قەشقەردە قۇرۇلغان «چاغان كېچىلىكى سەھنىسى» دە خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ چاغان بايرىمى بۇ يىل، 10-فېۋرالغا توغرا كەلدى. چاغاننىڭ ھارپا ئاخشىمى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-قانىلى بۇ نۆۋەتلىك چاغان كېچىلىكى پىروگراممىسىنى بېيجىڭدىكى ئاساسلىق سورۇندىن باشقا، قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 تارماق مەيداندىنمۇ بىۋاسىتە تارقاتتى.

قەشقەردىكى چاغان سەھنىسى قەدىمكى قەشقەر كوچىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ لايىھەلەنگەن بولسىمۇ، قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ئىكەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنمىگەن. كېچىلىكتە خىتايچە ئورۇنلانغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ناخشا ۋە داڭلىق كىنو ئارتىسى دىلرەبا دىلمۇرات باش بولۇپ ئوينىغان «گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق سەككىز مىنۇتلۇق ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرى دەبدەبىلىك قىلىپ كۆرسىتىلگەن؛ دىلرەبانىڭ كىيىۋالغان سەھنە كىيىمىدە ئۇيغۇر مىللىي خاسلىقى گەۋدىلەنمىگەن.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتلىرىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ كېلىۋاتقان دىلرەبا دىلمۇراتنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «خىتايلاشتۇرۇلغان ئەبجەش نومۇر» دېيىلىۋاتقان نومۇرى خىتاي تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

جۈمە كۈنى قەشقەردىكى چاغانلىق نەق مەيدان پىروگراممىلىرىدىن كېيىن، دىلرابا ئۆز بىلوگىدا «‹شىنجاڭنىڭ ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىسى› ناملىق نومۇردىن شىنجاڭنىڭ مىللىي ناخشا-ئۇسسۇلىدىن زوقلىنىدىغان تاماشىبىنلارغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! باشقىچە بىر يىلدىن ھۇزۇرلىنىڭ. شىنجاڭ ناھايىتى گۈزەل جاي، كۆپچىلىكنى قارشى ئالىمىز!» دەپ يازغان.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان 2024-يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-فېۋرال، قەشقەر

خىتاي تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە بولسا، قەشقەر تارماق مەيدانىدا ئورۇنلانغان «گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇلنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى» نى نامايان قىلغانلىقى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەرنى مەركەز قىلىپ، تۈرلۈك ئىقتىساد، سودا ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي كارخانىلىرىنى، شۇنداقلا خىتاي نوپۇسىنى بۇ ۋىلايەتكە جەلپ قىلىشنى تېزلەشتۈرگەنىدى.

«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ۋە مەدەنىيىتى ئېڭىنى كۈچەيتىش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نامايەندىلىرىنى يوق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بايراملىرىنى چەتكە قېقىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياغا ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان، سەنئەت ئارقىلىق بېزەلگەن زور كۆلەملىك تەشۋىقات سەھنىسى ھېسابلىنىدۇ. يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ-10 فېۋرال تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ دىرېكتورى لى مېيلەن يەر شارى ۋاقتى گېزىتىگە: «قەشقەردە تارماق مەيدان قۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ۋە ئۇنىڭ مول مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى نامايان قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش» دېگەن. خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى لى ۋېي: «شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا تارماق سورۇن قۇرۇش جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە شىنجاڭ رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلدى» دېگەن.

خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى رەسمىي مەتبۇئاتلار بىلەنلا چەكلەنمىگەن. خىتاينىڭ ئەلچىخانىلىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ چاغان كېچىلىكىنىڭ قەشقەردىكى قىسمىدىن ئارىيەلەرنى تارقىتىپ ئىنكاسلارنى يازغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 11-فېۋرال X تە، قەشقەردىكى چاغان سەھنىسىنى ھەمبەھىرلەپ: «بۇ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەردە چاغان كېچىلىكىگە ساھىبخان بولۇشى ۋە خەلق ناخشا ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە گۈزەللىكىنى بايقايمىز» دەپ تەشۋىق قىلغان.

دېمەك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم قەشقەرنى تاللىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ خەلقئاراغا ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەكلىك رولىدىن باشقا يەنە، ساياھەتچىلىك تۈگۈنى ۋە ئەركىن سودا رايونى بولغانلىقى دېيىلسىمۇ، ئەسلى مەقسەتنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىۋاتقان غەرب تاراتقۇلىرىنى يالغانغا چىقىرىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

X تە خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىغا قارشى ئىنكاس قايتۇرغان ئانالىزچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، قەشقەردىن تارقىتىلغان چاغانلىق پىروگراممىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردىن ئىبارەت قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ۋە بۇ جايدىكى ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن. ئۇيغۇرشۇناس كۆزەتكۈچىلەردىن، مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دەيۋىد توبىن (David Tobin) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى چاغاننى تەبرىكلەش مەيدانى قىلىپ تاللاپ، ئۆزىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلىدى؛ بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى يوقىتىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزسە، بىر ياقتىن بۇ سەھنىدە خىتايچىلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار خۇددى ئەزەلدىن خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بىر پارچىسىدەك، چاغان كېچىلىكىگە قاتنىشىشنى ئارزۇلاپ كەلگەندەك قىياپەتتە تەشۋىقات قىلدى. بېيجىڭغا قارىغاندا باغداتقا يېقىن بولغان قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاساس قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە ئىسلام ئېتىقادى مىراسلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان جاي ئىكەنلىكىدەك پاكىتلارنى قايرىپ قويۇپ، دۇنياغا قەشقەر ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر پارچىسى دېگەننى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇندى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان داۋام قىلغان دۆلەت زوراۋانلىقىنى، لاگېرلارنى، ئۇيغۇرلارنى تىل دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت جەھەتتىن يوقىتىش سىياسەتلىرىنى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنغان جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا، يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا» .

دەيۋىد ئەپەندى يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى:

"بۇ يېڭىلىق ئەمەس، خىتاي-1949يىلىدىن بۇيان بېسىۋېلىنغان مىللەتلەرگە قاراتقان زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى «تەرەققىي قىلدۇرۇش» دەپ ئاتىۋالغان ھەمدە بۇ مىللەتلەرنىڭ خۇشال ناخشا ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىپ كەلگەن. بۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئوينالغان ئۇسۇللاردىن بىز، باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىش ۋە جىسمانىي خورلۇققا ئۇچراش تەھدىتى ئاستىدا، كىملىكىدىن ۋاز كېچىپ، بۇ نومۇرلارنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تەبرىكلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدىكى خەلقنىڭ كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاش، ئۇلارنىڭ نالە-پەرياد، ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشتەك ئاخىرقى مەقسەتلىرىگە يېتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز» .

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى گەۋدىلەنگەن قىسقا ۋىدىيولار تارقالدى. قەشقەردىكى چاغان كېچىلىكى سەھنىسىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاغانلىق تەشۋىقاتنى يەنە بىر بالداققا كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلغۇچىلاردىن ئەنگلىيەدىكى دوكتور راچېل خارىس (Rachel Harris) خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى "بۇ چاغان سەھنىسىدە، مىللەتلەرنىڭ خۇشال ئۇسۇل ئوينىغانلىقلىرىنى كۆرسىتىش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مىللەتلەرنى خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ ياشاشقا رازى قىلىپ كۆرسىتىش ئەنئەنىسىدۇر. مەن بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارغا بېسىمنىڭ تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چاغىنىدا كۆرسەتكەن، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئوينىغان ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەككە ئوخشاش زورلاپ سەھنىگە چىقىرىلغان كۆز بويامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» .

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن X تە قەشقەردىكى چاغانلىق كېچىلىكنى ھەمبەھىرلەپ، «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەۋاتقانلار بۇنى كۆرسۇن، جۇڭگونىڭ-2024 يىللىق باھار بايرىمىلىق ئەڭ بۈيۈك سەھنىسىدە شىنجاڭلىق گۈزەل قىزلار، ئەنئەنىۋى تىبەت مەدەنىيىتى تولۇق نامايەندە قىلىندى» دەپ يازغان.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان 2024-يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-فېۋرال، قەشقەر
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان 2024-يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-فېۋرال، قەشقەر (CCTV)

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلاردىن دوكتور ھېنرىك شاجېسكى (Henryk Szadziewski) خۇ شىجىننىڭ ئىنكاسىدىن خىتاينىڭ ئەسلى قارا نىيىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي تەشۋىقاتچىسى خۇ فامىلىلىكنىڭ ئىنكاسلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا ‹ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان سىياسىتىمىز ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئۇيغۇرلار رادىكاللىقتىن تازىلاندى› دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئادەتتە، باشقا دۆلەتلەردە مەسئۇلىيەتچان بىر ھۆكۈمەتنىڭ نەتىجىلىرىگە باھا بېرىدىغان مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر، تەشكىلاتلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە باشقا مۇستەقىل گۇرۇپپىلاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش مېخانىزمى بولىدۇ. لېكىن خىتاي بىزگە باشقا پۇرسەت بەرمەي، پەقەت ئۆزلىرى توقۇغان تەشۋىقاتلىرىغا ئاساسەنلا ئۇنىڭ سىياسىتىگە باھا بېرىشىمىزنى كۈتىدۇ؛ بۇ ناھايىتى بىمەنىلىك.»

ھېنرىك ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن ب د ت تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە باشقا زىيارەتچىلەرنىڭ دوكلاتلىرى، ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى مۇشۇنداق ئەندىشىلىك بىر ئەھۋال ئاستىدا تۇرغىنىدا، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتىنى قوبۇل قىلىشىمىز قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن».

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، قەشقەردىكى «چاغان كېچىلىكى» ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان مۇنازىرىلەردە بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇپ ئۈچۈن لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ناخشا-ئۇسسۇل ئويناتقۇزغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى BBC، CNN قاتارلىق دۇنياۋى تاراتقۇلاردا پاش بولۇپ كەتكەن كونا ئويۇنىنى تەكرارلاشنىڭ بىمەنە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.

يەنە نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى ۋە خەۋەرلەرنى قايتىدىن ھەمبەھىرلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بۇ قېتىم دۆلەت تاراتقۇسىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كۆز-قارىشىنى كونترول قىلىشنى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن خەلقئارا جامائەتنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەن ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەمدە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.