ما شىڭرۇينىڭ سۆزلىرى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلغۇچىلارنى تەربىيەلەش بازىسى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى
2024.09.17
قەشقەردە كونا سىياسەت يېڭى تەدبىر
ئۇيغۇر دىيارىدا تارقىتىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 12-سېنتەبىر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان سېكرېتارى ما شىڭرۇي قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان.
ئۇ، بۇ مەكتەپتە شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسەت تەدبىرلىرىنى، سىستېمىلىق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈنۈملۈك بەرپا قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش توغرۇلۇق مەخسۇس سىياسىي ئىدىيە لېكسىيەسى بەرگەن.
ما شىڭرۇي شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان چارىلىرىنى، بولۇپمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى كۈچلۈك ھېسسىياتى بەرپا قىلىش» نى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسلىق لىنىيەسى قىلىشنى تەكىتلىگەن.
ئۇ، ئوخشاش سۆزلەرنى بۇنىڭ ئالدىدا، 29-ئاۋغۇست كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان 1-قېتىملىق خىزمەت يىغىنىدا قىلغانىدى.
ئۇ بۇ ھەققىدە توختىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» شىنجاڭنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە» دېگەن. ئۇ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەنىدى.
ما شىڭرۇينىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدىن، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ سىمۋولى، ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى قەشقەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپتىن باشلىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. ئۇ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سۆزىدە بولۇپمۇ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك ئېڭىنى تۇرغۇزۇشتىكى ئاچقۇچلۇق توپلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، «بىز يېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن يوليورۇقنى بەرگەن.
ما شىڭرۇي يەنە قانداق بىر ۋەزىيەتنى ياراتماقچى؟
ما شىڭرۇي بۇ نۆۋەت قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا، خۇددى ئىلگىرى نۆۋەتلىك خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى باشقۇرۇشقا قويغان پارتكوم سېكرېتارلىرى مەكتەپتە كەلگەندە قىلغان «شىنجاڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى»، «شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنى بىلەن باغلانغان ئائىلە ئەزالىرى، شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى تەكرارلىغان. ئۇ شۇنىڭدەك «مىللىي ئىتتىپاقلىقنى قوغداش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق مەسىلىلەردە قەتئىي ۋە ئېنىق پوزىتسىيە تۇتۇشىمىز، ھەر خىل خاتا ئىدىيە يۈزلىنىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.» دېگەندەك سىياسەتلىرىنى تەكىتلىگەن. بۇلار يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ، «بىز يېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك» دەپ يوليورۇق بېرىشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
چۈنكى ئۇ سۆزىدە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھەر مىللەت ياشلىرىدا جۇڭخۇا مىللىتى تۇيغۇسى تۇرغۇزۇشنىڭ ئاساسلىق سېپى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى تەسىس قىلىشنى، مەكتەپنىڭ ئىدىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
«شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، يېڭى دەۋردە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تالانتلىقلارغا ئايلىنىشى ئۈچۈن باشلامچى بولۇشى كېرەكلىكى» ھەققىدە ئايرىم توختالغان.
قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئۇنىۋېرسىتېتقا تەرەققىي قىلدۇرۇلدىمۇ؟ يوق قىلىندىمۇ؟
قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى بولۇپ 1962-يىلى قۇرۇلغان. قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلىشنىڭ ئالدىدا، يەنى 2012-يىلى 10-ئايدا ئۆزىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىگەنىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى داڭلىق ئالىي ئىلىم يۇرتلىرىدىن سانىلىدىغان قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى بىردىن -بىر پېداگوگىكا كەسپى ئالىي مەكتىپى ھېسابلىناتتى.
1990-يىللىرىدىلا بۇ مەكتەپ 25 خىل كەسىپ ۋە فاكۇلتېتتىن تەركىب تاپقان، ئوقۇتۇش ھەر جەھەتتە زامانىۋىلاشقان ئالىي مەكتەپ ھەمدە تەتقىقات ئىنستىتۇتى بولۇپ شەكىللەنگەن.
2011-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2013-يىلى 5-ئايدا، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش ھەققىدە رەسمىي كۆرسەتمە بەرگەن ۋە ئىككى مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان. يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى مەكتەپ رايونىغا بۆلۈنگەن. كونا مەكتەپ رايونى يەنى ئەسلىدىكى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى چوڭلار مائارىپى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيە، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقا تەربىيەلەشلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان بازىغا ئايلانغان.
ئۆتكەن 50 يىلدا، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ تۆھپە قوشقان، 60 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى سۈپەتلىك كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ھەر كەسىپتىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ جەمئىيەتكە قوشقان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىشى يەنىمۇ كۈچەيتىلىشى مۇمكىن
ھازىر ئامېرىكادا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيەت ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بويىچە كەش دائىرىدە تەتقىقاتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور ھېنرىك شېجېۋسكى (Henryk Szadziewski)، ئۆزىنىڭ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلىدىكى، ئۇنتۇلماس خاتىرىلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:
«مەن ئىلگىرى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا 199-يىلىدىن 199-يىلىغىچە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغانىدىم. ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن يېتىلگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، پىروفېسسورلار بار ئىدى. دەرسلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئۆتۈلەتتى. ھازىر ئەمدى مەن بىلەن بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلگىنىڭىزدەك قولغا ئېلىندى ياكى لاگېرلارغا قامالدى. ما شىڭرۇينىڭ بۇ مەكتەپتە قىلغان بايانلىرىغا كەلسەك، ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سىياسىتىنى بىۋاسىتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ، رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى ئاساسلىق جىنايەتچىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بايانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەمسىل قىلىدۇ.»
ھېنريىك شېجېۋسكى يەنە ما ڭىشرۇينىڭ يوليورۇقلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنىڭ يەنىمۇ كەسكىن ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«ئادەتتە ئۇنىۋرستېت دېمەك ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىنىدىغان، تالاش تارتىشلارغا يول قويۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان بىر ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەگەر بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ما شىڭرۇينىڭ دېگەنلىرىنى ئورۇندىمىسا ياكى ئۇنىڭغا قارشى ئىدىيەدە بولغاندا قانداق بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭغا قارشى گەپ قىلغانلار ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ. مانا بۇ بۈگۈنكى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋەزىيىتى.»
دوكتور ھېنريىك شېجېۋسكى ئانالىزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ھەمدە تىلىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئارقىلىق، ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتى ياساپ چىقىش ئۈچۈن، يالغۇز بۇ مەكتەپنىڭ ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىلا ئەمەس، ھەتتا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر كەسىپلەردە، ئاساسىي مائارىپتا خىزمەت قىلىپ تۆھپە قوشۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوخشىمايدىغان ئېغىر قىسمەتلەرگە يولۇقتى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى مانا شۇ ئاتالمىش قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەربىيەلىگەن، خىتايغا سادىق خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرى ئارقىلىق قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق نوپۇسنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان جەنۇبنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.»
ئۇيغۇرلارنى «تازىلاش» داۋام قىلماقتا
ئەنە شۇنداق ئۇيغۇر تىلىدا تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا ماھىر نەچچە ئەۋلاد ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى، مائارىپى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان بۇ مەكتەپ، خىتاينىڭ 2000-يىلىدىن كېيىنكى ئاتالمىش قوش تىل ئوقۇتۇشى نامىدا ئاساسلىق كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتايچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشى بىلەن، ئانا تىلدىكى ئوقۇتۇش دەرسخانىلاردىن چېكىنىشكە، غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق تۆھپىكار ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدىكى تازىلاشتا نىشانغا ئېلىنىپ، دەرس مۇنبەرلىرىدىن غايىب بولۇشقا باشلىغانىدى.
قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە 2009-يىلى 5-ئايدا، ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەرنى تولۇقلايدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقىرىلغاندا، يېڭىدىن ئېلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىللەت ئايرىمىسى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايلار 50% نى ئىگىلىگەنىدى. شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك باھانىلەردە قىسقارتىلىپ، ئورنىغا خىتايلارنىڭ قويۇلغانلىقى مەلۇم.
قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلغان 66 يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا، بولۇپمۇ قەشقەردە تۇنجى قېتىم بىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى ئۇنىۋېرسىتېتنى قۇرۇشقا ئىجازەت بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى 2017-يىلىدىن كېيىن بولسا ئۇيغۇر زىيالىي ۋە سەرخىللىرىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان چوڭ تۇتقۇنلاردا بۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ۋە بۇ مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئېغىر كۈلپەتلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
2018-يىلى سېنتەبىردە، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4 نەپەر پىروفېسسورى ۋە مۇدىرلىرىدىن بولغان ئەركىن ئۆمەر، قۇربان ئوسمان، مۇختەر ئابدوغوپۇر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن جازالانغانلىقى دەلىللەنگەنىدى. بۇ جەرياندا يەنە رادىيومىز قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2019-يىلى 2-ئايدا 2 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ما شىڭرۇينىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزلىرىدىكى كونا ۋە يېڭى مۇھىم نۇقتىلارنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئانالىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«دېمەك ما شىڭرۇينىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ قېتىم قىلغان سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، قەشقەر دىيارىدىكى بۇ بىلىم يۇرتىنى نېمە ئۈچۈن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتكەنلىكى ۋە ئەمدى ئۇنى نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇش ئارقىلىق خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارىدىغان ئاسسىمىلياتسىيە، مەدەنىي ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلغۇچىلارنى تەربىيەلەش بازىسىغا ئايلاندۇرغان. بۇ، خىتاينىڭ قەشقەرنى مەركەز قىلغان جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىدە، ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە خىتايلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ يۇقىرى بىر بالداققا چىقىرىدىغانلىقىدىن بېشارەت».
ئاممىغا ئوچۇق ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىر 23 ئوقۇتۇش بۆلۈمى ۋە 71 تولۇق كۇرس كەسپى بار بولۇپ، ئىقتىساد، قانۇن، مائارىپ، ئەدەبىيات، تارىخ، ئىلىم-پەن، قۇرۇلۇش، داۋالاش، باشقۇرۇش، سەنئەت ۋە دېھقانچىلىق قاتارلىق 11 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھازىر 32،000 ئوقۇغۇچى، 1981 ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچى بار بولۇپ، ۋاھالەنكى، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تورلىرىدا، ئۇيغۇرلار نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان قەدىمىي شەھەر قەشقەردە قۇرۇلغان بۇ تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېتتا ھازىر، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتىنىڭ قانچىلىك پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئەمما پەقەتلا خىتايچە تەسىس قىلىنغان مەكتەپ تورىدىكى، مەكتەپ مۇھىتى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئىپادىلەنگەن سۈرەتلەردىن، خىتايلارنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. پۈتۈن دەرسلەر خىتاي تىلىدا بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر تۈركىي تىلىدا دەرس ئۆتۈلگەن ساچىيە ۋە خانلىق مەدرىسى ھەمدە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدەك ئالىي مەكتەپلەر جايلاشقان قەشقەردە ھازىر ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن پۈتۈنلەي چەكلەنگەنىدى.