قەشقەر خام بازىرى چېقىلىش داۋامىدا بىر قىسىم دۇكاندارلار تەھدىت ۋە ئاۋارىچلىققا ئۇچرىغان
2023.03.22
قەشقەر خام بازىرىنى «ئەلالاشتۇرۇش» ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چېقىش ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، بۇ چېقىشنى ئېلىپ بارغان قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن قوغدالغانلىقى، بازاردىكى دۇكاندار ۋە ئاھالىلەرنىڭ سىياسىي-قانۇن كادىرلىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئەلالاشتۇرۇش» تىن كېيىن دۇكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندشىە قىلغان بازاردىكى بىر قىسىم دۇكاندارلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق چېقىشقا قارىتا نارازىلىقىنى يوشۇرالمىغان. نەتىجىدە بىرقانچە دۇكاندار قاتارىدا 16 ياشلىق بەختىيار ئىسىملىك بىر بالىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇلۇش ۋە چېقىش ھەركەتلىرى، ھازىرغا قەدەر بەزى ئاھالىلەرنى ئولتۇراق ئۆيىدىن؛ بەزىلىرىنى دۇكان ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن؛ يەنە بەزى جامائەتلەرنى بولسا مەسچىت ياكى قەدىمىي بازارلاردىن ئايرىپ تاشلىغان. بۇ نۆۋەت قەشقەر خام بازىرىنىڭ چېقىلىشى، گەرچە «ئەلالاشتۇرۇش» نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەرگە يەنىلا ئەندشە ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خام بازىرىدىكى بەزى ئاھالىلەر بازارنىڭ مىللىي قىياپىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلسا، يەنە بەزىلىرى رېمونت ھەققىنى تۆلىيەلمەي دۇكاننى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئالاقىدار خادىم، بازار قۇرۇلۇشى رېمونت قىلىنىش داۋامىدا مىللىي پوسۇنىنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغان ياكى قالمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بازارنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ مىللىي پوسۇنىغا ھېچقاچان دەخلى قىلىنمىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ خادىم ئالدىنقى كۈنىكى زىيارىتىمىز داۋامىدا، بازار قۇرۇلۇشى كونىراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، رېمونت قىلىنىۋاتقانلىقى، يەنى «ئەلالاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر بازار بىرقانچە يىل بۇرۇن بىر قېتىم رېمونت قىلىنغان بولۇپ، بازاردىكى قۇرۇلۇشلار سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئەندىشىلىنەرلىك ۋەزىيەتتە ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، بۇ بازار، 1980-يىللاردىن كېيىن بىر قانچە قېتىم رېمونت قىلىنغان ۋە ھەر قېتىملىق رېمونتتىن كېيىن، بىر تۈركۈم ئاھالىلەر چىقىمىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆي ۋە دۇكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىكەن.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خۇددى قاسىمجان ئابدۇرېھىم دېگەندەك، ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىز، بولۇپمۇ ئائىلە ئەزالىرى تۈرمە-لاگېرلارغا سولانغان بىر قىسىم ئائىلىلەر، مەزكۇر بازار «ئەلاللاشتۇرۇلغان» دىن كېيىن ئۆي ۋە دۇكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان. ئۇلار بۇ ئەندىشىسىنى چېقىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان ۋە ئىدىيەۋىي خىزمەت ئىشلىگەن كادىرلارغا ئوخشىمىغان شەكىلدە بايان قىلغان. ئۇلار، نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەت سەۋەبلىك ئەندىشىلىرىنى ئالاھىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىنكاسلار سىياسىي-قانۇن تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. نەتىجىدە ئالدىنقى ھەپتە چېقىش باشلانغان كۈنى، تەۋەلىكتىكى ساقچى خادىملىرى نەق مەيداندا پەيدا بولغان قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى قوغدىغان بولسا، سىياسىي-قانۇن ۋە ئاھالىلەر كومېتىتى خادىملىرى نەق مەيداندا دۇكاندار ۋە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سۆز ھەركەتلىرىنى نازارەت قىلغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئاھالىلەرنى ئەندىشىگە سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىغا بارمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما يەنە بىر ساقچى خادىمى، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي-قانۇن كومېتىتى، بازار باشقۇرۇش ۋە ئاھالىلەر كومېتىتى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە، چېقىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەيداندا ئاھالە ۋە دۇكاندارلارغا «جەمئىيەت ئامانلىقى» غا دىققەت قىلىش ھەققىدە ئىدىيەۋىي خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى يوشۇرمىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە ئىنكاس قىلىشىچە، دۇكانلىرى چېقىلىۋاتقان مەزگىلىدە نارازىلىقىنى يوشۇرالمىغان ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن تاكاللىشىپ قالغان بىرقانچە كىشى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن؛ بۇلاردىن بىرى دادىسى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان، ئۆزى ھەپتە ئاخىرلىرى ئانىسىغا ھەمكارلىشىپ دۇكاننى ئېچىۋاتقان 16 ياشلىق بىر بالا ئىكەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بىر خادىمى، ئۆز تەۋەلىكىدىن 30 نەچچە كىشىنىڭ بۇ بازاردا دۇكىنى بارلىقىنى بايان قىلسا، بۇ كومىتېتتىكى يەنە بىر خادىم، بۇ 30 نەچچە كىشى ئىچىدىن بەختىيار ئىسىملىك 16 ياشلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندى، كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئىلگىرىكى كۆپ قېتىملىق چېقىلىشلاردىن قەشقەر خەلقىنىڭ كۆپلىگەن پاراكەندىچىلىكلەرنى چەككەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى چېقىشنىڭ مەقسىتىمۇ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر بازاردىن، يەنى شەھەر مەركىزىدىن سىقىپ چىقىرىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.