گوردون چاڭ : «قەشقەرنى سودا مەركىزى قىلىش ئۇيغۇر ئېلىنى مەڭگۈ خىتاي تۇپراقلىرى ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى»

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى، تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە «قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» زور قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ يېڭى پىلان، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى ۋە ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22-ئىيۇن كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 13-نۆۋەتلىك «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى» يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلباغ-قەشقەردە مەدەنىيەت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە «قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» تەرەققىيات يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا خىتاي سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا باشقارمىسىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «قەشقەر يەرمەنكىسى» 2005-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى كۆلىمى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، 23 دۆلەت ۋە رايوندىن ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، خىتايدىكى كارخانىچىلار ئۆمىكى بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىدىكەن. «قەشقەر يەرمەنكىسى» 21-ئىيۇندىن 25-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلگەن. «قەشقەر يەرمەنكىسى» ئالتە يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن بۇ قېتىم كاتتا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يەردىكى ئالتە يىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدا باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان يىللىرىغا توغرا كېلىدىكەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 21-ئىيۇن كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 125 مىليارد 60 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت 100 مىليارد 130 مىليون يۈەن بولغان. ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدە، قەشقەردىكى تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 29 مىليارد 422 مىليونغا يېتىپ، تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن % 23 نى ئىگىلىگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي تاراتقۇلىرىدا قەشقەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىپ، قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات ئورنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. قەشقەرنىڭ ئىچكىرى خىتايغا، ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە جەنۇبى ئاسىياغا تۇتاشقان سودا يوللىرى، خىتايدا سودا ۋە ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەۋزەللىكى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتىنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش دەپ تەشۋىق قىلغان. ئەمما، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان ۋە بۇ رايوندىكى مەسىلىلەر ھەققىدە تەتقىقات قىلىۋاتقان ئانالىزچىلارنىڭ قارىشى تامامەن باشقىچە ئىكەن.

13-نۆۋەتلىك «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى» دىكى زىيارەتچىلەر، 2023-يىلى 21-ئىيۇن، قەشقەر
13-نۆۋەتلىك «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى» دىكى زىيارەتچىلەر، 2023-يىلى 21-ئىيۇن، قەشقەر (Xinhua)

خىتاي ھەققىدىكى تەتقىقاتتا غەرب دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئانالىزچى، «خىتاينىڭ يىمىرىلىشى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى، گەيىتسىتون ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋە مەسلىھەتچىسى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) ئەپەندى خىتاينىڭ قەشقەرنى سودا-ئىقتىساد مەركىزى قىلىشىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈرك خەلقىنى ئۆز ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، خىتاي نوپۇسىنى مۇتلەق ساندا كۆپەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىش. ئۇيغۇر ئېلىنى مەڭگۈ خىتاي تۇپراقلىرى ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ قۇرۇلۇشنى باشلىغان» دېدى.

ئۇ ئۆز كۆز قارشىنى مۇنداق ئىزاھلىدى: «قاراڭ، قەشقەر مۇھىم مەركەز، شۇڭا ئېنىقكى ئۇلار ئۇنى ئۇ يەردە قۇرماقچى. ئەلۋەتتە ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچەيدۇ، چۈنكى ئۇ بىر قەدىمىي سودا يولى. بۇنىڭ ئىككى مۇھىم سەۋەبى بار. ئالدى بىلەن، خىتاي ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈرك ئاز خەلقىنى ئۆز ۋەتىنىدىن يىراقلاشتۇرۇش، خىتاي نوپۇسىنى مۇتلەق ساندا كۆپەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىش. ئۇيغۇر ئېلىنى مەڭگۈ خىتاي تۇپراقلىرى ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇش. شۇنداقلا، مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەشقەر خىتاينى ياۋروپاغا ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق قۇرۇقلۇقتىن تۇتاشتۇرىدىغان قۇرۇقلۇق لىنىيەسى بولغان بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۈگىنى» .

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۈلنار ئەزىز خانىم، «قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قەشقەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشى يىغىنى جەريانىدا ئىمزالانغان مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. بۇلارغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن بولۇپ جەمئىي 600 كىشى قاتناشقان. بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، جەمئىي 162 خۇسۇسىي كارخانا ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ، ھەر خىل تۈردىكى 434 تۈرنى يولغا قويغان ۋە 18 مىليارد 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى نىي جۇاڭ «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى» ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: 2005-يىلدىن باشلاپ، قەشقەر سودا يەرمەنكىسىنىڭ كۆلىمىنىڭ داۋاملىق كېڭەيگەنلىكىنى، تەسىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە «قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ۋە بەخت سائادەت ئېلىپ كۈلىدىغانلىقى» نى دېگەن.

گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ قۇرۇلۇشىنى پىلانلاۋاتقان «قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» پىلانىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كۈلىدىغان تەسىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ، قەشقەردە ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزى قۇرۇش ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلققە كۆپ زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا داۋام قىلىشىغا ياردىم قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈرك خەلقى قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزى قۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەت ئالالمايدۇ. ئاز ساندىكى كىشىلەر بەك ئاز مەنپەئەت ئېلىشى مۇمكىن. قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزى قۇرۇش ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلققە كۆپ زىيان ئېلىپ كۈلىدۇ ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزى قۇرۇش ۋە سودىغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىشىغا ياردىم قىلىدۇ. بۇ قورقۇنچ بىر پىلان. بىز ئۇنى سودا دەپ قارىشىمىز مۇمكىن، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنداق ئەمەس. بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس كىملىكىنى يوق قىلىش. بۇ پەقەت خىتاي مىللەتچىلىكىدىن ئىبارەت. بۇ ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق».

دوكتور گۈلنار ئەزىز خانىم، قەشقەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلىنىشى ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەستىن، ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى قەشقەردە ئازايتىپ، خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى بارا-بارا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوق قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىر پىلانى ئىكەن.

قەشقەر ئۇزۇندىن بېرى چېقىپ ئۆزگەرتىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، مەسچىت، مەدرىسەلەر ۋە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كۆپ قىسمى چېقىپ تاشلانغانىدى. ئىلگىرى رادىيومىز قەشقەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ كۆپلەپ ئىچكىرى خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ يۆتكەلگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.