«11-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مۇھىم پىكىر-تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىندى

0:00 / 0:00

«11-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە «2-نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى» يىغىنى 13-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى. 4 كۈن داۋام قىلىدىغان خەلقئارالىق بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇ يىغىنغا تۈركىيەدىن ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى 18 دۆلەتتىن تەشكىلات ۋەكىللىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە دىنى ئالىملاردىن مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا خەلق ئاممىسىدىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىننىڭ كېيىنكى 3 كۈنلۈك پروگراممىسى ئىستانبۇلدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ قۇرۇلتاي زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى شۇنداقلا ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى.

يىغىندا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى خەلقىمىز ئارىسىدا بىرلىكىمىزنى، قېرىنداشلىقىمىزنى كۈچلەندۈرۈش ھەم خەلقىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ماسلىشىشچانلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، بىرلىك-باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەمدە ھازىرقى قىيىنچىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەشكىلاتلار ۋە مۇھىم شەخسلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ مەسلىھەت ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق چىقىش يولى ئىزدەشتىن ئىبارەت».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە چوڭقۇر قىيىنچىلىقلار چىرمىۋالغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ۋە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە بۇ قېتىمقى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىغا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» نامىدا بىر تارماق تېمىنى قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەلق ۋەكىللىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ئايرىم-ئايرىم سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمى جەريانىدا يىغىن زالى ئالدىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئاشتى. كىتاب-ژۇرنال تارقاتتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

يىغىننىڭ 2-كۈنى، يەنى 14-15-كۈنىدىكى يىغىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەربابلار ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھەر خىل تېمىلار بويىچە سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە قازاقىستاندىن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى «يېڭى دۇنيا ۋەزىيىتىدە خىتاينىڭ تەسىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، ئامېرىكىدىن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات «ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي توقۇنۇشلار ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى. ئۆمەر قانات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكىدا ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىدا ئالاھىدە مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ ئۆزلىرى تارقىتىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزلىرى قوللاپلا قالماستىن بەلكى ياۋروپا ئەللىرىنىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ھازىر ھەر ھەپتىدە ئەڭ ئاز ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھازىر كۆپ ساھە كىشىلىرى بولۇپمۇ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم كىشىلەرنىڭ تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى «خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى»، يازغۇچى ئابدۇراخمان جامال قەشقەرلى ۋە دوكتور ئالىمجان بۇغدا «شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرى ۋە تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى»، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى، «خەلقئارا قانۇن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەن تېمىلاردا سۆزلىدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، ئاۋسترالىيەدىن يىغىنغا كەلگەن دىنى ئالىم ئابدۇسالام ئالىم شۇنىڭدەك سىراجىدىن ئەزىزى، ھەبىبۇللا كۈسەنى ۋە باشقا تەتقىقاتچى ھەم دىنىي ئالىملار «ئۆزگىرىۋاتقان خىتاي-ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەزا 22 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئىمزالىق خەت يازغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قارشى 37 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە جازا لاگېرلىرىنى قوللاپ خەت ئېلان قىلغانلىقى، بۇنىڭغا سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىمزا قويغانلىقى تەنقىد قىلىندى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى.

ئابدۇسالام ئالىم سۆزىدە، خىتاي-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرى، مەجبۇرىيەتلىرى ۋە تەلەپلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىشلار قولىدىن كېلىدىغانلىقى ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىگە نارازى بولۇشنىڭ قانداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى ھەم نېمىلەرنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاللانىڭ بىزگە نۇسرەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش. ئۆزىمىزگە تايىنىش ۋە توغرا ھەرىكەت قىلىش. مۇسۇلمان نامى بىلەن تونۇلغان ھاكىمىيەت بىلەن مۇسۇلمان خەلقنى پەرقلەندۈرۈش. ئىسلام دۇنياسىغا ئەھۋالىمىزنى زېرىكمەستىن ئاڭلىتىش. ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇش. بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي ياردەملىرىنى ئىنكار قىلماسلىق. مۇسۇلمان ئەللىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قوللاشلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش».

ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۆزلىرىنىڭ مالايشىيادىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە قىزىقىۋاتقان ۋە ھەرىكەتتە بولۇۋاتقان مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتىكى بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «57 مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئەھۋالنى ئاڭلىتىشنى كۈچەيتىش ۋە توختاتماسلىق. خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىرلىك سېپى قۇرۇپ چىقىش ۋە 1000 تەشكىلاتنى نىشانلاپ بۇ بىرلىككە ئەزا قىلىش. دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شىكايەتنامە تاپشۇرۇش. مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھاتىرغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش تەكلىپىنى بېرىش. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىش».

يىغىندا سۆز قىلغان ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى، نۆۋەتتىكى خىتاي-ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېچىنارلىق ۋەزىيىتى شۇكى، خىتاي بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، مۇسۇلمانلاردىكى دىنى قېرىنداشلىق، ئىنسانلىق دېگەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەنلىكى ئېنىق. ئىسلام دۇنياسى ئۇزۇن يىللىق مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەتلەردەك كۆرۈنسىمۇ روھى جەھەتتە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلغىنى يوق. ھېچ قانداق بىر ئىسلام دۆلىتى بېقىندىچىلىقتىن خالى ئەمەس، بۇ ئەھۋاللار كۈندىن-كۈنگە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كوممۇنىستىك تۈزۈمدە دۇنياغا ئېچىلماي يېپىق ھالەتتە كەلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى پۇقرالىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىتلىكى، بېكىنمە ھالىتى ۋە ئاجىزلىقى سەۋەبلىك دۇنيادا ھېچ قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان قىياپەتكە ئۆتكەن. خىتاي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇمشاق كۈچ سۈپىتىدە ئافرىقا، ئاسىيا ھەتتا ياۋروپالاردا تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئاساسەن قەرزگە بوغۇش ئارقىلىق كونتروللۇقىغا ئالماقتا».

سىراجىدىن ئەزىز ئەپەندى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى قوللىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرىنى تارىختىن بېرى پەلەستىن داۋاسىنى قوللىغان ئەرەبلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرغان قىياپەتكە كىرىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ كەلدى. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، خىتاي ھەر قانداق ئىسلام دۆلىتى بىلەن بولغان دىپلوماتىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكى ۋە ھېچ قانداق دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىنى يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن كۆرۈۋاتىمىز».

سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئىسلام دۇنياسىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بىلەن پۇقرالارنى ئايرىپ قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىسلام دۇنياسى دېگىنىمىزدە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بىلەن پۇقرالارنى ئايرىشىمىز كېرەك. كۆپىنچە ھاكىمىيەتلەر خىتاي تەرەپتە تۇرغان بولسىمۇ پۇقرالارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ مىساللىرى كۆپ، بېنگال، ھىندىستان، مالايسىيا، ھىندونېزىيەلەردە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى. ئەرەب دۆلەتلىرىدە نامايىش قىلىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، ماقالىلەر يېزىش، ماددىي جەھەتتە ياردەم قىلىشتەك قوللاشلار بولماقتا. شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھېسداشلىقى، قوللاشلىرى يېتەرلىك ئەمەس. ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پاسسىپ تۇرۇشى، خەلقلىرىنىڭمۇ سۈكۈت قىلىشى ھاكىمىيەتلىرىنىڭ مۇستەبىتلىكىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىي زۇلۇملاردىن تولۇق خەۋەردار بولالمىغانلىقى، ئۇلارغا كېلىۋاتقان مەلۇماتلارنىڭ بىز تەرەپتىن ئەمەس بەلكى خىتاي تەرەپتىن كۆپلەپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىندۇر. بۈگۈنكى ئەھۋالدا خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئىسلام دۇنياسىدا بەلكى پۈتۈن دۇنيادا رادىكال، تېررورچى قالپىقىنى كىيىپ قالغان بولۇپ، ئۆزىمىزنى مۇداپىئە قىلمىساق قەتئىي بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق. بۇ ئىشتا تەنتەكلىك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە نىسبەتەن قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار بۇلاردىن بىر قىسمى بولسا، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، زىيارەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىش، مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش، شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئائىت ئىلمىي تەتقىقات ۋە كىتابلارنى نەشر قىلىش. دۆلەتلەرنىڭ ھەر ساھە ئورگانلىرىغا دىپلوماتىك سەزگۈرلۈك بىلەن مەكتۇپلار ۋە دوكلاتلارنى يوللاش. ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىمدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىش، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ھەرىكەت قىلىش، سەۋەب ئىزدەشنى توختاتماسلىق كېرەك».