11-ئاۋغۇست ئەتىگىنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇشى ۋە بىرلىكتە ھېيتلىشىشىدىن كېيىن شۇ كۈنى ئاخشىمى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرلەشمە قۇربان ھېيت كەچلىك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەن پېشقەدەم سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە، ماريلاند ۋە باشقا شتاتلىرىدىن كەلگەن بىر قانچە يۈز ياش ئۇيغۇر بىر يەرگە جەم بولغان بۇ كەچلىك پائالىيەتنىڭ ئىشتىراكچىسى بولدۇم! ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قاتناشقان. تەخمىنەن 150 ئەتراپىدا ئۆز ۋەتىنىدىن، ئاتا-ئانىلىرىدىن، قوۋم-قېرىنداشلىرىدىن يىراقتا ياشاۋاتقان بۇ ياشلار ساماغا چۈشۈپ، ھېيت كەيپىياتلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتى.
كۆپچىلىكنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىگەن يىغىن رىياسەتچىلىرى مۇھاجىرەتتە، ئۆز ئاتا-ئانىلىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن يىراق يەرلەردە ئۆتەۋاتقان بۇ قۇربان ھېيتىنىڭ ياشلارغا قېرىنداشلىق، دوستلۇق، ئۆملۈك تۇيغۇسى ئاتا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى مەسئۇلى قۇززات ئالتاينى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. قۇززات ئالتاي سۆزىدە 8-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆرۈنەرلىك ۋەكىللىرىدىن بىرى، ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ھەم ئۆمۈر بويى ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئابدۇلھەكىم ئىلتەبىر ئەپەندىدىن ئايرىلغانلىقى ھەم شۇ يەردە ئۇنىڭغا ئاتاپ خەتمۇ-قۇرئان قىلىنغانلىقىنى، 11-ئاۋغۇست كۈنى بولسا ئوخشاشلا بۇ جايدا پۈتۈن ئۇيغۇر جامائىتى جەم بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇغانلىقى ھەم ھېيتنى تەبرىكلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ياشلارنىڭ مەزكۇر پائالىيىتىنىڭ بۇرۇن پىلانلانغانلىقى ئۈچۈن ئابدۇلھەكىم باقى پەرزەنتلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلماي ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە ئۆز مىللىتى، ئۆز خەلقى ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان، قەلەم تەۋرىتىپ ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىنى تەربىيەلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەبەدىي ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياشلارنىڭ ھېيتلىق پائالىيىتى ناھايىتى مول سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، قويۇق ئۇيغۇر مىللىي ئۆي ئەنئەنىسى بويىچە گىلەم ئۈستىگە سېلىنغان كۆرپىدە ئولتۇرۇپ، چاي ئىچكەن قىياپەتتە مۇڭلۇق ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئورۇندىغان ياش ھەۋەسكارلارنىڭ ۋە باشقا ناخشىچىلارنىڭ ناخشا ئېيتىش ماھارىتىمۇ يۇقىرى ۋە ئاۋازلىرىمۇ يېقىملىق ئىدى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەزكۇر قۇربان ھېيتلىق كەچلىك پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغۇچى ئامېرىكادىكى يەل ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مۇزىكا كەسپى ئوقۇغان ناخشىچى ۋە مۇزىكانت قەيسەر ئەنۋەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1944-1945-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئاقسۇدىكى كۈرەشلىرىنىڭ يېتەكچىسى، ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەينى ۋاقىتتا ئورۇندىغان «زۆھرە جانىم» ناخشىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغاندا زال ئىچىدە ھاياجانلىق چاۋاكلار ياڭرىدى.
ئەنە شۇ چاۋاك ياڭراتقانلار ۋە ئۇسۇلغا چۈشكەن ياشلار ئارىسىدا شۇ كۈنى ئەتىگىنى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھېيت نامىزىغا ئىماملىق قىلىپ، جامائەتنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا 5 يىل دىنىي ئىلىم ئۆگەنگەن ئەنقەرجانمۇ بار ئىدى. ئەنقەرجان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز دىنىي، مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغدىشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ ئۆزلىرىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردىن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ياشلارنىڭ قۇربان ھېيتلىق پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى قۇززات ئالتاي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر قانچە مىليون كىشىسىنىڭ لاگېرلارغا سولىنىپ، پاجىئەلىك ۋەزىيەتكە دۇچار بولغان، مىللىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكلىرى زەربىگە ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ياشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلىمىگە ۋە خاراب قىلىشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي سەنئىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىدىكى مەنىۋى روھنى كۈچەيتىشنى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «بۇ ئارقىلىق بىز باش ئەگمەيدىغانلىقىمىزنى، روھىمىزنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچىمىز، چۈنكى. خىتاي كومپارتىيەسى بىزنى يىغلىسۇن دېمەكچى، ئەمما بىز يىغلىمايمىز، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىزنى باش ئەگدۈرۈش، تىز پۈككۈزۈشتۇر! ، ئەمما بىز تىز پۈكمەيمىز» دەپ خىتاب قىلدى.
ياش ئىمام ئەنقەرجان بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆملۈكى، بىرلىكىنى كۈچەيتىشتە، يەنىلا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭمۇ سەنئەتنى ۋە مەدەنىيەتنى چەكلىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياشلارنىڭ بۇ قېتىمقى ھېيت پائالىيىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى تارىخىدىكى كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، مەزمۇنلىرىنىڭ موللۇقى، ياش تالانتلارنىڭ قابىلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا قابىل ناخشىچىلار، مۇزىكانتلار، چالغۇچىلار كۈچىنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا زۆرۈر بولغاندا ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياخشى ۋە كۈچلۈك بىر سەنئەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى نامايان قىلدى.
قابىل ناخشىچى مىرزاتنىڭ بىر يۈرۈش مىللىي روھقا ۋە مىللىي پۇراققا تولغان ناخشىلىرى يۇقىرى كەيپىيات ۋە ئىقتىدار بىلەن ئورۇندالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياقا-يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ ئۆتكەن مۇساپىر-يېتىملار ھەققىدىكى ناخشىسىدىكى جەڭگىۋارلىق روھى ياشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
ئاخىرىدا، قۇززات ئالتاي ئەپەندى ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزلىرىنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئانا تىلى، دىنىي، تارىخى ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش، شۇ ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ نىشانلىرى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىش مەسىلىسى ۋە باشقا دىنىي ۋە مىللىي مەسىلىلىرىگە ئائىت كۆپ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئاساسلىقى پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيە، ماريلاند قاتارلىق شتاتلارغا تارقالغان. 2009-يىلىدىن كېيىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ سانى تېز كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، ۋىرجىنىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان.
0:00 / 0:00