ئۈرۈمچى ساياھەت ئىدارىسى: «قەشقەر چوڭبازارنى چەت ئەللىكلەر ھازىرچە زىيارەت قىلىشقا بولمايدۇ»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.04.13
«بەختلىك ئۇيغۇرلار» نىڭ بەختسىزلىكىگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلار قەشقەر كونا شەھەردىكى خىتاي ساقچىلىرى. 2021-يىلى 3-ماي.
REUTERS

قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيا بازىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر ئىگىلەشلىرىمىز داۋامىدا، نارازىلىق كەيپىياتى بايقالغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ تۇتقۇنلار ھەققىدىكى ئىز قوغلاپ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇلارنىڭ تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى ۋە تۇتقۇنلار ئارىسىدا 18 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچىنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى. ئالاقىدار بىر ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى قەشقەر چوڭبازارنى ھازىرچە چەت ئەللىكلەر زىيارەت قىلسا بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خەلق ئارىسىدا «يېڭىبازار» ۋە «چوڭبازار» دېگەن ناملاردا ئاتىلىدىغان قەشقەر ئوتتۇرا ۋە ئاسىيا بازىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى بىر ئايچە ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى غەيرى-رەسمىي ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتىلەردىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، دائىرىلەرنىڭ بازارنى چېقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە «بازارنى چېقىشقا قارىتا نارازىلىق كەيپىياتى بار» دەپ قارالغان 200-300 چە كىشىنى ساقچىخانىغا ئەكىلىپ سوراق قىلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بىز بۇ ھەپتە ئەنە ئاشۇ سوراقتىن كېيىن ئىز-دېرىكى غايىپ بولغان 100 ئەتراپىدا كىشىنىڭ كىملىكى ۋە ئاقىىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق. قەشقەردىكى دۆلەت ئامانلىق خادىملىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ قېتىم بۇ چوڭبازارنىڭ چېقىلىشى داۋامىدا تۇتۇلغانلار ئارىسىدا دۆلەتباغ تەۋەلىكىدىن كۆپرەك ئىكەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان دۆلەتباغ3 ‏-كەنتنىڭ سېكرىتارى ئۆز كەنتىدىن چوڭ بازاردا ئاياغ دۇكىنى ئاچقان مەخمۇتجان ئابدۇرېھىم ئىسىملىك بىر تىجارەتچىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە ساقچىخانىدا «تەربىيە» ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دۆلەتباغ1 ‏-كەنتنىڭ ساقچىسى، ئۆز كەنتىدىن 5 كىشىنىڭ بۇ بازارغا مۇناسىۋەتلىك سوئال-سوراقتىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بۇ بەش تۇتقۇننىڭ ئارىسىدا بەختاجى ئىسىملىك 18 ياشلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ بار ئىكەن. مەزكۇر كەنت ساقچىسى بەختاجىنىڭ چوڭبازارغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشتە تۇتۇلغانلىقى، تېخىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ «تورغا چىقىش» بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ بەختاجىنىڭ توردا كونكىرېت نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى ۋە قانداق بىر «خاتالىق» ئۆتكۈزگەنلكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى

بىز نۆۋەتتە قەشقەر چوڭبازارنىڭ تولۇق چېقىلىپ بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەشەردىكى سودا-سانائەت ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، قەشقەر چوڭبازارنى زىيارەت قىلىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى خادىم، بۇ ھەقتە ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل خادىملاردىن مەلۇمات سورىغاندىن كېيىن، سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ جاۋابىدا قەشقەر چوڭبازارنىڭ ۋاقتىچە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن كۆرسىتىلمەيدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتكە يېڭىدىن ئورۇنلاشقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن چوڭبازاردىن باشقا جايلارنى كۆرۈشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭغىمۇ ئېنىق جاۋاپ بېرەلمىدى. ئۇ پەقەت بۇ بازارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭلا كۆرۈشىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، قەشقەر چوڭبازارنىڭ چېقىلىشى ھەققىدە خىتاينىڭ رەسمىي ئاخباراتلىرىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىمىزدىن دائىرىلەرنىڭ بازارنىڭ چېقىلىشىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ نەزەرىدىن ئۇزاق تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.