قەرز سىرتمىقى ئافرىقالىقلارنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمۇشقا مەجبۇرلاۋاتامدۇ؟

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.09.05
Afriqa-xi-jinping-hemkarliq-AFP «خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنى خاتىرە سۈرىتى. 2024-يىلى 4-سېنتەبىر، بېيجىڭ
AFP

«خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنى 4-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا 50 دىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىدىكەن ۋە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ 5-سېنتەبىر كۈنى ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەيدىكەن.

BBC نىڭ 4-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى: خىتاينىڭ ئافرىقادىكى مەۋجۇتلۇقى-تۆمۈر يول، قەرز ۋە قورال سودىسى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، «خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى» 2000-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئافرىقادىكى 54 دۆلەت ئىچىدە 53 دۆلەت بۇ مۇنبەرگە ئەزا ئىكەن. پەقەتلا تەيۋەن بىلەن ھازىرغا قەدەر دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئېسۋاتىنى پادىشاھلىقى بۇ مۇنبەرگە قوشۇلمىغان ئىكەن.

خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، «خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، خىتاي تەرەپ «خىتاي-ئافرىقا دۆلەتلىرى ئورتاق قۇرغان ‹بىر بەلباغ، بىر يول› نىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە دوكلات» ناملىق كۆك تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئافرىقادىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلگەن: «نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئافرىقادا قۇرغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغان تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مىڭ كىلومېتىردىن، تاش يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 مىڭ كىلومېتىردىن، كۆۋرۈك 1000 دىن، دېڭىز پورتى 100 دىن، توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى 66 مىڭ كىلومېتىردىن، ئالاقە تورى لىنىيەسى 150 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى».

ئافرىقا ئەللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردۇر. تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن ھازىرقى شى جىنپىڭ دەۋرىگىچە بولغان ئۇزۇن زاماندىن بىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئەتراپىغا يىغىۋېلىپ، ئۇلاردىن غەربكە قارشى بىر كۈچ سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىم بېيجىڭدا چاقىرىلغان «خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ مەقسىتىمۇ ئافرىقا ئەللىرىنى ئۆزلىرىگە تېخىمۇ مەھكەم باغلاشنى نىشان قىلىدىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، يەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە ھېچقانداق دوستى بولمىغان تەنھا بىر يېپىق دۆلەت ئىكەن. 1960-يىللاردىن باشلاپ، خىتاي دىپلوماتلىرى ئۆز دۆلىتىنى دىپلوماتىيەلىك يېتىملىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقادىكى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئاجىز دۆلەتلەرگە قاتراپ يۈرۈپ، بىر قىسىم ئافرىقا ئەللىرىنىڭ «كۆڭلىنى ئۇتۇش» قا مۇۋەپپەق بولغان. 1971-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەيۋەننىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ب د ت غا ئەزا بولغان ۋە كېيىنچە ب د ت دىكى 5 چوڭ دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغان چاغدا 22 ئافرىقا دۆلىتى خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ئىكەن. تاكى بۈگۈنگە قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ خەلقى نامرات، ئاچ قالغان تەقدىردىمۇ، خىتايدا زور ئاچارچىلىق بولغان، شۇنداقلا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» داۋاملاشقان، ئىچكى ئاپەتلەر ھېچ ئۈزۈلمىگەن زامانلاردىمۇ ئافرىقا ئەللىرىگە ياردەم قىلىشنى ئۈزۈپ قويمىغان بولۇپ، 2023-يىلىغا كەلگەندە خىتاي بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى 282 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئافرىقا ئەللىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆز خەلقىنى خىتايغا ئوخشاش ئىدارە قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن بىرگە، سىفىرلاشقان دىكتاتورلۇق سىستېمىسىغا موھتاج بولماقتا ئىكەن. ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمىدىكەن. ئەمما ئۇلار كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتايدىن تەدرىجىي يىراقلىشىش يولىنى تاللايدىكەن.

خىتاينىڭ مەبلەغلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يول، پورت، سۇ ئامبىرى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئايروپىلان ئىستانسىسى قاتارلىق ئاساسلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا سېلىنغان. ئەمما بۇ ياردەملەر ئافرىقا دۆلەتلىرىنى تاكى بۈگۈنگىچە نامراتلىقتىن، ئاچلىقتىن، ئىچكى توقۇنۇشلاردىن، كېسەللىكلەردىن قۇتۇلدۇرالمىغان. ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى ئۆسۈمى يۇقىرى بولغان ئېغىر قەرزلەرگە بوغۇپ قويغان. لوندون ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2000-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تاشقى قەرزى 5 ھەسسە كۆپىيىپ، 696 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇنىڭ 83 مىليارد 520 مىليونى خىتايغا تۆلەيدىغان قەرز ئىكەن.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ قارىشىچىمۇ، خىتاينىڭ ئافرىقا ئەللىرىگە قىلغان ياردەملىرىدىن يەرلىك ئاھالە تۈزۈك بىر مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئافرىقا ئەللىرى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن بارغانسېرى نارازى بولۇشقا باشلىغان.

خىتاينىڭ ئافرىقا ئەللىرىگە مەبلەغ سېلىپ ئېرىشىۋاتقان ئەڭ چوڭ پايدىسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن 3 تۈرلۈك مەنپەئەتكە ئېرىشمەكتە ئىكەن. بۇنىڭ بىرى، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى پايدا. ئىككىنچىسى، خام ئەشيا. ئۈچىنچىسى، قورال-ياراغ سودىسى.

 «دىپلوماتىيە جەھەتتىكى پايدا» دېگەندە، خىتاينىڭ ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ سورۇنلاردا ئېرىشىۋاتقان دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتىدىكەن. مەسىلەن، 2020-يىلىدىن بۇيان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا تالاش-تارتىش قوزغاپ كەلگەن خوڭكوڭ، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئەيىبلىگەندە، ھېچبىر ئافرىقا دۆلىتى ئۇلارنى قوللىمىغان.

 «خىتاي-ئافرىقا پىروگراممىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئېرىك ئولاندېر بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئافرىقا رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بېيجىڭ بىلەن دۈشمەنلەشمەسلىك بولسا، نۇرغۇنلىغان مۇھىم تاشقى سىياسەتلەر ئىچىدىكى ھەممىدىنمۇ مۇھىمى ھېسابلىنىدۇ. تەنقىدچىلەر ھېچ چۈشەنمەيدىغان مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، تەرەققىي قىلىۋاتقان نامرات دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بېيجىڭغا تۆلەيدىغان ئېغىر قەرزنىڭ بېسىمى ئاستىدا تۇرماقتا، شۇنداقلا ئۇلار مۇتلەق كۆپ قىسىم سودىدا خىتايغا تايانماقتا، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغا قويۇپ، كېلىش ئېھتىمالى بولغان قايتۇرما ھۇجۇمنى كۆتۈرەلىگۈدەك ھالى يوق».

خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئېرىشىۋاتقان ئىككىنچى چوڭ مەنپەئەتى خام ئەشيادىن ئىبارەت ئىكەن. خىتاي ئافرىقادىن ھەر تۈرلۈك خام ئەشيالارنى يىغىۋېلىپ، ئافرىقانى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان ئەرزان مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن. خىتاي دۇنيا بازىرىنىڭ 60-70 پىرسەنتىنى تەمىنلەۋاتقان لىتىي ۋە كوبالت قاتارلىق ئاپتوموبىل سانائىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خام ئەشيالار ئافرىقا ئەللىرىدىن چىقىدىكەن. خىتاي 2023-يىلىغا قەدەر يىغىۋالغان لىتىي ۋە كوبالتنىڭ مىقدارى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

خىتاي ئافرىقادىن ئېرىشىۋاتقان يەنە بىر زور پايدا، قورال-ياراغ سودىسىدىن ئىبارەت ئىكەن. 2022-يىلى 24-فېۋرال رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئافرىقا ئەللىرىنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى 44 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەن. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ بازارنى دەرھال ئىگىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئەرزان بولغان قورال-ياراغلىرىنى ئافرىقا ئەللىرىگە سېتىشقا باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.