«11-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى ئاخىرىدا خۇلاسە دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «11-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» 17-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى ۋە يىغىن ئاخىرىدا خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى. يىغىندا ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا خىتاينىڭ جازا لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئىمزالىق خەت يازغان 22 دۆلەتكە ئۇيغۇرلار نامىدا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاينى قوللىغان 37 دۆلەتكە نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا 18 دۆلەتتىن تەشكىلات ۋەكىللىرى، دىنىي ئالىملار، زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، 4 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا «خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي توقۇنۇشلار ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى»، «خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل-چارىلىرى»، «ئۆزگىرىۋاتقان خىتاي-ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، دېگەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاقىدار مۇھىم تېمىلاردا سۆز قىلىندى ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا، نۆۋەتتە خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىندى شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مايىل قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

4 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن سەھنىگە چىقىپ ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش، پىكىر-قاراشلىرى پەرقلىق بولسىمۇ، نىشان ۋە غايىگە يېتىش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ھەقتە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان. شەرقىي تۈركىستان تارىختىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زېمىنىدۇر. شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىندۇر. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق سىمۋولىدۇر. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۇيغۇرلۇق، تۈركلىك ۋە مۇسۇلمانلىقتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قارىماسلىق كېرەك. شەرقىي تۈركىستان ئازادلىققا ئېرىشكەنگە قەدەر كۈرەشنى توختاپ قالماي داۋام قىلدۇرۇش كېرەك».

يىغىندا يەنە، ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسى بىلەن ھەر ساھە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆپلەپ ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. بۇ ھەقتە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان دىنىي ۋە مىللىي ئالاقىنى كۈچەيتىشكە، ياردەم قىلمىدى دەپ، يامان كۆرمەستىن بەلكى ئۇلار بىلەن يېقىنلىشىپ ئەھۋالىمىزنى چۈشەندۈرۈشكە ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن خەلقنى پەرقلەندۈرۈپ قاراشقا چاقىرىلدى. ئىسلام دۇنياسى بىلەن ھەر ساھە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ دوستلۇق مۇناسىۋەت قۇرۇش ۋە ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆپلەپ ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى".

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم پىكىر-تەكلىپلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «1-. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى باشقىلار سىزىپ بەرگەن يولدا ماڭماستىن، مىللىي ئاڭ، مىللىي چۈشەنچە ئاساسىدا مىللىي مەنپەئەتنى نىشان قىلىپ، ئورتاق يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىش. 2-. تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇرا يىغىنىنى بۇندىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 3-. دەۋادا سەمىمىي بولۇش، ئاكتىپچانلىق روھىنى ئۆستۈرۈش. 4-ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش ۋە بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىش.

يىغىندا ئېلىنغان قارارلار ئىچىدە يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا: «ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا تەشۋىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، زىيارەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» دەپ كۆرسىتىلگەن.

خۇلاسە دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا خىتاينىڭ جازا لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئىمزالىق خەت يازغان 22 دۆلەتكە ئۇيغۇرلار نامىدا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاينى قوللىغان 37 دۆلەتكە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەزا 22 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئىمزالىق خەت يازغانلىقى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ 37 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن دۇنيا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈندى. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنى قوللىغان دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا تەشەككۈر ئېيتىمىز ھەمدە بىزنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزگە قارشى خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەرگە نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە خىتاينىڭ يالغان-ياۋىداق، ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ئالدانماسلىققا، خىتاينىڭ زالىم ھاكىمىيەت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مەزلۇم مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكىنىڭ بىر ھەقىقەتلىكىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئىسلام دۇنياسىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان ئىسلامىي ۋە ئىمانى قېرىنداشلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز» ›

يىغىن جەريانىدا يەنە تەشكىلات رەھبەرلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يېپىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ يېپىق يىغىندا، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» ئاساسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە جىددىي مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان، بىراق يىغىننىڭ تەپسىلاتى يېپىق قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ۋە قازاقىستاندىن كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غۇجامبەردى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

قەھرىمان غوجامبەردى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھازىرغىچە پەننى جەھەتتىن قاراپ كەلگەنلىكىنى، بۇ يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىنى جەھەتتىن قاراشنىڭمۇ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.