قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدىن كۆپ ساندا ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.09.11
lager-yengisar-qeshqer.jpg سىم تىكەن بىلەن چۆرىدەلگەن لاگېر دەرۋازىسىدىكى خىتاي دۆلەت بايرىقى. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، يېڭىسار.
AFP

قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1‏-دوختۇرخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن ئابدۇقېيۇم تەۋەككۈل ۋە ئەنۋەر ئابدۇكېرىم قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق دوختۇر ۋە خادىمنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان لاگېردا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، دوختۇرخانىنىڭ ئالاقىدار بىخەتەرلىك خادىملىرى دوختۇر ئەنۋەر ئابدۇكېرىمنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، بۇ دوختۇرخانىدىن كۆپ ساندا كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، خىتاينىڭ ئاتالمىش كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى نامىدىكى ئورۇنلىرىنىڭ تىپىك بىر جازا لاگېرى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ؛ بۇ مەركەزلەردە ئۆز كەسپىدە داڭ چىقارغان ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايان قىلىنغان ۋە پاكىت سۈپىتىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانا، يەنى كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ ئۆزىدىنلا 30 دىن ئارتۇق دوختۇر خادىمنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقى قەيت قىلىنغان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دوختۇرخانىغا تېلېفون بېرىپ، ئاۋۋال ئىسمى ئاتالغان ئەنۋەر ئابدۇكېرىم قاتارلىق ئىككى نەپەر خادىمنىڭ نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. دەسلەپتە خادىملار ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئىش-ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ قايسى لاگېردا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدىن كېيىن؛ جاۋابىنى ئۆزگەرتتى ياكى جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى.

مەلۇم بولۇشىچە ئادەتتە كېرەمباغ دوختۇرخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ دوختۇرخانا، قەشقەردىكى ئەڭ قەدىمىي دوختۇرخانا بولۇپ 1934-يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر دوختۇرخانا تور بېتىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئادەتتە داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش، تەربىيەلەش ۋە تەتقىقات قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ دوختۇرخانىنىڭ 3448 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىسى باردۇر. مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ يەنە بىر خادىمىمۇ دەسلەپتە ئەنۋەر ئابدۇكېرىمنىڭ نۆۋەتتە ئىش ئورنىدا يوقلۇقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئارقىدىن بۇ دوختۇرخانىدا 3مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، ئەنۋەر ئابدۇكېرىمنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دوختۇرخانا تور بېتىدە دېيىلىشىچە، بۇ دوختۇرخانا ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئىقتىدارى جەھەتتە ئۇيغۇر رايونى بويىچە 3-، قەشقەر بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا 11 پروفېسسور، 116 ماگىستىرلىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىم؛ 246 نەپەر ئالىي ئۇنۋانلىق دوختۇر مەۋجۇتتۇر. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، مانا مۇشۇنداق داڭلىق بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەشكە تاللانغان ۋە بۇ دوختۇرخانىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دوختۇرنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلىكى مەسخىرىلىك بىر تىلدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىم؛ بۇ دوختۇرخانىدا ئۆزى ئىشلەۋاتقان بۆلۈمدىن كىمنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئەنۋەر ئىسىملىك بىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ ئەنۋەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى، قانداق بىر تەربىيەگە موھتاج كۆرۈلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. دوختۇرخانا تور بېتىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2000 دىن ئارتۇق كېسەل كارىۋىتى بولغان بۇ دوختۇرخانا، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ ۋە خوتەن تەۋەسىدىكى 6 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دوختۇرنىڭ كۆپىنچىسى بىلىپ ياكى بىلمەي سىياسىي مەھبۇس ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى داۋالاپ قالغانلىقى ۋە ياكى ئۇلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان؛ يەنە بەزىلىرى بولسا، دىنىي كەيپىياتى گەۋدىلىك بولغانلىقى ۋە ياكى مىللىي مەسىلىلەرگە بەزى سورۇنلاردا ھۆكۈمەتنىڭ كۈتكىنىدىن پەرقلىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ سالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان. مەزكۇر دوختۇرخانىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر دوختۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى تەكىتلىگەن بولسا، دوختۇرخانا قوغداش بۆلۈمى خادىمى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلاش جەريانىدا، بۇ دوختۇرخانىدا «تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلەرنىڭ كۆپ» ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.