىتاينى قوللاۋاتقان دۆلەت ۋە ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىدىن پايدىللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىرىش؛ خىتاي بىلەن چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش؛ تارىخىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا چوڭ رول ئوينىغان ئۆلىمالىرىمىز، سىياسىيونلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن تەجرىبە ساۋاق ئېلىش؛ ئاياللارنىڭ دەۋادىكى رولىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش؛ خىتايغا رەقىپ كۈچلەرگە نىسپەتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىراتىگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش؛ ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا يېڭى پىلان ۋە قەدەملەرنى تۈزۈپ چىقىش؛ خىتاي-ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم كېلىشىمنامىلەرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش؛ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئىلمىي ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ۋە خەلق دىپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىش؛ بالقان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا بۇ رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىدا كىتاپ-ژورنال نەشىر قىلىش ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تونۇشتۇرۇش؛ تەشكىلاتلارنىڭ ئاجىزلىق ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ياخشى ئانالىز قىلىش ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ئۆزىگە تولۇقلىما دەپ كۆرۈش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزبېكچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە روسچە تەشۋىقاتلارنى كۆپەيتىش» قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى.